نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى: ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى قانۇن چىقىرىپ، شىنجاڭدىن (ش ت) ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قاتتىق چەكلىمە قۇيۇشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا قانۇن چىقارغۇچىلىرى چارشەنبە كۈنى بىر قانۇن لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا، ئۇ خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىدىن (ش ت) ئامېرىكىغا ئىمپورت قىىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قاتتىق چەكلىمە قۇيىدىغان بولۇپ، بۇ بۈگۈنگە قەدەر بېيجىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا قايتۇرۇلغان ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خىتايچە تورى

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020-يىلى 12-مارت

 

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-03-13

 

ئامېرىكا قانۇن چىقارغۇچىلىرى چارشەنبە كۈنى بىر قانۇن لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا، ئۇ خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىدىن (ش ت) ئامېرىكىغا ئىمپورت قىىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قاتتىق چەكلىمە قۇيىدىغان بولۇپ، بۇ بۈگۈنگە قەدەر بېيجىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا قايتۇرۇلغان ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

 

شىنجاڭدا (ش ت) خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ قانۇن ھەر خىل شىركەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ، مەسىلەن Calvin Klein، Tommy Hilfiger، Nike ۋە Patagonia قاتارلىقلار، بۇ شىركەتلەر قانۇن لاھىيىسىدە تىلغا ئېلىنغان.

 

بۇ قانۇن لاھىيىسىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىشى نەمۇلۇم بولسىمۇ، بىراق ھەر قايسى سانائەت تەشكىلاتلىرى شىنجاڭدىن (ش ت) ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلدى. بۇ ھەپتە، بەزى سانائەت تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى (ش ت) ئىشچىلار ۋە ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلىلەر «ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان» مۇرىككەپ مەسىلە ئىكەنلىكى بىلدۈردى، ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ياردەملىشىپ باھالاپ بېرىشىنى سورىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ (ش ت) سىياسىتىنى بىۋاستە ئاقلىدى، ئەگەر خىتاي قايسى شىركەتلەرنى بۇ سىياسىتىگە نارازى بولدى دەپ قارىسا، بۇ شىركەتلەر خىتايدا قاتتىق قارشىقلارغا دۇچ كىلىشى مۇمكىن.

 

بۇ قانۇن لاھىيەسىنى ئاۋام پالاتاسىدىن 6 دېموكرات ۋە 5 جۇمھۇرىيەتچى، كېڭەش پالاتاسىدىن 1 جۇمھۇرىيەتچى ۋە 2 دېموكرات بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان.  بۇندىن بۇرۇن، ئۆتكەنكى بىر يىلدىكى تەتقىقات ۋە خەۋەرلەردە شىنجاڭدىكى (ش ت) نەچچە مىليون ئاھالىنىڭ، بولۇپمۇ ئاساسلىق قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ، ھەرقايسى تۈرلەرگە قانداق قۇبۇل قىلىنغانلىقى، شىركەتلەرگە، پاختىلىقلارغا، توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىغا ۋە شەھەرلەردىكى تۈۋەن مائاشلىق خىزمەتلەرگە بۆلۈنگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. 

 

بۇ قانۇن لاھىيەسى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارىمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى (Congressional-Executive Commission on China) تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر دوكلاتتا، «خەلقئ‍ارالىق تەمىنلەش زەنجىرى كۈنسېرى شىنجاڭدىكى (ش ت) مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلار بىلەن بۇلغىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە» دېيىلگەن. دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ بۇ رايۇندا ئىشلەپ چىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ئىمپورت قىلىش چەكلىمىسى قۇيۇشنى ئويلىشىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. 

 

قەشقەردىكى شېنجېن سانائەت رايونىغا جايلاشقان بىر زاۋۇت

 

شىنجاڭدا (ش ت)، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلىۋاتىدۇ ، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىكىسپورت شىركەتلىرى مەزكەزلەشكەن شەرقتىكى دېڭى بۇيى رايۇنلىرىغا. 

 

*قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

 

مەنبە: نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خىتايچە تورى

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت نى شەرقى تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسىغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشقا مۇراجىئەت قىلدى

يە مارت 15 , 2020
ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورىنىڭ 14-مارت خەۋىرىگە كۆرە، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى» (International Service for Human Rights) 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى شەرقى تۈركىستاندىكى «كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسىنى» ئالدىن ئورۇنغا قۇيۇپ ھەل قىلىشى، شەرقى تۈركىستاندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، ھەمدە خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك ئىكەن.

You May Like