پۇتىن ئۇكرائىنادىكى تۆت رايوننى رۇسىيەگە قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى

پۇتىن ئۇكرائىنادىكى تۆت رايوننى رۇسىيەگە قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى

 پۇتىن ئۇكرائىنادىكى تۆت رايوننى رۇسىيەگە قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى30-سېنتەبىر

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 30-سېنتەبىر موسكۋادا رەسمىي بايانات بېرىپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى لۇگانسك، دونېسك، زاپورىجىيا ۋە خېرسون قاتارلىق تۆت رايوننىڭ رۇسىيەگە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. پۇتىن نۇقتىدا يۇقىرىدىكى تۆت رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلىشىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، بۇ رايونلارنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنىڭ شۇ جايدىكى نەچچە مىليون پۇقرانىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بايانات بېرىش مۇراسىمىدا ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ تۆت رايوننىڭ «سايلاپ» چىقىلغان رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە كېلىشىمنامە ئىمزالىدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قاتار ھەرىكەتلىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىردەك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 29-سېنتەبىر بېلەت تاشلاپ ئۇكرائىناغا 12 مىليارد قىممىتىدىكى ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پرېزىدېنت بايدىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ۋەدە بېرىپ مۇنداق دېدى: « مەن ناھايىتى ئېنىق ھالدا شۇ نۇقتىنى تەكىتلەيمەنكى، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەرقانداق قىلمىشلىرىنى مەڭگۈ، مەڭگۈ، مەڭگۈ ئېتىراپ قىلمايدۇ.» 

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى لىز تراس بۈگۈن بايانات بېرىپ ئۇكرائىناغا تەۋە بۇ تۆت رايوننىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى مەڭگۈ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ : « بىز پۇتىننىڭ قانۇنسىز ئېلىپ بارغان بۇ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىمىز» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىنى قانۇنسىز يۇتۇۋالغانلىقىغا قارشى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكى بۈگۈن سوتسىيال مېدىئا سۇپىلىرىدا سىنلىق بايانات بېرىپ ئۇكرائىنانىڭ تېز سۈرئەتتە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىغا رەسمىي قوبۇل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

غەربنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىتا، رۇسىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى، رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مەجلىسىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق كاتتىۋېشى مېدۋېد بايانات بېرىپ رۇسىيەنىڭ زۆرۈر بولغاندا يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن 2022-يىللىق شېۋىتسيە تۇچولسكى مۇكاپاتىغا ئېرشتى

جۈ سېنتەبىر 30 , 2022
ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى تەرىپىدىن ئۆز مىللى كىملىكى ۋە ئەدەبى ئەمگەكلىرى سەۋەبلىك قاماققا ئىلىنغان تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇر پەرھات تۇرسۇن 30-سىنتەبىر كۈنى شېۋتسيەنىڭ تۇچولسكى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشكەن.

You May Like