مالىيە بالانىس جەدىۋىلىدىكى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن كىيىن ،خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مالىيە مۈلۈكلىرىنى باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاگاھلاندۇرغان.

پەلەستىن پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق رەشىدە تالىب (Rashida Tlaib)ۋە سومالى پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ئىلخان ئۆمەر Ilhan Omar)) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سايلانغان تۇنجى مۇسۇلمان ئاياللار بولدى.

سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خەلقئارا جەمىيەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى قاتتىقراق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرماقتا. خىتاي «مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغان، ئىرقىي جەھەتتىن كەمسىتكەن» دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

بېيجىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى تېررورىزمنىڭ ئافغانىستاندىن كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى ئېتنىك توقۇنۇشلار ئافغانىستاننىڭ تېخىمۇ مۇقىمسىز بولۇشىغا ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇش نىشانى بولغان ئۇيغۇر ياشلارنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلماقتا.

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ش ئۇ ئا ر رەئىسى شۆھرەت زاكىر خىتاينىڭ يىراق غەرب شىمالىدىكى ئون مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان رايوندا «تېرورلۇققا ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» ئۈچۈن لايىھىلەنگەن «كەسپى مائارىپ ۋە تەربىيلەش پروگراممىسى» نىڭ مەۋجۇدلۇقىنى جەزملەشتۈردى. بۇ ئېتىراپنامە خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى نامىدا بىر پۈتۈن مىللىي ۋە دىنىي گۇرۇپپىنى سېستىمىلىق ھالدا نىشانلىغانلىقىغا بولغان گۇماننى تېخىمۇ كۈچلۈك دەللىلىدى.

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتىپاقى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى 26-ئۆكتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزىشىگە قارىتا بەرگەن باياناتىنى قوللايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەچچە ئايغىچە كۈچلۈك ئىنكار قىلغاندىن كىيىن، ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۇيۇقسىزلا ئىتراپ قىلدى. ئەمما ، ئۇلار جەمىيەت مۇقىملىقىغا خەۋىپلىك تونۇلغان كىشىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى » تەتىللىك تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ يىقىملىق تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن نامايەن قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

25- ئۆكتەبىر، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى خىتايغا ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ يىل ياپونىيە – خىتاي تىنىچلىق كىلىشىمى ھازىرلىغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولۇپ، ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنزو ئابى بېيجىڭدا خىتايغا 40 يىلدىن بۇيان بىرىپ كىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىدىغانلىقىنى جاكارلىماقچى بولغان. دۇنيا بويىچە ئۈچىنجى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئىقتىسادىي ياردەم بىرىپ كىلىۋاتقانلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ: «ياپونىيەنىڭ خىتايغا بەرگەن ھۆكۈمەت مەبلىغى خىتاينىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئى

26-ئۆكتەبىر ئامېركا پارلامىنتى خىتاي ئىشلىرى كومېتىتى(CECC) تىۋېتتېر ئىجتىمائى ئالاقىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ پروفېسور ئىلھام توختىنىڭ 25- ئۆكتەبىر كۈنىدىكى تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائىتىنىڭ سەمىگە سالدى. ھەمدە خىتاي رىجىمىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر 25-ئ‍ۆكتەبىر ياپۇنىيەدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىساد گېزىتى (産経新聞 ياپۇنىيەدىكى نوپوزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاغا بولغان ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىكى باستۇرۇشى ھەققىدە توختۇلۇپ، «ناتسىس گېرمانىيە ھۆكۈمدارى گېتلىرنىڭ يەھۇدىيلارنى باستۇرۇشىدىنمۇ ۋەھشىي بولغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە «ئامېرىكا بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن كۆزىنى ئاچتى، ياپونىيەمۇ ئامېرىكا بىلەن بىللە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىشى لازىم» دېدى

خىتايدىكى ئاز سانلىق ھېساپلىنىدىغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمىئەتنىڭ قىززىق نوقتىسى بولىۋاتقان مەزگىلدە، چەتئەلدىكى سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىدىغان يېڭى بىر تەشكىلات توكيودا قۇرۇلدى ۋە ھەم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا چەتئەل نېفىت ئىمپورتىغا ئېغىر تايىنىپ قالغان يىللىرى، دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى شۇ ئاساستا چىقىش قىلىشقا مەجبۇرلانغانىدى. 1970-يىللىرىنى ئەسلەپ باقساق، بولۇپمۇ 1973~1974-يىللىرىدىكى ئەرەب نېفىت ئېمبارگوسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مەۋجۇدىيتىگە تەھتىد ئېلىپ كېلىشى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئوپېك«نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى»نىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ ئامېرىكا بۇنىڭ ئاسارىتىدىن تېخى تۇلۇق قۇتۇلغىنى يوق. تۈركىيەدىكى سەئۇدىي كونسۇلىدا قەسىتلەنگەن جامال قوشۇقچى توغرىسىدا دانولد تىرامپنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستانغا قارشى بىر قا

ھەرقانداق دۆلەتتە مەركىزى بانكا پۇل بېسىپ چىقىرىش، كرېدىت ۋە پۇل سىياسىتىنى بەلگىلەش، بانكىلارغا بانكا بولۇش ، پېرىۋوت نىسبىتىنى كونتورول قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ساغلاملىقنى بەلگىلەيدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىش قاتارلىق فونكىسىيەلەر بىلەن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ماتورى ھساپلىنىدۇ. تەرەققىي قىلغان ، ئىقتىسادىي كۈچلۈك ئەللەردە مەركىزى بانكا مۇستەقىل خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بانكا باشلىقىنىڭ ئوقۇش تارىخىي، كەچمىش خىزمەت تەجىربىسى ۋە نۇتۇقلىرىغا قاراپ شۇ دۆلەتنىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئاڭقىرغىلى بولىدۇ. خىتاي خەلق بانكىسى خىتاينىڭ مەركىزى بانكىسى بولۇپ، بۇ

ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر شىنزۇ ئابى ئەپەندى ،

قىلماقچى بولغان خىتاي سەپىرىڭىزدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىرىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈمۈد كۈتمەكتىمىز. چۈنكى ياپونىيەنى ئاسىيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋەئەڭ دېموكىراتىك دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاسىيادىكى خەلقئ‍ارا ۋە رايون خارەكتىرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايمىز ۋە بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغۇدەك كۈچ ۋە ئادالەت تۇيغۇسىغا ئىگە دەپ ئىشىنىمىز

2016- يىلى 7- ئاينىڭ 15-كۈنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان سىياسى ئۆزگىرش ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ بۇرلۇش نوقتسىدۇر. ئەسلىدىنلا بارغانسىرى يىركلىشىشكە قاراپ مېڭۋاتقان تۈركىيە ۋە غەرب مۇناسىۋىتى ، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى تۈركىيە ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ، بۇ سىياسي ئۆزگىرشتىن كىين رەسمىي تۈردە يامانلاشتى. چۈنكى ئەردوغان ھۆكۈمىتى بۇ قېتملىق سىياسي سۈيقەستنى ئامېرىكىدا پاناھلىنىپ تۇرۋاتقان دىني لىدىر فەتۇللاھ گۈلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ قىلدى دەپ قارىدى

ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پىروجەكتىنىڭ ساھىپخانىلقىدا «داۋا ۋە ئىستىراتېگىيە» تېمىلىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ بارماقتا. 2017-يىلىدىن ئېتىۋارەن نەچچە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك تىللىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا مەھكۇم قىلىندى.

يېقىندىن بۇيان شەرقى تۈركىستاندىن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بەك كۆپ خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ. تولىمۇ ئىچىنىشلىقى شۇكى، بۇ خەۋەرلەر شەرقى تۈركىستان بىلەن ئالاقىدار بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئىنساپلىق بىر قانچە تاراتقۇلارنىڭ كۈنتەرتىپىدىن تېخى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىلمىدى.

خىتاي دۆلىتىنىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) رايونىدا مىلىيونلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنى يۇيۇش قارا نىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، يېڭىچە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت لاگىرلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.