ئۆزىڭىزنى پاكىز دەپ قارامسىز؟

ماتېرىيال سۈرەت

    سىز ئۆزىڭىزنى پاكىز دەپ قارامسىز؟ ياستۇق قېپىڭىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر ئالماشتۇرىسىز؟ گىرىم چوتكىڭىزنىچۇ؟ كومپىيۇتېر كۇنۇپكا تاختىڭىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر تازىلايسىز؟ تۆۋەندە ئەنگلىيە تازىلىق مۇتەخەسسىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقايلى، چوقۇم ھەيران قالىسىز.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر بەرگەن: گىرىم چوتكىسىنى مەخسۇس يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك، ئەگەر مەخسۇس يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بولمىسا، ئورنىغا چاچ يۇيۇش سوپۇنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. تەنھەرىكەت كىيىمىنى 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئىلمان سۇدا يۇيۇش كېرەك. يىپەك كىيىملەرنى بىر قېتىم كىيىپ بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك. سومكىنى ھەپتىدە بىر قېتىم چوتكىلاش كېرەك.

    كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىنى مەينەتچىلىكنىڭ ئۇۋىسى دېيىشكە بولىدۇ، شۇڭا چوقۇم ھەپتىدە بىر قېتىم تازىلاش كېرەك، كۇنۇپكىلار ئارىسىنى ھاۋا پۈركۈگۈچ بىلەن تازىلىغاندىن كېيىن، ئاندىن دېزېنفېكىسيەلەنگەن قەغەز بىلەن سۈرتۈش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    كارىۋات سېلىنچىسىنى كۈندە چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن بىر قېتىم تازىلاش كېرەك، كارىۋات كىرلىكىنى ھەپتىدە بىر قېتىم، ياستۇق قېپىقىنى بىر كۈن توختاپ بىر كۈن يۇيۇش كېرەك. ئىشىك تۇتقۇچىنى ھەپتىدە بىر قېتىم دېزېنفېكىسيەلەنگەن قەغەز بىلەن سۈرتۈش كېرەك. ئاشخانا ئۆيدىكى ئەخلەت چېلىكىنى ھەپتىدە بىر قېتىم ئىلمان سوپۇن سۈيى بىلەن يۇيۇش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    بولكا پىشۇرىدىغان ئۈسكۈنىنى ھەپتىدە بىر قېتىم تازىلاپ بولكا ئۇۋاقلىرىنى چىقىرىۋېتىش، ئاندىن ھۆل لاتا بىلەن سۈرتۈۋېتىش كېرەك. تازىلىق ئۆيىدىكى تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سېلىنچىنى  ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن قۇرۇتۇش، ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك. لۆڭگىنى بىر كۈن توختاپ بىر كۈن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئىلمان سۇدا يۇيۇش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىلارنىڭ تىۋىتلىق ئويۇنچۇقلىرىنى ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك، بۇ خىلدىكى ئويۇنچۇقلارنى بىر كېچە توڭلىتىپ قويسا توزانسىمان سالجىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئويۇنچۇقلارنى ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيۇش، قاچا ۋە داسلارنى بىر كۈن توختاپ بىر كۈن ئىسسىق سۇدا يۇيۇش، سېلىنچىلارنى ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

پىسخىكىڭىزدا مەسىلە بولسا سىز مەڭگۈ بىر مەغلۇبىيەتچى

پە ئاپرېل 26 , 2018
ئەمەلىيەتتە قانداقلا ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر، پىسخىكىڭىزنى تەڭشىمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتى ئەسلا ياخشى بولمايدۇ. كەيپىياتىڭىز دائىم ناچار بولسا، تۇرمۇش ۋە خىزمىتىڭىزدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئەقلىي-ئىدراك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ بولالمايسىز.

You May Like