پارىژ شەھىرىدە چوڭ كۆلەمدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

پارىژ شەھىرىدە چوڭ كۆلەمدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 3-ئۆكتەبىر

 

 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

 

2-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى پارىژ شەھىرىدە چوڭ كۆلەمدىكى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاساسلىق ئورۇن «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» بولۇپ، 1-ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا نامايىش توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىپ مۇنداق دېگەن: « يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ھەرخىل تىپتىكى نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن، بۇ يىل ئىنستىتۇتىمىز ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە پارىژدا چوڭ تىپتىكى نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدۇق. پارىژنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى: ھازىر ياۋروپادا بىرقانچە دۆلەت پارلامېنتلىرىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارنامىلەر ماقۇللاندى، مەسىلەن بېلگىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە لىتۋانىيە قاتارلىقلار. ئەمما فىرانسىيە پارلامېنتى ياكى ھۆكۈمىتىدىن تېخىچە بىر سادا يوق، شۇ ۋەجىدىن بىز فىرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارنامىسىنى ماقۇللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فىرانسىيەنىڭ ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. شۇڭا بىز بۇ قېتىم پارىژ شەھىرىنى تاللىدۇق.»

 

  

 

 بۈگۈنكى نامايىشقا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قاتناشقاندىن سىرت يەنە فىرانسىيەدىكى بىرقانچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتلىرى، ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى، فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن، موڭغۇل تەشكىلاتلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 2000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى. ئاساسلىقى فىرانسىيەلىك ياشلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان باستىل مەيدانىدىن يولغا چىقىپ جۇمھۇرىيەت مەيدانىغىچە بولغان مۇساپىنى پىيادە مېڭىپ نامايىش قىلدى. باستىل مەيدانىدىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ياش ئارتىسلار تەرىپىدىن ئورۇندالغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىچىك تىپتىكى دراما نامايىشچى ئاممىنىڭ كۆزلىرىنى ياشلىدى.

 لاگېر شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بېكالى ئەپەندىم، گۈلباھار جەلىلوۋا، گۈلباھار خاتىۋاجى، قەلبىنۇر سىدىق خانىملار ۋە نامايىش ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن دىلنۇر رەيھان خانىم قاتارلىقلار نامايىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ ئالدىدا فىرانسۇزچە: « ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توختىتىلسۇن! ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالدى»  دېگەن پلاكاتنى كۆتۈرۈپ ماڭدى، ئارقىدىن مىڭلىغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار، ھەرخىل پلاكاتلار بىلەن قوشۇلۇپ پارىژ شەھىرى كوچىلىرى ئۇيغۇر رەڭگىدە» كۆك» كە بويالدى، « ئۇيغۇرلار يىغلاۋاتىدۇ، فىرانسىيە سەن نەدە؟! دۇنيا نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە؟!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «كامپىلار تاقالسۇن!»  دېگەندەك شوئارلار كوچىلاردىن كۆتۈرۈلۈپ كۆككە ياڭرىدى.

 

 

 نامايىشچى ئامما «جۇمھۇرىيەت مەيدانى» غا يېتىپ كەلگەندە ئالدى بىلەن دىلنۇر رەيھان خانىم سۆزگە چىقىپ مۇنداق دېدى: «  ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، ئالدى بىلەن بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلغان ھەممەيلەنگە كۆپ رەھمەت! سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ئارقىسىدا ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن ئاۋاز چىقارمايۋاتقان فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز! بىزنىڭ بۈگۈنكى يىغىلىشىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئاساسلىق نىشانىمىز شۇنداقلا فىرانسىيەدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز شۇكى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى سورايمىز! بەش يىل بولدى، ئۇيغۇرلار قىرىلىۋاتىدۇ، ھازىر بۇلارنى توختات دەيدىغان ۋاقىت كەلدى! سىلەر دەۋاتقان دېموكراتىيە قېنى؟! فىرانسىيە قېنى؟! ياۋروپا قېنى؟!…مەن سۆزۈمنى ئاددىي قىلىپ يەكۈنلىمەكچىمەن، سىلەرنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلىشىڭلار پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزۈڭلارنىڭ كەلگۈسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ كەلگۈسۈڭلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشۈڭلار مۇقەررەردۇر، چۈنكى يۇقىرى بېسىملىق كۆزىتىش سىستېمىسى بۈگۈن بۇ يەرگىمۇ يېتىپ كەلدى، كەڭ ئاممىنى ھەرخىل دىنىي، جىنسى، مىللىي جەھەتلەردىن كاتېگورىيەلەرگە ئايرىپ كونترول قىلىش سىستېمىسى ھازىر بۇ يەردىمۇ بار، سىلەر ئېنىقلا يۇقىرىدىكى كاتېگورىيەلەرنىڭ بىرىگە كىرىسىلەر، سىلەرنىڭ بۈگۈن بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىڭلار ئەمەلىيەتتە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغىنىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ كەلگۈسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغىنىڭلاردۇر! سىلەر مېنى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغۇچى دەپ بىلىسىلەر،  مەن ئۇيغۇر بولۇشۇمدىن ئاۋۋال بىر ئىنساندۇرمەن، مەن بىر تەتقىقاتچىمەن، خۇددى سىلەرگە ئوخشاش، بۈگۈن مېنىڭ بۇ يەرگە چىقشىمدىكى سەۋەب: چۈنكى مېنىڭ خەلقىم قىرىلىۋاتىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ! ئەمدى بىر فىرانسىيەلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەنمۇ شۇنى دەيمەنكى ئەركىنلىك ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش ھوقۇقۇم بار، سىلەرمۇ شۇنداق، ئەگەر بۈگۈن سۈكۈتتە تۇرساڭلار ئەتە ئەركىنلىكىڭلاردىن مەھرۇم بولىسىلەر! فىرانسىيەنىڭلا ئەمەس دۇنيانىڭ كەلگۈسى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىڭلار كېرەك! سىلەرگە رەھمەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنداقلا ئۆزۈڭلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغىنىڭلارغا رەھمەت!»

 دىلنۇر رەيھان خانىمدىن كېيىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ پارىژدىكى ۋەكىلى، «بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى»، « شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى»، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى»  ۋەكىللىرى، لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە ئۆمەر بېكالى ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كەڭ نامايىشچى ئاممىغا چۈشەندۈردى. ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، بېلگىيەلىك سامۇئەل كوگولاتى (Samuel Cogolati) ئەپەندىم سۆزگە چىقىپ مۇنداق دېدى: « كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ! بۈگۈن بۇ يەرگە بەك كۆپ كىشىلەر يىغىلىپتۇ، بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم!  مەن بۈگۈن سىلەر بىلەن بېلگىيەدىن كەلگەن گۈزەل ھېكايىلەرنى ئورتاقلاشماقچىمەن، بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش نەچچە ئايلاردىن بۇيان بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن كوچا- كويلاردا ھەرخىل پائالىيەتلەرنى قىلىپ بېلگىيە پارلامېنتىدىن «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە تەكلىپلەرنى سۇنغان ئىدۇق، دەسلەپتە كىشىلەر بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دېيىشكەن ئىدى. ئەمما  بۇ يىل ئىيۇنغا كەلگەندە بىز غەلىبە قىلدۇق! بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى،  خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇردۇق! قەدىرلىك دوستلار، سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى! ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەركىنلىك! »

 

 

 ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى، ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رافائېل گلۇكىسمەن (Raphaël Glucksmann) مۇنداق دېدى: « مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن! چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق چوڭ مىدېئا، ھېچقانداق چوڭ سىياسىي پارتىيە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاۋاز چىقارمىدى! سىلەر چوقۇم ئاۋاز چىقىرىشىڭلار كېرەك! فىرانسىيەدە، بېلگىيەدە ياۋروپانىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپ ئاۋاز چىقاردىڭلار! ئېممانۇئەل ماكروڭ قىلىشنى خالىمىغان ئىشنى سىلەر قىلالىدىڭلار! چوڭ جىنايەتكە قارشى سۈكۈتنى بۇزالىدىڭلار! سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز داۋاملىشىشى كېرەك! مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بازارلاردىن يوقالمىغۇچە توختاپ قالمايمىز! ھازىردىن باشلاپ ياۋروپا بازارلىرىدىن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز! ھازىرنىڭ ئۆزىدە فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ گوللاندىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە پارلامېنتلىرىدىن ئۆگىنىپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز! بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە يەرلەردە كۈندە بار، ئىجتىمائىي تورلاردا، كوچىلاردا… پەقەت بىر مەقسەت ئۈچۈن، يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاۋازىمىزنى چىقىرىمىز! فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋاز چىقارغىنىغا قەدەر ھەرىكىتىمىزنى توختاتمايمىز!…..»

 

 

 نامايىشقا فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى، پارىژ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.  شەھەر باشلىقى ئاننى ھىدالگو (Anne Hidalgo)خانىم شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ تۋىتتېرسىدا مۇنداق دەپ يازدى: « شەنبە كۈنىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كوچىغا چىقىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە پۈتكۈل پارىژ شەھىرىمۇ بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەت بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ، » ئۇيغۇر ئۆيى» يېقىندا پارىژ شەھىرىدە پۈتۈپ چىقىدۇ. 12-نويابىر كۈنى پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئۇيغۇر رەڭگى كۆك رەڭگە بويىلىدۇ. ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك». خەۋەر قىلىنىشىچە ھىدالگو خانىم 12- سېنتەبىر ئۆزنىڭ 2022-يىللىق فىرانسىيە پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

 

 

 

 نامايىش فىرانسىيە يەرلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭمۇ يۈكسەك دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، «فىرانسىيە 24 » خەۋەر قانىلى نەق مەيداندىن سۈرەتلىك خەۋەر قىلىپ تارقاتقاندىن سىرت «فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى»، «فىرانسىيە ياۋروپا رادىئوسى» قاتارلىق رادىئو ئىستانىسىلىرىمۇ نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش قىلغان.  

ئەسكەرتىش: رەسىملەر دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فەيسبۇك ۋە ئۇنىڭ تارمىقىدىكى بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنىڭ مۇلازىمىتى ئۈزۈلۈپ قالغان

سە ئۆكتەبىر 5 , 2021
Facobook نىڭ تارمىقىدىكى بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنىڭ مۇلازىمىتى 6 سائەت ئۈزۈلۈپ قالدى

You May Like