ئوسلودا «لاگىر قۇربانلىرى تەزىيە نامايىشى» ئۆتكۈزۈلدى.

5-ئاينىڭ 26-چېسلا بۈگۈن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «لاگىر قۇربانلىرى تەزىيە نامايىشى» ئۆتكۈزۈلدى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-27

 

5-ئاينىڭ 26-چېسلا بۈگۈن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «لاگىر قۇربانلىرى تەزىيە نامايىشى» ئۆتكۈزۈلدى.

بىز بۇ ھەقتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ۋە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سەمەت ئابلا ئەپەندىمنى تېلېفۇن زىيارىتى قىلدۇق.

سەمەت ئابلا ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قېتىملىق نامايىش بۇ ئاي ئىچىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق نامايىش ئىكەن.

سەمەت ئابلا ئەپەندىم بۇ قېتىملىق نامايىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:  «بۇ خىلدىكى پائالىيەت خەلقئارادا «Mock Funeral» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ،سىمۋوللۇق دەپنە مۇراسىمى، تەزىيە بىلدۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بەزى ئىنسانلارنىڭ بىر خىل خاتا سىياسەت ياكى زۇلۇمنىڭ قۇربانى بولۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئەھۋال ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى باشقا كىشلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرگە  بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشىمىزنى ئۇيغۇر ئالىمى، ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان ئىدى .مەقسەت :ئەتە 27-ماي ئوسلودا باشلىنىدىغان «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» ناملىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققىتىنى شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىدا  ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ساندا ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىدە تۇرىۋاتقان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزغا تارتىش ئىدى».

سەمەت ئابلا ئەپەندىم «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى »يىغىنى توغرىسىدا تولۇقلاپ مۇنداق دېدى :«بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مىڭ نەپەر ئەتراپىدا كىشىلىك ھوقۇق بىلەن شۇغۇللانغۇچى مەشھۇر شەخسىلەر كىلىدىغان بولۇپ ،ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلاردىن نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى ۋە مۇھىم سۆز قىلىدۇ،بۇ قېتىملىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى »يىغىنىنىڭ بىر مەقسىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈش ئىكەن .شۇڭا بىز جىددى تەييارلىق قىلىپ يىغىنغا كەلگەن قاتناشقۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشتۇق .بۇ قېتىملىق نامايىشتا بىز بىر جىنازا ياسىدۇق، ھەم كىيىم كېچەكلەرگە تەزىيە كىيىملىرىنى كەيدۇق .جىنازىنىڭ ئارقىسىغا «never again »دېگەن خەتلەر يېزىلغان بايراقلارنى قويدۇق ،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىكى توغىرسدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ ھازىر بولاۋاتىدۇ ! بۇ نېمە ئىش دېمەكچى بولدۇق ؟ بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى .چۈنكى نامايىش مەيدانى يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان مېھمانخانىغا يېقىنلا ئىدى».

ئاخىردا سەمەت ئابلا ئەپەندىم نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بۇلارنىڭ رامزان  ئېيىدا تۆت قېتىم نامايىش قىلىپ بىرى زالىملار بىلەن كۈرەش قىلسا يەنە بىرى تېخىمۇ كۈچلىنىش ئۈچۈن ئۆز نەپىسى بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

سىيىت تومتۈرۈك ئەپەندىمدىن جىددى ئىپتار چاقىرقى

دۈ ماي 27 , 2019
شەرقى تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تومتۈرۈك ئەپەندىم 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بۈگۈن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى ساختا ئىپتار پائالىيتىگە قارشى ئىپتارغا جىددى چاقىرق قىلدى.

You May Like