9- ماي ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ يۈزىگە توختىماي ئۇرغان كۆرۈنۈشى كەڭ تارقالدى. بۇ قىسقا فىلىم بىر كۈن ئىچىدە فەيسبۇك، ئىنستاگرام، تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ تۋىتتېر سۇپىسىدا ئىنگلىزچە، تۈركچە، فىرانسۇزچە، ئەرەبچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ تارقىتىلدى، كۆپلىگەن قېتىم ھەمبەھىرلەندى.
تۈركىيە پرېزدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پۈتۈن دۇنيانى ئىسىرائىلىيەگە قارشى ھەرىكەت قوللىنشىقا چاقىردى. ئەردوغان تۋىتتېر ۋە باشقا تاراتقۇلارغا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق جاكارلىغان: «ئىسلام دۆلەتلىرى باشتا بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيانى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا، قۇددۇسقا ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارشى تەسرى بار شەكىلدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە چاقىرىق قىلىمەن.»
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەييارلىدى بۈگۈن، يەنى مىلادى 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ دۆلەت گېزىتى دەپ ئاتىلىدىغان “Daily Telegraph” (تېلېگراف كۈندىلىك گېزىتى) نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سوفئا يەن بېيجىڭدىن مەزكۇر گېزىتنىڭ يەكشەنبە كۈنلۇك سانى “The Sunday Telegraph” گېزىتىنىڭ 13-بەت “دۇنيا خەۋەرلىرى سەھىپىسى” گە تۆۋەندىكىدەك تېمىدا مەزكۇر گېزىتتا كەم ئۇچىرايدىغان بىر پارچە خەۋەر […]
10- ماي دۈشەنبە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېچىلماقچى بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىنغا قارىتا بايانات بەرگەن.
«فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى» خەۋىرى: خوڭكوڭ «ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ دوكلات قىلىشىچە، بايدىن 6- ماي لۇئىسىئانا شىتاتىغا «ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش لايىھىسى» نى ئومۇملاشتۇرغىلى بارغان. ئۇ چارلىز كۆلىدىكى كالكاسىي دەرياسى كۆۋرۈكى (Calcasieu River Bridge) نىڭ ئالدىدىكى لېكسىيەسىدە، ئامېرىكىدا بۇنداق جىددىي رېمۇنت قىلىشقا تېگىشلىك كۆۋرۈكتىن نەچچە مىڭىنىڭ بارلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى مەبلەغ سېلىشقا سەل قاراپ، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيىسىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى، خىتاينىڭ بولسا تېز يېتىشىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.
«ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ.» دېگەن ئەقىليە سۆزى بار. چۈنكى ئايال دېمەك — ئانا دېمەكتۇر، ئايال دېمەك — نەسىللەرنىڭ داۋام قىلىشى، مەۋجۇتلۇقنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى دېمەكتۇر .ئايال — تارىخ بىلەن بۈگۈننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك، ھاياتلىققا بېرىلگەن مەنا، ئىشەنچ ۋە سۆيگۈ بۇلىقىدۇر.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشچە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىملىق يېغىنغا قاتنىشش – قاتناشماسلىقى ئۇلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى قوللاپ كەلگەن رەزىلىك ماھىيتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار دوپپا مەدەنيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ، خىتايغا نارازلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان 5- ماي كۈنى توردا تارقالغان «خيالىمدىكى خىتاي» ناملىق رەسىم مۇسابىقىسى ھەققىدىكى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىرلىشپ ئۆتكۈزگەن پائالىيتى پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرك خەلقى ئارسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.
ئېيى پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى سەرۋەت ھالى خانىم: «زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەبرىكلىيەلمىگەن، 2009- يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ئارزۇسى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» غا مۇبارەك بولسۇن. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، ھۆرلىكىنى تەبرىكلەيدىغان كۈنلەر يېقىندۇر.
فوكس تېلېۋزىيەسى خەۋەرلىرى داڭلىق مۇخبىرى بىنجامىن خال تۋىتتېردا دوپپا بايرىمىغا ئائىت رەسمنى ئورتاقلىشپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقاندا، بۇنداق بىر كۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەش، قوللاش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ بۈگۈن تۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەزكۇر كۈندە كەلگەن، خىتاي زۇلۇمى سەۋەبلىك تەبرىكلىنەلمىگەن دوپپا بايرىمىنى، ئەركىن تەبرىكلەيدىغان كۈنلىرىنىڭ كېلىشنى تىلەش بىلەن تەبرىكلەيمەن.
دوپپا بايرىمىنى قوللاپ، تۇنجى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئۇستازلاردىن ئىمىن تۇرسۇن، يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قاتارلىقلار ۋاپات بولدى. ئابدۇبەسر شۇكۇرى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، راھىلە داۋۇت قاتارلىقلار خىتاي تۈرمىسدە؛
ياۋروپا پارلامېنتى ئىجرائىيە مۇئاۋىن ئەمەلدارى ۋالدىس دومبروۋسىكىس(Valdis Dombrovskis) 4-ماي سەيشەنبە كۈنى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيانقى ياۋروپا – خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ كۈنسىرى يىرىكلىشىۋاتقان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەبلەغ كېلىشىمىنىڭ ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئەنگىلىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بېلىنكىن ساھىپخان دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاپ بىلەن كۆرۈشتى. ئېلان قىلىنغان باياناتتا دىيېلىشچە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە خىتاينىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسگە خىلاپلىق قىلىشغا يول قويمايدۇ .خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىدۇ.
شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ تۈركچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى.
ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- ماي
4-ماي سەيشەنبە سائەت 12دىن باشلاپ بېلگىيە پايتەختى بريۇسېلدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار، پارلامېنت بىنالىرى ئورتاق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تور مۇلازىمەت سۇپىسى Belnet كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بېلگىيە <<ئەركىن>>(La Libre ) گېزىتىنىڭ شۇ كۈنلۈك خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك پارلامېنتتىكى ئېچىلماقچى بولغان بارلىق يىغىنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە شۇ كۈنى ئېچىلماقچى بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھازىر تۈركىيە چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەكلىپلىك، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتۇر ھاجى قۇتلۇك قادىرى تەرپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «كۆكتۈركلەردىن كەلگەن ياپون تىلى» (GÖKTÜRKLERDEN GELEN JAPON DİLİ) ناملىق 686 بەتلىك ئاكادېمىيىلىك ئەسەر تۈركىيە سونكاگ نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى.
سانائەتلەشكەن 7دۆلەت(ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە) مىنىستىرلار دەرىجىلىك يىغىنى 3-ماي لوندوندا باشلاندى.