قازاقىستانلىق ئۇيغۇر كومپوزىتور پولات ھېزىموف «ئەڭ نادىر كومپوزىتور» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 30-ئىيۇن
ئارمان تەييارلىغان
قازاقىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر كومپوزىتور پولات ھېزىموف ئەپەندى «دۇنيا گۈزەللىك بىرلەشمىسى» نامىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلات تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ رۇمىنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا «ئەڭ نادىر كومپوزىتور» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
«دۇنيا گۈزەللىك بىرلەشمىسى»نىڭ ئىجتىمائىي تور بېتىدە چۈشەندۈرۈلۈشىچە، پولات ھېزىموف ئەپەندى 90-يىللاردا ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغىنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 90دىن ئارتۇق ناخشا مۇزىكىلارنى ئىشلىگەن. شۇ يىللىرى ئۇنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «دىيار»، « ياركەنت بۇلبۇللىرى»، «ئاداش»، «لەيلى» قاتارلىق مۇزىكا ئەترەتلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشكەندىن سىرت گېرمانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇزىكا فېستىۋاللىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇر كۈيلىرىنى ياۋروپا تۇپراقلىرىغىچە ئاڭلاتقان. پولات ھېزىموف ئەپەندىم 2005-يىللىرىدىن 2007-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا رۇس تىللىق دۇنياسىدىكى شۆھرەت قازانغان ئۇيغۇر ناخشىچى مەرھۇم مۇرات ناسىروف ئەپەندىم بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇنىڭ ناخشا ئىجادىيەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولغان.
2012-يىلى پولات ھېزىموف ئەپەندىم يېتەكچىلىكىدىكى «ئىرادە» ئۇيغۇر ناخشا ئۇسسۇل ئانسامبىلى ئىسپانىيەنىڭ San Javiera شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق فولكلور مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئالىي دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مەزكۇر ئانسامبىل يەنە 2013 يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق فولكلور مەدەنىيەت فېستىۋالىغىمۇ قاتنىشىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.
پولات ھېزىموف ئەپەندىم 2014-يىلى «تارىم» ئانسامبىلىنى قۇرۇپ چىقىپ ھازىرغىچە شۇ ئانسامبىلنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. مەزكۇر ئانسامبىل قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆزبېكىستان، رۇسىيە، ئاۋسترىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە سەييارە كونسېرتلارنى ئۆتكۈزۈپ يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر شائىرە مەدىناي باۋدۇن خانىم پولات ھېزىموف ئەپەندىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى مۇبارەكلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«قازاقىستاندا ۋە ۋەتەن ئىچىدە تونۇلغان ئۇستا كومپوزىتور پولات ھىزىموفنىڭ گۈزەل ئىجادىيەتلىرى «خەلقئارا گۈزەللىك بىرلەشمىسى»نامىدىكى تەشكىلات تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. بۇ دۇنيانىڭ 70 مەملىكىتىدە ۋەكىلى بولغان مەزكۇر خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر مۇزىكانتىنى مۇكاپاتلىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ خۇشاللىق بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۈيۈك بىر شەرەپتۇر! بولۇپمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى مۇزىكانتلار بىلەن ئالاقىمىز تامامەن كېسىلگەن بۈگۈنكى كۈنىمىزدە پولات ھېزىموف ئۇيغۇر مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن توختىماي شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ گۈزەل ناخشا مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكا ئىجادىيىتىگە پۈتمەس تۈگىمەس تۆھپىسىنى قوشماقتا ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى مانا بۇ گۈزەل مۇكاپات بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلدى.
خىتاي لاگېرىدا جازالىنىۋاتقان گۇناھسىز شائىر، تونۇلغان مۇتەپەككۇر، مائارىپچى، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۈرمە ئىچىدىن چىققان نالە پەريادى« يانارىم يوق» شېئىرىغا جاۋابەن يازغان« يانارىڭ بار» نامىدىكى شېئىرىم ئۈچۈن پولات ھىزىموفنىڭ ئىجاد قىلغان گۈزەل لىرىكىسى بىلەن «يانارىڭ بار» ناخشا تېكىستى ھەممىمىزنى چەكسىز سۆيۈندۈرگەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاتاقلىق مۇزىكانت پولات ھېزىموف ئەپەندىمگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن.»