پىرېزىدېنت ماكرون قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 4-نويابىر

خەلقئارا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۈئەل ماكرون بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا زىيارەتتە بولغان.

«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، 1-نويابىر ماكرون قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە پىرېزىدېنت توقايېف بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى، سودا ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە توختاملارنى تۈزۈشكەن. خەۋەردە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ئۇزۇندىن بۇيان قازاقىستان رۇسىيەنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، ئەمما رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن نېفىت بايلىقى مول بولغان قازاقىستان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېنېرگىيە تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي-ياۋروپا ئوتتۇرىدىكى سودا زەنجىرىدە رۇسىيەدىن ھالقىغان مۇھىم ئۆتكەلگە ئايلاندى.»

قازاقىستان زىيارىتىدىن كېيىن ماكرون سەمەرقەنت شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزايېف بىلەن كۆرۈشكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ماكروننىڭ بۇ قېتىمقى ئۆزبېكىستان زىيارىتى 1994-يىلىدىكى سابىق پىرېزىدېنت فرانسوۋا مېتتېراڭنىڭ زىيارىتىدىن كېيىنكى فىرانسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۆزبېكىستانغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 2-نويابىردىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا كۆتۈرۈشكە قوشۇلغان.

فىرانسىيە مەتبۇئاتى «دۇنيا گېزىتى» ماكروننىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: « ماكرون بۇ قېتىم زىيارەت ئېلىپ بارغان قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەردۇر. بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپلا قالماستىن يەنە ھازىرغىچە رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدا، شۇ ۋەجىدىن بۇ دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىماقتا. قازاقىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ يېتەكلىگۈچى كۈچى دېسەك بولىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە زاپاس بايلىقى مول بولۇپلا قالماستىن ئۇران ۋە ئاز ئۇچرايدىغان مېتال زاپاس بايلىقىمۇ ناھايىتى مول… يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستان تەدرىجىي ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، ياۋروپامۇ كۆپ مىقداردا قازاقىستاندىن نېفىت ۋە ئۇران قاتارلىق ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدۇ. نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستانغا سالغان مەبلىغى خىتاي ۋە رۇسىيەدىن ھالقىپ ئۆتۈپ بىرىنچى نومۇرلۇق مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلانغان. ئۆزبېكىستان بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن زور بولغان يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە. فىرانسىيە تەرەپ ئۆزبېكىستان سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى ھەمكارلىق لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا…»

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بىزدىن ئايرىلغانلار:بارات ھاجىم(ئابدۇللا قاراجىم)تۈركىيەدە ۋاپات بولدى

شە نويابىر 4 , 2023
ئالاقىدار ئۇچۇرلار داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ؛ كونيادا ياشاۋاتقان، پىشقەدەم ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بارات ھاجىم(ئابدۇللاھ قاراجىم )2023-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى. مەرھۇم ھايات چاغدا جامائەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان، ۋەتەنپەرۋەر ياخشى كىشى ئىدى.

You May Like