ئوتتاۋا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قانۇن لايھەسىنى ماقۇللاشقا چاقىرىلدى

خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ پېيۋۇنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان ( ئۇيغۇرىستان) ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدىكى قوپال ئاگاھلاندۇرۇشى كانادادىكى جەمئىيەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان . 19- ئۆكتەبىر كانادادىكى 10 غا يېقىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە 200 دىن ئارتۇق ئامما خىتاينىڭ ۋانكۇۋېردىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئوتتاۋانى شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايھەسىنى ماقۇللاش، كانادانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرگە خىتايغا قارشى ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، خىتايدا تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر كانادالىقنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرغ

ئەلكىزەر
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-10-20

 

خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ پېيۋۇنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ  ۋە شەرقىي تۈركىستان ( ئۇيغۇرىستان) ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدىكى قوپال ئاگاھلاندۇرۇشى كانادادىكى جەمئىيەتلەرنىڭ  كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان . 19- ئۆكتەبىر كانادادىكى 10 غا يېقىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى  ۋە 200 دىن ئارتۇق ئامما خىتاينىڭ ۋانكۇۋېردىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئوتتاۋانى شەرقىي تۈركىستان  ۋە خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايھەسىنى ماقۇللاش، كانادانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرگە خىتايغا قارشى ئورتاق تاقابىل  تۇرۇش، خىتايدا تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر  كانادالىقنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان.

 

 بۇ قىتىملىق نامايىشنى ۋانكۇۋېر ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان  بولۇپ، نامايشقا ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇق، فىلىپىنلىق، ھىندىستانلىق ۋە ۋېيتناملىق قاتارلىق ئوخشىمىغان مىللەت ۋە  تەشكىلاتلىرىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. ئۇلار يەكشەنبە كۈنى چۈشتە ۋانكۇۋېر سەنئەت سارىيىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ، ۋانكۇۋېردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا قاراپ يورۈش قىلغان.

 

ۋانكۇۋىر ئۇيغۇر جەمئىيتى رەئىسى شەرىنە نۇرئەلىنىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ قېتىملىق نامايشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خىتاينىڭ «ئۇرۇش بۆرىسى دىپلوماتيسى» گە قارشى تۇرۇش، خىتاينىڭ كاناداغا تەھدىت سېلىشغا قارشى تۇرۇش، كانادالىقلارنى تۇرۇۋاتقان رايونلىرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئامېرىكىغا ئوخشاش «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» لىرنى  ماقۇللاشقا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىش ئىكەن.

 

كانادا «پۇقرالار كۈچى جەمئىيىتى» نىڭ  قۇرغۇچىسى ۋاڭ لۇنىڭ سۇڭ پېيۋۇ دېگەن سۆزلەردىن ئىنتايىن ئاچچىقلانغان بولۇپ، ئۇ ھەربىر كانادالىقنى ئۇنىڭ سۆزىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «كانادا ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەت، خىتاي نېمىگە ئاساسەن كانادانىڭ خوڭكوڭدىكى  مۇساپىرلارنى قوبۇل قىىلش ئىشلىرىغا ئارىلىشدۇ؟ خوڭكوڭدىكى 300 مىڭ كانادالىق نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىش تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ؟» ئۇ پارلامېنت ئەزالىرىلا ئەمەس بەلكى ئۆلكە، شەھەر پارلامېنت ئەزالىرىنىمۇ سۇڭ پېيۋۇ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ يەنە: «سىزنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قايسى قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سز كانادانىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق يوسۇنى ئارقىلق سايلانغان بىر ۋەكىل، سىز كانادانىڭ قىممەت قارىشى ئۈچۈن دەس تۇرۇشىڭىز ۋە ئۇنىڭغا ئاۋاز چىقرىشىڭىز لازىم.

 

كانادادىكى ئۇيغۇر جەمئىيتى ۋە  كانادادىكى 120 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دىنىي  ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئالدىنقى ھەپتە ئورتاق ھالدا كانادا باش مىنىستىرى ترۇدوغا خەت ئەۋەتىپ، ئوتتاۋادىن شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك ئاز سانلىق مىللەتلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان .

 

خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئېلىندى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئۆتمۈشتىكى جانغا زامىن بولغان ۋابالار

چا ئۆكتەبىر 21 , 2020
يۇقۇملۇق كېسەل ئادەتتە ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. بىرى ۋىرۇس خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، يەنە بىرى بولسا باكتېرىيە خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بۈگۈنكى ختاي ۋىرۇسى دەل ۋىرۇس خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ۋابا ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بارلىققا كېلىشتىن باشلاپ ئىنسانلار ۋابا بىلەن كۈرەش قىلماقتا.مەن تۆۋەندە ئىنسانلار تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بىر قانچە ۋابانى تونۇشتۇرماقچى.

You May Like