ئۆمەربەكنىڭ ھەسرەتلىك نىداسى

بۇندىن كىيىن بىزنىڭ ئاتا ئانىمىز، ئۇرۇق تۇققانلار، ساۋاقداشلار، دۇسىت بۇرادەرلەر، خۇلۇم خۇشىنلار ئاستا -ئاستا يۈرەك كىسەل، جىگەر كىسەللىرى، يۇقۇلما كىسەللىكلەر بىلەن ئاغرىپ مىيىت بىرىلمەستىن تىرىگىمىز غايىپ بولغاندەك ئۈلىگىمىزمۇ ئەمدى ئاستا ياكى كۆيدۈرىلىدۇ ياكى يۇشۇرۇن كۆمۈپ تاشلىندۇ!

ئاپتورى: ئۆمەربەك ئالى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-14

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بۇندىن كىيىن بىزنىڭ ئاتا ئانىمىز، ئۇرۇق تۇققانلار، ساۋاقداشلار، دۇسىت بۇرادەرلەر، خۇلۇم خۇشىنلار ئاستا -ئاستا يۈرەك  كىسەل، جىگەر كىسەللىرى، يۇقۇلما كىسەللىكلەر بىلەن ئاغرىپ مىيىت بىرىلمەستىن تىرىگىمىز غايىپ بولغاندەك ئۈلىگىمىزمۇ ئەمدى ئاستا ياكى كۆيدۈرىلىدۇ ياكى يۇشۇرۇن كۆمۈپ تاشلىندۇ! مەن سورايمەنكى كىمنىڭ ئۆلتۈرۇلگەن قېرىندىشىنى بىر ئىنسان كۆرۈپتۇ؟ كىمنى ئۆز ئائىلە تاۋاباتلىرى يەرلەپتۇ؟ ئالدىرىماڭ كۆرىدىغان كۆن ئالدىمىزدا!! زالىم ئۆز قىرغىنچىلىغىنى بىز قىرىلۋاتقان ئىنسانلار قارشى چىقمىساق ئامىركا، كانادا، گېرمانىيە ۋەياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىمە دىسە خىتاي مىت قىپ قۇيمايدۇ، بىلەمسىز نىمىشقا؟ قازاق بۇلۇپ، ئۇيغۇر بۇلۇپ، قىرغىز بۇلۇپ،ئۇزبەك بۇلۇپ، تاتار بۇلۇپ بۆلۇنۈپ چېچىلىپ، زالىمنىڭ قارشىسىدا تىك تۇرمىغىچە بۇ زالىم ھېچقاچان قىرغىنچىلىقنى توختاتماس! ئۈلۈم لاگىرىدا ياتقان مىنىڭ ئاتام، ئانام، ئاكا-ئۇكام، ھەدە سىڭىللرىم تىلى كىسىك، پۇت -قولى باغلاقلىق نەپرىتىنى قان كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ قارشىلىق قىلىپ ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ!! سىلەر يەنە نېمىنى كۆتۈسىلەر؟ ئەي ئادەملەر يەنە نىمە ئىش يۇزبەرسە بولاتتى؟ سەن ياشىغان شۇ يۇرتتا ئۇلار خالىغاننى قىلۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا  بىخۇد يۇرۇشكە قانداق ۋىجدانىڭىز چىدايدۇ؟ سىڭىلىڭىزغا باسقۇنچۇلۇق قىلىپ ئۆلتۇرۇپ تاشلاپ كۆيدەرسە؟ ئانلىرىمىزنى چاشلىرىدىن سۆرەپ سەن تۇققان تېرورچى بالاڭ قېنى، سىنى قۇتۇلدۇرسۇن باتۇر بولسا دەپ ئاياق ئاستى قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلسە؟ ئاتىلىرىمىز تىرىك سويۇلۇپ ئىسىلۋاتسا؟ ئاكىلىرىمىز، ئىنلىرىمىزنىڭ، سىڭىللىرىمىزنىڭ ئورگانلىرى تىرىك ئېلىنىۋاتسا، مەن نىمە قىلالىدىم؟ باللىرىمىز نارىسىدىلەر كۆلۈپ ئوينايدىغان، ئاتا ئانا مىھرىگە قېنىپ تەبىئەت قوينىدا ئەركىلەپ تۇرۇپ دادا ئاپا دەيدىغان باللىرىمىز شى بابا، ۋو ئەينى دەپ غەزەپ نەپرىتىنى شۇ گۇدەك ئاۋازلىرى بىلەن بوي ئەگمەس روھلىرىنى نامايەن قىلۋاتسا، مەن نىمە قىلدىم؟ فىسبوكتا ئۇنى تىللىدىم، بۇنى خائىن دىدىم، تەشكىلاتلار نىمە ئىش قىلۋاتىدۇ دىدىم؟ پۇل بېرىپ يەپ خەجلەپ كەتتى، ئۆي ئالدى دىدىم، سەمەدى دىدىم، غورۇرۇم ئويغانغاندا نامايىشقا چىقىپ خىتاي كومپارتىيەسى يوقالسۇن! زۇلۇمنى توختاتسۇن دىدىم! خەلقىم، يۇرتۇم دىگەن ئىنسانلارنىڭ ياردىمىدە جەنۋەدە، شىۋىتسىيەدە، گوللاندىيەدە، بىلگىيەدە گۇۋاھلىق بەردىم! قېرىنداشلىرىم بۇنۇڭ بەدىلىگە ئۈلۈم لاگىرىدا ئەمەس سىرتقا چىقىپ ئۆلۈمنى كۈتىۋاتىدىغۇ ئىي ئەزىزلەر؟ ئانام ئاخىرقى قېتىم تېلفۇندا بالام ئالتۇندەك پارقىراپ ياشا دىۋىدىغۇ؟ مەن پارقىرالىدىممۇ؟ مەن ئانا ئاتامنىڭ قەبرىسىگە باردىڭىزمۇ دىسەم، تېلىفۇن ئۆزۈلگەندە يۈرۈكىممۇ تەڭ ئۈزۈلمىدىمۇ ئىي ئانا!! مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتىمەن كۆزياشلىرىم مۈلدۈردەك تاراملاپ كۆينەكلىرىم سۇ بولغاننى ياراتقاندىن باشقىسى كۆرەلمەيدۇ! دەردىمگە دەرمان ئىزدىمە! ئۇ دەرمان ۋۇجۇدۇمدا قايناپ تۇرۇپتۇ!! مەن ئانا سىلەرنى ئاتامنى ئەرزان ئەرزىمەس ئىنسانلارغا تىگىشىپتىمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن، سىلەر مەن ئۇچۇن ئەڭ قىممەتلىك ئىدىڭلار! ئۇلارغا گەپ قىلىپ بۇلالمىدىم، كەچۈرۈڭ ئاتا سىز ئۈرۈمچىدەك گۈزەل شەھەرگە دوستىڭىز يۈسۈپ ئەيسا كەل ئاداش سەندە قابىلىيەت بار كەل دىگەندە ياق سەھرامۇ مىنىڭ يۇرتۇم مىنى بۇلار شەھەرلىكتىنمۇ بەكرەك سۆيىدۇ، مەن بۇيەردە ئاتام ئىزىنى باساي دەپ شۇ چۆللەردە بەرپا قىلغان باغلاردا ئۆرۈك، نەشپۈت، ئۈزۈم باغلىرىنى نەۋرىلىرىمنىڭكى،سىلەرنىڭكى بۇ باغ، بۇ زىمىن ئەجداتلاردىن مىراس دەپ ھېچ يەرگە كەتمىسەڭ رەنجىپتىمەن! كەچۈرۈڭ ئاتا! ئوسمان ئاتام ئالتاي يايلاقلىرىنى، ئالتۇنغا تولا تاغلىرىنى قوغداش يولىدا جان بەرسە بىلمەپتىمەن باندىت ئوسمان دەپ، ئاتام ئەخمەق دەپ ئويلاپتىمەن! كەچۇرۇڭ ئاتا! 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ كۆزياشلىرىڭىزدىن بۇيۇنلۇرۇم سۇ بولسا بىلمەپتىمەن جېنىم ئاتا!! مىنى يايلاققا ھەيدىۋىتىپ ئۆزىڭىزنى جادۇغا بارىدۇ دەپ ئەسلا ئويلىماپتىمەن ئەي جىنىم ئاتا!! نىمە قىلاي ئاتا؟ چېچىلغان، ھەرتەرەپتە ماڭا تىكىلۋاتقان شۇ دەرمانسىز كۆزلەرنى قانداق ئۇنتاي ئەي دۇنيا! مەن بار ئاۋازىم بىلەن تۇۋلۇدۇم، يىغلىدىم ئەمما ئۆزەمدىن باشقا كىم بىلدى؟ قەلبىدە ئىنسانلىق مۇھەببىتى بار ياپۇنلار، چىخلار، شىۋىستلار تەسەللى بەردى!! مەن ئۇنى ئىزدىمىگەن، ئاتىلارئۇنى، خەلقىم ئۇنى سورىمىغان. ئۇ ئۆزىنى تۇرغۇزىدىغان قۇلىدىن يىتىلەيدىغان بىركۈچ، بىر خىتاينى قۇرقۇتقۇدەك بىر ئاۋاز كۈتكەن. بىراق ھەممىسىنىڭ ئاغزىغا تىللا تۇرۋالغان، بىزنىڭكىلەرنىڭكىگە نىمە تۇرۋالغاندۇ؟ بېشىم توختاپ قالدى، نىمە يىزىۋاتىمەن بىلمىدىم! باھاركىلىپ گۈللەر چىچەك ئاچسىمۇ تېرىقچىلىك باشلىمىغان دېھقاننى كۆرمەپتىمەن، بۇغداي تېرىماي ئاق نان يىگەننى، قوي باقماي پاقلان يىگەننى كۆرمەپتىكەنمەن!! ئاتا بۇ ئېتىزلار لايكەنتۇق بىلمەپتىمەن، ئاتنى تالغا باغلاپ، باققا قاراپ باقاي ئاتا! مەن باغدىن مىۋىلىرىمنى قانداق يىتىلدۈرىشكە يۇگرەپ كەتتىم ئاتا! دېھقانلار ئېتىزغا يىغىلغاندا مىنى قەبرەمدىن ئۇيغۇتۇپ ئەۋەتسە جانىم ئاتا! خەيىر سىنىڭ كۈلۈمسىرەپ ئاچقان قۇچىغىڭغا تەلمۇرۇپ يالغۇز قالغان ئوغلۇڭ چابىشتىن!!

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ در. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ خىتتايدا گېن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

دۈ ئاپرېل 15 , 2019
شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ در. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ خىتتايدا گېن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

You May Like