ئون مىڭ كىشىلىك فىستىۋالدا «تۈركىستان كىچىسى» يۈرەكلەرنى يىغلاتتى

16_قېتىملىق خەلىقئارالىق ئانادولۇ تۈركلىرى مەدەنىيەت سەنئەت فېستىۋالى 30_ئاۋغۇسىت تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە باشلىنىپ ،9_ سىنتەبىر ئاياغلاشتى. فېستىۋالغا شەرقىي تۈركىستان ،قازاقىستان ،قىرغىزىستان ،ئۆزبەكىستان ،تۈركمەنىستان ،ئەزەربەيجان ،قىبرىس قاتارلىق تۈرۈك دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن گۇرۇپپىلار قاتناشتى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى تەييارلىغۇچى: سەدەف 2019-9-9

    16_قېتىملىق خەلىقئارالىق ئانادولۇ تۈركلىرى مەدەنىيەت سەنئەت فېستىۋالى 30_ئاۋغۇسىت تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە باشلىنىپ ،9_ سىنتەبىر ئاياغلاشتى. فېستىۋالغا شەرقىي تۈركىستان ،قازاقىستان ،قىرغىزىستان ،ئۆزبەكىستان ،تۈركمەنىستان ،ئەزەربەيجان ،قىبرىس قاتارلىق تۈرۈك دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن گۇرۇپپىلار قاتناشتى. ھەرقايسى رايۇنلاردىن كەلگەنلەر ئۆز چىدىرلىرنى ئۆزلىرنىڭ يەرلىك ئۆرپ ئادەتلىرى بۇيىچە بىزىدى، پائالىيەتكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىمۇ ئۆزلىرىگە تەۋە پائالىيەت ئۈيىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي قولھۈنەر بۇيۇملىرى ۋە مىللىيچە سىموۋۇللۇق كىيىم كىچەكلەر بىلەن تاملارنى بولسا شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى، تارىخى ۋە مەدەنىيەت يۇقۇتۇشلىرى تەسۋىرلەنگەن فوتۇ _سۈرەت بىلەن بىزەپ، فېستىۋالغا كەلگەن پۈتۈن مىھمانلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

   

 

ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۈيىگە كىرگەن ھەربىر ساياھەتچىگە ۋەتىنىمىزنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ھازىرقى زۇلۇم ئەھۋالى يېزىلغان تەشۋىقات ۋاراقچىللىرى تارقىتىلدى، فېستىۋالنىڭ 8-كۈنى شەرقىي تۈركىستان كىچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى، كىچىكلىككە ئەنقەرە Etimesgut بەلەدىيە باشلىقى، ھەرقايسى پارتىيە ۋەكىللىرى، مىللەت ۋەكىللىرى، تۈركىيە ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچى، تەپتىشلىرى، قىرغىزىستان ئەنقەرە بۈيۈك ئەلچىسى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيسى ھەرقايسى شەھەر ۋەكىللىرى، ئاي يۇلتۈز پارتىيسى رەئىسى ،Etimesgut ئۆلكە ئوچاقلىرى باشلىقى، ھەرقايسى ئىدارە ئورۇن رەھبەرلىرى ۋە خەلق ئاممىسى بۇلۇپ 10مىڭدىن ئاتۇق ئادەم قاتناشتى. پائالىيەت باشلىنىپ رىياسەتچى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن ئۈزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن شىئىر دىكلىماتسىيە قىلىپ تۈركىيە ئىچىدە تۇنۇلغان كىچىك مۇجاھىت قەشقەرى شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرۈكنىڭ » ۋەتەن ساڭا يىغلايمەن» دىگەن تۈركچە شىئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

نەچچە مىڭلىغان ئامما ۋە رەھبەرقوللىرىدا ئاي _يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى لەپىلدىتىپ مەيداننى ئاجايىپ ھاياجانلىق تۈسكە كىرگۈزدى. ئارقىدىن تۈركىيە دۆلەتلىك تىلۋىزىيسىدە تۇنۇلغان داڭلىق ئۇيغۇر ناخشى ئابدۇللا دۇتتار چېلىپ بىر قانچە ئۇيغۇر ناخشىسىنى ئارقائارقىدىن ئورۇنلىدى، سەھنىدىكى چوڭ ئىكراندا ناخشىغا تەڭكەش قىلىپ چىقىرىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى سىموۋۇللۇق يەرلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرۈپ _ئادەتلىرنى مىڭلىغان ئامما قىزىقىپ كۆردى. ئابدۇللا ئەپەندى ئاخىردا «گۈزەل تۈركىستان ساڭا نىمە بولدى» دىگەن مۇڭلۇق ناخشىسىنى ئورۇندىغاندا ھەممە ئورنىدىن تۇرۇپ كۆك بايراقلارنى لەپىلدىتىپ ھاياجانلاندى.پائالىيەت ئاخىردا ئېتى مەسگۇت بەلەدىيە باشلىقى ئەنۋەر دېمىر ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىدىن خەيرۇللا ئەفەندىگۈل، بۈيۈك تۈركىستانلار جەمىيتىدىن يۈسۈپ يۈسۈپ ئوغلى سۆز قىلدى، خەيرۇللا ئەپەندى بىلەن يۈسۈپ يۈسۈپ ئوغلى ھەر ئىككىسىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۈستىدە توختۇلۇپ 3_5 مىليونغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگىرلىردا گۇناھسىز ئازاپ تارتىۋاتقانلىقىنى ، شەرقىي تۈركىستاندا خورلۇنۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرۈكلەر بىلەن بىر سوي بىر قاندىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى. ئاخىردا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىدىن خەيرۇللا ئەپەندى ئىتى مەسگۇت بەدەلىيە باشلىقى ئەنۋەر دېمىر ئەپەندىگە تون كەيگۈزدى. سەھنىدە چىرايلىق، ئوخشۇتۇپ يېقىلغان ئۇيغۇر نانلىرى ئەپ چىقىلىپ تۇنۇشتۇرۇلدى، پائالىيەتتىن كىيىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۈيىگە يانداش ياسالغان ناۋايخاندىكى ئۇيغۇر ناۋايلار نىڭ ئالدىدا نەچچە يۈزىگەن تۈركلەر نان سېتىۋېلىش ئۈچۈن تىزىلىپ كەتتى، پائالىيەتتىن قايىتقان مىڭلارچە خەلق ۋە رەھبەرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۈيىنى زىيارەت قىلدى ۋە قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا ئۆزگۈرلۈك دىگەن تەشۋىقات ۋاراقچىللىرنى تۇتۇپ رەسىمگە چۈشۈپ ئۆزلىرنىڭ بىزنىڭ يېنىمىزدا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇردى. پائالىيەت كىچە سائەت بىرگە قەدەر داۋاملاشتى، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق پۈتۈن مەيدانغا ھۆسۈن قوشتى!

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خىتتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟

دۈ سېنتەبىر 9 , 2019
  ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى تەييارلىغۇچى: زۇلپىقار 2019-9-9 خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان قىممىتى 8-ئاينىڭ بېشىدا 4% چۈشكەن بولۇپ، بۇ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىجارەت ئۇرۇشىدىكى قايتۇرما ھۇجۇمىنىڭ بىر قەدىمى بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر بېيجىڭ خەلق پۇلىنى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەتسە، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى 4 خىل ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىرىنجىسى، خىتتاينىڭ دۇنيادىكى ئورنىغا تەسىر […]

You May Like