ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئۇ ئەمدىلا قىرىق ياشتىن ئاشقان قىران ئەر ئىدى. باغرى قان ئانىسىنى، غەمگۇزار دادىسىنى قوغداپ ئاشكارە گۇۋاھلىق بەرمىگەن ئىدى. ئەمما قورقۇنچ ئۇنى قۇتقۇزالمىدى، ئىھتىيات ھاياتىغا كېپىل بولالمىدى. زۇلۇمنىڭ قولى ئۇنى قەيەرگە بارمىسۇن كارنىيىدىن بوغۇپ، پۇتىدىن تارتىپ ھېچ يەردە ئامانلىق بەرمىدى. ياشاپ خىتايدىن تارتمىغان ئازابى قالمىغان بىر ئۇيغۇر ئىدى، ئەپسۇس، ئۆلۈپمۇ يەنە قۇتۇلالمىدى.
بۇ يىل ماينىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، بالقان يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان، ئانام كۆرمىگەن، ئاتام بىلمەيدىغان، ئىرقىي قىرىغىنچىلىق مىڭلىغان جانلارغا زامىن بولغان بىر تۇپراقتا بىر ئۇيغۇر ۋاپات بولغانغا 42 كۈن بولدى، ئەمما تېنى تېخىچە يەرگە تەگمىدى.
ئۇ تۈركىيەدىن ياۋرۇپاغا پاناھلىق، ئەركىنلىك، بىخەتەرلىك ئىزدەپ ماڭغان ئىدى، ئىستانبۇلدا ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالماي قاچقان ئىدى. ئەپسۇس، ھېچ يەردە پاناھلىق تاپالمىغان بۇ ئۇيغۇر بوسنىيەدە ئۆلۈپ كەتتى. دوختۇرخانا مەرھۇمنىڭ خىتاي پاسپورتلۇق بولغانلىقىنى سەۋەپ كۆرسىتىپ بىزگە، يەنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە جەسەتنى بەرمىدى، ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنىمۇ خالىمىدى.
كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى دېيىلىپ سارايىۋودا، بىر مۇزلاقتا يېتىۋاتقان مەرھۇمنىڭ ئىسمى ئەخمەتجان، فامىلەسى ئەخەت. ئۆزى بۈگۈر بازىرىدىن، تۈركىيەگە كېلىپلا مېنى ئىزدىگەن، كۆپ قېتىم خىتايغا قارشى گۇۋاھلىق بەرگەن، 2023-يىلى مەن ئۇنى چېخىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىشكە تونۇشتۇرغان ئىدىم، گۇۋاھلىق بەردى، ئەمما ھەممە گۇۋاھلىقى يوشۇرۇن ئىدى.
ئەخمەتجان ئۆزى زىيالى، ئۇقۇمۇشلۇق، سەمىمىي ئېسىل بالا، ئەمما مۇھاجىرەتكە قەدەم قويۇپ، تۈركىيەگە كېلىپلا كۆپ جاپا تارتتى، سەۋەبى نېمە؟ گۇمانخورلۇق.
بىچارە تۈركىيەدە، سەفا كۆيدە تۇرۇۋاتقاندا ۋەتەندىن يېڭى چىققانلىقى، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تونۇش ناتونۇش بولۇشىغا قارىماي زۇلۇمنى قورقماي پاش قىلغانلىقى سەۋەپلىك شۈبھىلىك بولۇپ قالدى، ياتاقتىنمۇ قوغلاندى! ئۆزى سۆيگەن ئۇيغۇر ئۇنى توغرا چۈشەنمىدى. ئۇ بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن قوناقتىن چىقىپ كېتىشكە زورلاندى، ۋەجى نېمە؟ يەنە شۇ ئاساسسىز گۇمامخورلۇق!
مۇھاجىرەتتە يىرگىنچلىك بىر سۇئال بار. ئۇ بولسىمۇ بۇ ئادەم مۇھاجىرەتتە نېمە قىلدى، نېمە قىلىۋاتىدۇ، ئەمەس، قانداق چىقالاپتۇ؟ دەيدىغان ئاڭقاۋ گەپ.
قېرىنداشلار! خىتاي سىلەر قورقۇپ كەتكەندەك ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس، ئىنسان ئەقلىنى ئىشلەتسە قولىدىن نۇرغۇن ئىشلار كېلىدۇ، شۇنىڭ بىرى خىتاينىڭ كۆزىنى بوياش. بۇ ئۇيغۇر ئىسمىنى ئاشۇنداق ئۆزگەرتىپ، نوپۇسىنى چېڭدۇغا يۆتكەپ چىققان.
2023-يىلى مايدا مۇھاجىرەتكە چىققاندىن كېيىن لاگىردا تۇرۇش جەريانىدا، ياردەمچى ساقچى بولغان ۋاقتىدا كۆرگەن بىلگەنلىرىنى خەلقارا ئاخباراتقا مەخپى يەتكۈزگەن، ئېنگىلىزچە ئەڭ ئاز ئوندىن ئارتۇق ئاخباراتقا ئىسىمسىز مەلۇمات بەرگەن. بىر قېتىممۇ ياۋرۇپاغا بارغىچە گۇۋاھلىق بەرمەي، تۇرۇپ تۇراي دېمىگەن.
ئىستانبۇلدا ئەخمەتجان گۇماندىن قۇتۇلالمىدى. ئۇ ئاق كۆڭۈل ئىدى. ۋەتەننىڭ گېپى چىقىپ بولغىچە خىتاينى تىللاپ، تەنقىتلەپ ئۆزىنى، ساددىلىقىنى چاندۇرۇپ قوياتتى. كىشىلەر ئادەتتە يېڭى چىققانلاردىن قورقۇنچاقلىقنى، زەيپانىلىكنى كۈتسە كېرەك، ئۇنى ئىستانبۇلدا ئارىغا ئېلىپ بولالمىدى.
ئەخمەتجان ئىچى ئېچىشقان ھامان تېلىفون قىلىپ قايناپ كېتەتتى. بىز نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن ۋەتەندىن چىققانلارنى چەتكە چىقىپ ھەقتە تۇرۇپتۇمۇ، خىتايغا زەربە بېرىپتۇمۇ، زالىمغا قارشى چىقىپتۇمۇ دەپ سورىماي قانداق چىقىپتۇ دەپ كىرىشىپ قالىمىز؟ ئىسمىمىزنىڭ تايىنى يوق ئۆزىمىز تەخەللۇس ئىشلىتىمىز، ئەمما نېمىشقا خەقلەرنىڭ كىملىكىگە كىرىشىپ قالىمىز؟
ئەخمەتجان ئۆلۈپ كەتتى، جەسەتكە ئايلىنىپ كەتتى. ئەمدى ئۇ ئاكوي دەپ كورلا تەلەپپۇزىدا ئىسمىمنى چاقىرالمايدۇ. ئۇنىڭغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم، ئەقەللىسى جەسىتىنى دەپىن قىلدۇرۇش پۇرسىتىممۇ بولمايۋاتىدۇ. ئەڭ ئېچىنارلىق يېرى، خىتاي بۇ ئۇيغۇرنىڭ جەسىتىنى دەپىن قىلىشقا يول قويمايۋاتىدۇ. 42 كۈن بولدى مەرھۇمنىڭ جەسىتى دوختۇرخانادا توڭلاقلىق. خىتاي پۇقراسى بولغاچقا شۇ ئىپلاسنىڭ ئىجازەتى بولمىسا جەسەت بېرىلمەيدىكەن. خىتاي ئەلچىخانىسى يا ئىجازەت بەرمىدى يا جەسەتنى يا بەرمەيمىز دېمىدى.
ئەخمەتجان، مېنى كەچۈرگىن، ئاجىز كەلدىم، خىتايدەك ئىككىنچى چوڭ جاھانگىرغا، يا قانۇن، يا ئەخلاق تونىمايدىغان بىر دۆلەتكە تاقابىل تۇرۇش ئاسان ئەمەس ئىكەن. ئاتا بوۋىمىزدىن ئۆي قاپتۇ، تۇپراق قاپتۇ، ئەمما ۋەتەن قالماپتۇ. ۋەتەن بولمىسا تىرىكلىكتە ئەمەس، ئۆلسەكمۇ خارلىقتىن قۇتۇلالمايدىكەنمىز.
مېنى ئەپۇ قىلغىن ئەخمەتجان، بىز سىياسەتنىڭ ئالدىدا ئاجىز كەلدۇق. سېنى بىز ئۇيغۇر دېگەن بىلەن، جەسىتىڭگە بىز ئىگە دېگەن بىلەن پۇقرايىمىز بولمىساڭ، بىز تارقاتقان پاسپورتۇڭ بولمىسا بولمايدىكەن. قانۇن بويىچە سەن خىتاي پۇقراسى ئىكەنسەن. بىز خىتاينىڭ، خىتاي سىياسەتىنبڭ قارشىسىغا چىققان بىلەن سىياسەت، خەلقارا قانۇن، دۇنياۋىي يوسۇن دېگەنلەر بىزنى ھالقىلىق يەردە ئامالسىز قويىدىكەن.
ئەخمەتجان، ساڭا ۋەتەن دېگەن سىياسەت بىلەن، دېپلۇماتىيە بىلەن، قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت، ۋاستە، كۈرەش بىلەن قولغا كېلىدۇ دېمىدىممۇ. شۇنداق ئىكەن! ۋەتەننى قولغا ئالماي تۇرۇپ غۇرۇرىمىزغا ئەمەس تېنىمىزگىمۇ ئىگە بولالمايدىكەنمىز.
ئەخمەتجان، سەن كەتتىڭ، ئەمما ئەتراپىمىزدا سىياسەتكە ئارىلاشمايمەن، قالايمىقان ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق ياشايمەن دەپ تۈگۈلۈپ ياشاۋاتقانلارغا بىر ئىبرەتنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ. سەن سىياسەتكە ئارىلاشمىغان بىلەن سىياسەت ھاياتىڭغىلا ئەمەس جەسىتىڭگىمۇ چات كېرىدۇ، دۆلەتسىز ئۇيغۇرنىڭ تىرىكىمۇ ئۆلۈكىمۇ خار.