پارىژدىكى تۈركىيە كونسۇلى ئالدىدىكى قارشىلىق نامايىشى

30دىكابىر كۈنى فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپ كىشىلەر تۈركىيەنىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ ئالدىدا قارشىلىق نامائىشى قىلدى. خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك نامائىش ئادەم سانىغا چەك قويۇلغانلىقىدىن نامايىشقا يىگىرمە ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ئارمان

 

2020-12-30

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 


30دىكابىر كۈنى فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپ كىشىلەر تۈركىيەنىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ ئالدىدا قارشىلىق نامائىشى قىلدى. خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك نامائىش ئادەم سانىغا چەك قويۇلغانلىقىدىن نامايىشقا يىگىرمە ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

 


فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مىرقەدىر مىرزات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە بۈگۈنكى بۇ نامائىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا، بىرىنچىدىن يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان مېدىئالاردىكى خەۋەرلەردە تارقىلىۋاتقان خىتتاي تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش كېلىشىمىگە بولغان نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش، ئىككىنچىدىن بولسا يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان تۈركىيەدىكى خىتتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامائىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ھەمدەمدە بولۇش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامائىش ئىكەن.
نامائىش يەرلىك ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە يېرىم سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، ئاساسلىقى تېنچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. ئەپسۇسكى نامائىش باشلىنىپ ئاخىرلاشقانغا قەدەر تۈركىيە كونسۇلى تەرەپتىن ھېچكىم نامايىشچىلار ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقمىدى. ئاخىرىدا فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى نامىدىن باش كونسۇلغا خەت ئېۋەتىشنى قارار قىلىندى. بىرلىك رەئىسى ئالىم ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە مەركۇز خەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولسا: يېقىندا مېدىئالاردا تارالغان تۈركىيە خىتتاي ئوتتۇرلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى جۈملىدىن فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ئىشقا ناھايىتى كەسكىن تۈردە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى،تۈركىيەنىڭ خەلقارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدى نىزامنامىلىرىغا ئىمزا قويغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرقى كېلىشمنامىنى قەتئىي تۈردە رەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلتىماس قىلغان. شۇنداقلا بارلىق تۈرك خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ زالىم خىتتاي بىلەن ئەمەس ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرسەپتە تۇرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچ قىلغان. خەتتە يەنە فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىگى نامىدىن تۈركىيە كونسۇلىنىڭ بۇ ئىشقا جىددىي تۈردە مۇئامىلە قىلىپ جاۋاب بېرىشىنى كۈتىدىغانلىقى دېيىلگەن.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

«لاگېردىكىلەر قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىككە ئېرىشكەنگە قەدەر!»

جۈ يانۋار 1 , 2021
بۈگۈن خىتاي كونسۇلى ئالدىدىكى پائالىيەتنىڭ 10- كۈنى ئاخىرلاشتۇردى. بىر نەچچە پىداكار ياش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىك، قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان بۇ يولى بۈگۈنكى كۈندە يۈزلىگەن كىشىلەرنى ئائىلىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ھەرقايسى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، سوتسىيال مېدىيالارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكى ئۇستازلارنى، ئوقۇغۇچىلارنى، خەلق ئاممىسىنى ئۇيغۇرلارغا بولغان ئىنسانلىق، مۇسۇلمانلىق، قېرىنداشلىق ۋەزىپسىنى خاتىرلەتتى.

You May Like