20- يانۋار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكىنىڭ 46- نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرىۋالدى. ئەنئەنە بويىچە، سابىق پرېزىدېنتلاردىن كىلىنتون، كىچىك بۇش ۋە ئوباما كېلىپ بۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىدى.

19- يانۋار ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايىك پومپيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېين، دۇنيا تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

ئامېرىكىنىڭ كېلەركى نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى نامزاتى ئانتونى بىلىنكىن 19- يانۋار چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ «مايىك پومپيونىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلغانلىقىغا قانداق قارايسز؟» دەپ سورىغان سوئالىغا: «مېنىڭمۇ قارارىم شۇنداق.» دەپ جاۋاب بەردى.

ۋاشىنگتون كېلىۋاتقان پرېزىدېنت بايدىننىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بىلىنكىن پەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسنىڭ ۋەزىپە مۇقىملاش گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئالدىن ئاشكارىلانغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھېچقانداق ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى ئىدىيەلەرنى مونوپۇل قىلىش ھوقۇقى يوق.

ئافراسياپ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 19- يانۋار چاقماق خەۋەر: ئامېرىكا دۆلىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.         پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ئامېرىكىغا تىكىلىپ تۇرىۋاتقان تارىخىي پەيتلەردە، ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرىدىغان خەۋەردىن بىرسى كەلدى.         ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايىك پومپيۇ ئۆزىنىڭ رەسمىي تۋىتتېر ھېسابىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى […]

پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان دولان ئۇيغۇر رېستورانى دىرېكتورى خەمىت كەرىم ئەپەندى 18- يانۋار كەچتە دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتى، دولان شىركىتىنىڭ قارارى، ئامېرىكا مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى قوغداۋاتقان دۆلەت مۇھاپىزەتچى قىسمىغا دولان رېستورانىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ئەللىك كىشىلىك قازان كاۋاپ، پولو ۋە سالات قاتارلىق تائاملارنى ئېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئامېرىكا دۆلىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

تۈركىيەنىڭ خىتاي باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنۇن 16- يانۋار تۈركىيە تاراتقۇلىرىغا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكى ۋە «بىر خىتاي سياسىتى» پرىنسپىنى بىز قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە بارلىق ۋاستىلار بىلەن كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتى بىلەن مۇناسۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇششنى ئارزۇ قىلىمىز.

فرانسىيە رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە 12- يانۋار خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى، ھەتتا ئۇنى «ۋەھشىي» دەپ ئاتىدى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى ئەنقەرە دوختۇرخانىسدا خىتاينىڭ سنوۋاك شركىتى ئ‍شلەپچىقارغان خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى باش بولۇپ ئۇرغۇزغان.

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان فرانسىيەدە ئائىلىسى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان گۈلباھار خانىم 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قارىمايدىكى بۇرۇنقى ئىدارىسىدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ئۇچۇردا گۈلباھار خانىمنىڭ چوقۇم قارىمايغا كېلىپ پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ۋەتەنگە قايتقان گۈلباھار خانىم ئۆزىمۇ ئويلىمىغان ھالدا پۇت-قولىغا كىشەن سېلىنغان ھالدا ئۈچ يىللىق قاماق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ. فرانسىيەدىكى يولدىشى ۋە قىزلىرىنىڭ توختىماي بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئارقىسىدا، ئاخىرى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېپلوماتىك بېسىملىرى بىلەن 3يىلدىن كېيىن قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن گۈلباھ

ماقۇللانغان ۋاقتى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى يىغىنى 40-نۆۋەتلىك يىغىنى 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ماقۇللىنىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمزا قويۇپ، تەستىقلاپ ۋە ئەزا بولۇپ كىرىشىگە ئېچىۋېتىلگەن.

12-يانۋار ئاۋستىرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تۈركىيىنىڭ ۋېئاننادىكى باش ئەلچىسى ئوزان جەيھۇن(Ozan Ceyhun) بىلەن كۈرۈشتى
ئاۋستىرىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ناھايتى ئاز بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاز بولىشىغا قارىماي

قىرغىزىستان سايلام كومىتېتىنىڭ بۈگۈن جاكارلىشچە، پرېزدېنتلىق سايلىمىدا سادىر جاپاروۋ %79 لىك غەلىبە بىلەن ئۇتقان بولۇپ، ئۆكتەبىردىن بېرى قالايمىقانچىلىققا پاتقان قىرغىزىستاننىڭ سياسىي كېلەچىكى بۇ يېڭى پرېزدېنت بىلەن ئەسلىگە قايتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. سادىر جاپاروۋ 1968- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ

ئەنگىلىيە رادىئو شركتى ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6- دېكابىر ئەنگىلىينىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك سېتىش شىركىتى ماركس ۋە سپەنسىر ئۆزىنىڭ ئ‍ۇيغۇر دىيارىدا ئ‍شلەنگەن ھەر قانداق پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئ‍ىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى تۋىتتېردا خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ «رادىكاللىقنى يوقىتىش – شىنجاڭدىكى ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بەردى» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى تارقاتقان بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر ئۇلانما ئۈستىگە «تەتقىقات شۇنى كۆرسەتتىكى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كاللىسى ئازات قىلىندى

6- يانۋار دۆلەت مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىردەك بۇ زوراۋانلىقنى بىر تارىخىي جىنايەت دەپ ئەيىپلىدى.

تېسلا (Tesla) ۋە بوشلۇق تېخنىكا شركىتى (Space X ) قۇرغۇچىسى ئىلان ماسك (Elon Musk ) نىڭ بايلىقى تىز سۈرئەتتە ئېشىپ، تور سودا شركىتى ئامازون (Amazon ) قۇرغۇچىسى جىف بىزەستىن ھالقىپ، بىرىنچى بايغا ئايلاندى.

6- يانۋار سايلام نەتىجىسگە قارشى تۇرغۇچىلار دۆلەت مەجلىسگە بۆسۈپ كىردى. بۇ ۋەقە ئامېرىكا ۋە دۇنيادا ناھايتى كۈچلۈك تەسر قوزغىدى. دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچى ئەزالىرى ئوخشاشلا بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىپلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋۇخەنگە بېرىپ،خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشىنى رەت قىلىپ، ئۇلارغا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بېرىشكە قارشى تۇرغان.