خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى مۇسۇلمانلار مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلماقتا
نىيۇيورك گىزىتى
2018-12-26
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: بانۇ سۇتۇق
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
قەشقەر، خىتاي – خىتاينىڭ يىراق غەربىدە تەسىس قىلىنغان جازا لاگىرلىرىدىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلار فابرىكىلارغا يۆتكەلمەكتە. ئۇلار جازا لاگىرلىرىغا نەچچە ئايلاپ تۇتقۇن قىلىنىپ، دىنىي ئېتىقاتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان نەچچە يۈز مىڭلىغان تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى گۇناھىغا تۆۋە قىلغاندىن كېيىن ياخشى كىرىمگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ئۈلگىسى، سىياسىي ئىجتىمائى ياردەمگە ئېرىشكەن فابرىكا ئىشچىلىرى سۈپىتىدە تېلۋىزورلاردا كۆرسەتمەكتە.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتىدا «شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى جازا لاگىرلىرى كەسپ جەھەتتە تەربىيىلەش بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياخشى بولۇشىنى كۆزلەپ ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، نامراتلىقتىن، كەينىگە چېكىنىپ كېتىشتىن ۋە دىنىي رادىكاللىقتىن توسۇپ قالىدۇ» دەپ بايان قىلىپ كەلدى.
ئەمما تاغدەك دۆۋلىنىۋاتقان پاكىتلار جازا لاگىرلىرىدا بىر مەجبۇرىي ئەمگەك سېستىمىسىنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىدىن، بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ خىتاينىڭ 12 مىليوندىن كۆپرەك مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنى كونتىرول قىلىش ۋە ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈچلۈك ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىتا خەلقئارانىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋىتىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەكتە.
شۇ رايوندا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ بايانلىرى، سۈنئىي ھەمرا سۈرەتلىرى ۋە ئىلگىرى ئېلان قىلىنمىغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى جازا لاگىرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ يېڭى فابرىكىلارغا بارغانسېرى كۆپلەپ يۆتكىلىۋاتقانلىقى، بۇ فابرىكىلارنىڭ جازا لاگىرىلىرىنىڭ ئىچىدە ياكى ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا تەسىس قىلىنىۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ خىزمەتلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە بۇيرۇققا بوي سۇنۇشتىن باشقا تاللىشى يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
تۈركىيىدىكى تەتقىقاتچى مەھمۇت ۋولقان كاشىكچى جازا لاگىرلىرىغا سولانغانلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى بايانلارنى يىغىۋاتقان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: جازا لاگىرلىرىغا سولانغانلار فابرىكىلار ئۈچۈن ھەقسىز ۋە چىقىمى تۆۋەن بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بولماقتا. بۇ ھەقتىكى بايانلار كۆپەيمەكتە».
خىتاي شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دا كەڭ كۆلەمدە تەسىس قىلغان، مۇسۇلمانلار تۇتقۇن قىلىنىپ، دىنى ئېتىقاتىدىن ۋاز كېچىپ كوممۇنىستىك پارتىيىگە سادىقلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قىلىنىۋاتقان جازا لاگىرلىرىغا قارشى خەلقئارادىن كېلىۋاتقان بېسىمگە دۈچ كەلدى. مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى، ئامېرىكا ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ جازا لاگىرلىرىنى تاقاش تەلەپلىرىگە قارىماي، جازا لاگىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىدىن بىشارەت بېرىدۇ.
بۇ پروگرامما ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى ئىنتىزامچان، خىتاي تىلىنى سۆزلىيەلەيدىغان، كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە فابرىكا خوجايىنلىرىغا سادىق سانائەت ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانلار، دۇككان ئىگىلىرى ۋە تىجارەتچىلەردىن ئىبارەت.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانىدا جازا لاگىرلىرى كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى دەپ چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، تۇتقۇنلاردىن فابرىكىدا ئىشلەش ياكى باشقا خىزمەتلەرنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىنغانلىق ھەققىدە ئېنىق چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەن. لېكىن شىنجاڭدىكى ( شەرقىي تۈركىستان-ت) مۇسۇلمانلارنىڭ سەپەر قىلىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرگە كۆرە، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگىرلىرى ئەتراپىدا فابرىكا قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىغا كۆرە، تۇتقۇنلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى ئاساسەن يوقلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
فابرىكىلاردا ئىشلەپ باققان بىرەر شەخىسنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانى يوق دىيەرلىك. چۈنكى ساقچىلار جازا لاگىرلىرىغا يېقىنلاشماقچى بولغانلارنى توسىدۇ ھەمدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۈزىتىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دا بىرەر كىشىنى زىيارەت قىلىش مۈمكىن ئەمەس. يىقىنقى بىر نەچچە ئايدا شنجاڭدا كۆپلەپ فابرىكىلار قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن شىنجاڭدىن قىچىپ چىققانلارمۇ بۇ توغرىسىدا سۆزلىگىنى يوق.
ئەمما شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققانلارغا ياردەم بېرىۋاتقان ئاتا يۇرت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ قۇرغۇچىسى سېرىكجان بىلەش بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەردى. ئۇ شۇ خىلدىكى فابرىكىدا ئىشلىگەن ئون كىشىنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، تۇتقۇنلار جازا لاگىرلىرىدا ئىدىيە ئۆزگەرتىشتىن كېيىن فابرىكىلاردا ئىشلەشكە يۆتكەلگەن، ئاساسلىقى كىيىم –كىچەك تىككەن. ئىش ھەققى تۆۋەن ۋە ئىشلەش شارائىتى ناچار بولغاچقا، ئۇلار فابرىكىلارنى قارا فابرىكا دەپ ئاتىۋالغان .
تەتقىقاتچى مەھمۇت ۋولقان كاشىكچىمۇ بۇ ھەقتە بىر نەچچە كىشىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلارنىڭ بىرى سوفىيە تولىيباي قىزى بولۇپ، ئۇ گىلەم توقۇش فابرىكىسىغا ئەۋەتىلگەن. 37 ياشلىق ھابىل ئامانتاي بىر يىل بۇرۇن جازا لاگىرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ھازىر بىر توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئېيىغا 95 دوللارغا ئىشلەۋاتقانلىقىنى دىگەن. 25 ياشلىق نۇرال رازىلا جازا لاگىرىغا تۇتقۇن قىلىنىشتىن بۇرۇن نېفىت قېزىش تېخنىكىسى ئۈگەنگەن بولۇپ، ئەمما جازا لاگىرىغا بىر يىل سولانغاندىن كېيىن جازا لاگىرىغا يېقىن يەردە قۇرۇلغان بىر توقۇمچىلىق فابرىكىسىغا ئەۋەتىلگەن.
شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت) توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، بۇ يىل 4 – ئايدا شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)نى زىيارەت قىلغان ، ۋاشىنگىتون ئۇنۋېرىسىتىتىنىڭ لېكتورى دەررىن بەيلىر مۇنداق دېدى: «تۇتقۇنلارنىڭ فابرىكىدا ئىشلەش –ئىشلىمەسلىك ياكى قايسى فابرىكىغا تەقسىم قىلىنىش ھەققىدە ھىچقانداق تاللاش ھوقۇقى يوق. يەنە شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقىمۇ بولىدۇكى، ئەمگەك پروگراممىسى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دا تەسىس قىلىنغان بارلىق جازا لاگىرلىرىدا يولغا قويۇلسا، نەچچە يۈزمىڭلىغان تۇتقۇنلار فابرىكىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىدۇ».
شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت) ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىشكە مەسئۇل بولغان دۆلەتلىك ئۇچۇر ئىشخانىسىغا بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىمىزنى فاكىس قىلىپ ئەۋەتكەن بولساقمۇ، ھىچقانداق جاۋاپ كەلمىدى.
ھازىر بار بولغان ماتېرىياللار تۇتقۇنلارغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك پىلاندىن خەۋەر بېرىدۇ. يەنى تۇتقۇنلار جازا لاگىرلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردىمۇ، فابرىكىلاردا ئىشلەشكە يۆتكىلىدۇ. بۇ فابرىكىلار جازا لاگىرلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، تۇتقۇنلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. فابرىكىلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان پايپاق، كاستۇم-بۇرۇلكا، يوپكا ۋە باشقا مەھسۇلاتلار خىتاينىڭ ئىچىدە سېتىلىدۇ، ھەتتا چەتئەل بازارلىرىغا سېلىنىشى مۈمكىن.
قەشقەر ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر قەدىمىي شەھەر. بۇ شەھەر ئەمگەك پروگراممىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنغان بولۇپ، 8- ئايدىكى پىلانغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا يۈز مىڭ تۇتقۇننى جازا لاگىرلىرىدىن فابرىكىلارغا يۆتكەش پىلانلانغان.
بۇ سانلىق مەلۇمات رىئاللىققا ئۇيغۇن بىر نىشان بولۇشتىن كۆرە بىر سىياسى نىشان دەپ ئاتالسا مۇۋاپىق بولۇشى مۈمكىن. ئەمما بۇ سانلىق مەلۇمات جازا لاگىرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازا لاگىرلىرىدىن فابرىكىلارغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ سانىدىن دىرەك بىرەلەيدۇ. تەتقىقاتچىلار جازا لاگىرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى بىرمىليون ئەتراپىدا بولۇشى مۈمكىن دەپ مۆلچەرلىمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە سانلىق مەلۇمات توغرىسىدا ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
سانفىرونسىسكودا قۇرۇلغان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سۆھبەت فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى جون كام بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: خىتاي شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)غا بولغان كونتىروللىقىدا ئازراقمۇ بوشاپ قالمىدى. مانا ئەمدى كارخانىچىلار شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)نىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن پايدىلىنىشقا باشلىدى.
جازا لاگىرىدىكىلەرنى فابرىكىلارغا يۆتكەش پروگراممىسى خىتاينىڭ سوراقسىز ھالدا تۈرمىگە سولانغانلارنى نەچچە يىل جاپالىق ئەمگەككە سالىدىغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سېستىمىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. خىتاي بۇ سېستىمىنى بەش يىل بۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى ھازىرقى ئەھۋال بۇ سېستىمىنىڭ شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دا يېڭىچە بىر شەكىلدە بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.
جون كام يەنە مۇنداق دېدى: ئامىرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى پارچە ساتقۇچىلار شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى جازا لاگىرىلىرىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى بۇ قىلمىش مەھبۇس ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشكە ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش ھىساپلىنىدۇ.
شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى جازا لاگىرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلار خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسمى ئامىرىكا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا كىرمەكتە.
شىمالىي كارولىناغا جايلاشقان بەجېر تەنتەربىيە كىيىملىرى ماگىزىنى ئۆتكەن ئايدا بىر ۋاگون سۈنئىي تالالىق رەخىتتىن تىكىلگەن قىسقا يەڭلىك مايكىلارنى تاپشۇرۋالغان. بۇ كىيىملەر خوتەن تەيدا شىركىتىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، بۇ شىركەت خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ جازا لاگىرىلىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتىدا كۆرسىتىلگەن. ئۇ پروگراممىدا خوتەن تەيدا شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، جازا لاگىرىدىن بۇ شىركەتكە يۆتكەلگەن بىر ئايالنى ھەم تونۇشتۇرغان. ئەمما پروگراممىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا بۇ شىركەت جازا لاگىرىنىڭ ئىچىدە قۇرۇلغان بولۇشى ناتايىن، ھەمدە شىمالى كارولىناغا ئەۋەتىلگەن مايكىلارنى بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقارغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس.
بەجېر تەنتەربىيە كىيىملىرى ماگزىنىنىڭ باشقۇرغۇچىسى گىننىي گاسۋىنت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەجېر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دىن مىقدارى ئانچە كوپ بولمىغان مەھسۇلات كىرگۈزگەن بولۇپ، دۇنيا مەسئۇلىيەتچان ئىشەنچىلىك مەھسۇلات ئورگىنىنى ئىشلىتىپ، مەھسۇلات تەمىنلىگۈچىنىڭ تەلەپلەرگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.
دۇنيا مەسئۇلىيەتچان ئىشەنچىلىك مەھسۇلات ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى سېز لېنون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خوتەن تەيدا شىركىتى تېخى يېقىندا بىزنىڭ ئورگىنىمىزغا تىزىملاتتى. بۇ شىركەتنىڭ شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن چېتىشلىقىغا ئالاقىدار ئۇچۇر بايقالمىدى. بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىمىز.
بىز خوتەن تەيدا شىركىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇڭبوغا كۆپ قېتىم تېلفۇن قىلدۇق، ئەمما ئۇ تېلفۇنغا جاۋاپ قايتۇرمىدى.
سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان سۈرەتلەر جازا لاگىرلىرىنىڭ بەزىلىرىدە فابرىكىلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئاۋستىرالىيە سىتراتېگىيىلىك سىياسەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نازان رۇسېر مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ دۆلەتلىك تېلۋىزىيىسىدە كۆرسىتىلگەن جازا لاگىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتىدا كۆرسىتىلگەن بىر جازا لاگىرىدىكى ئوندىن 12 گە قەدەر بىر قەۋەتلىك، بىرلا چوڭ زالدىن تەركىپ تاپقان چوڭ بىنالار فابرىكىلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ بىنالار قاشالانغان ۋە خەۋپسىزلىك مۇنارلىرى بىلەن قورشالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ جازا لاگىردىكى باشقا بىنالارغا ئوخشاشلا قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تۇتقۇنلارنىڭ بىر بىنادىن يەنە بىر بىناغا ئۆزلىرى خالاپ بېرىش-بارماسلىق پۇرسىتى يوق.
سودىنى تىزىملاش خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل تىزىملانغان بىر قانچە شىركەتنىڭ ئادرىسى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى جازا لاگىرلىرىنىڭ ئادرىسى بىلەن ئوخشاش چىققان. بۇ شىركەتلەر بىر باسمىچىلىق شىركىتى، بىر كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى، ئاز بولغاندىمۇ ئىككى كىيىم-كىچەك ۋە توقۇمىچىلىق شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ چەت-ياقىلىرىدىكى جازا لاگىرلىرىدا ئىكەن. يەنە بىر كىيىم –كىچەك ۋە كارىۋات بۇيۇملىرى شىركەتلىرى ئاقسۇدىكى جازا لاگىرىدا ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگىرلىرى بىلەن فابرىكا، شىركەتلەرنى بۇ خىل شەكىلدە باغلىشى تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە جازا لاگىرلىرىنىڭ چىقىمىنىڭ ئېشىشىغا قارىتا ئېلىنغان تەدبىر ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن جازا لاگىرلىرىنى تۇتقۇنلارنىڭ دىنغا بولغان ساداقىتىنى تۈگىتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ كۈچىنى ئېتىراپ قىلىشقا زورلاشنى مەقسەت قىلقان ئوقۇتۇش بىلەن ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى دەپ ئاتىغان ئىدى.
ئەمما بۇ يىل ئاۋغۇستتىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگىرلىرىنى كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى دەپ ئاتاپ، بۇ تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى تۇتقۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كەسىپ ئىگەللەپ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئاساسى ئېقىمىغا قوشۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، بۇ مەركەزلەرنىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ بىرى خىتتاي تىلى ئۈگىتىش دەپ ئاقلاپ كەلدى.
لېكىن، ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىدىئولوگىيە مەكتىپىنىڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئالىمى ئادىريەن زېنز » بۇ جازا لاگىرلىرىدىكى كەسپىي جەھەتتە تەربىيىلەش ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدە » دېدى.
يەرلىكتىكى ئورگانلار قەشقەر شەھىرىدە يۈز مىڭ تۇتقۇننى جازا لاگىرىدىن فابرىكىلارغا يۆتكەشنى نىشان قىلغان.
تۇتقۇنلارنى جازا لاگىرلىرىدىن فابرىكىلارغا يۆتكەش ئەمگەك پروگراممىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىشارىتى خىتاي دۆلەتلىك توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كېڭىشىنىڭ رەئىسى سۈن رۈيجېنىڭ بۇ يىل 3 – ئايدا سانائەت ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەرگە قىلغان سۆزىدە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزى سانائەت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان. سۈن مۇنداق دېگەن: شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت) 2018 – يىلىدا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كىچەك ساھەسىدىكى ئەمگەك كۈچىنى يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇنىڭدا نامرات ئائىلىلەر، ئائىلىسىدىن تۈرمىگە سولانغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلار بار بولغانلىق سەۋەپلىك قىيىنچىلىقتا قالغانلار ۋە جازا لاگىرلىرىدىكى تۇتقۇنلاردىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپلىك ئادەم كۈچىدىن پايدىلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى تەربىيلەشنى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كىچەك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن باغلىنىدۇ.
شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت) بۇ يىل 4 – ئايدا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كىچەك مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، جازا لاگىرلىرىغا يېقىن جايلاردا ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى قۇرغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە مەبلەغ ياردەم بېرىش، شىركەتلەرگە تەربىيىلەش چىقىمى ئۈچۈن كىشى بېشىغا 260 دوللار ياردەم بېرىش ۋە باشقا مۇكاپات تۈرلىرىنى يولغا قويدى.
بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى سۈپىتىدە شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى ئەمەلدار شۆھرەت زاكىر بۇ يىل 10 – ئايدا ھۆكۈمەت جازا لاگىرلىرىدا تەربىيىلەشنى پۈتتۈرگەن تۇتقۇنلارغا خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ دېدى. قەشقەردىكى يەركەنتنىڭ بۇ يىللىق خامچوت ھۆججىتىدە جازا لاگىرلىرى تۇتقۇنلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەسئۇل دەپ كۆرسىتىلگەن.
جازا لاگىرلىرىدىن فابرىكىلارغا يۆتكەلگەن تۇتقۇنلار ئۇ يەرلەردە يەنە بىر نەچچە يىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشى مۈمكىن ئىكەن.
لېكتور دەررىن بەيلىرنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر دوستىنىڭ شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى تۇغقىنى بۇ يىل 3 – ئايدا جازا لاگىرىغا تۇتۇپ كېتىلگەن، بۇ يىل كۈزدە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كىيىم-كىچەك فابرىكىسىدا ئۈچ يىل تۇرۇشقا مەجبۇرلانغان. يەرلىكتىكى بىر ئەمەلدار ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەگەر ئۇ تىرىشىپ ئىشلىسە، فابرىكىدا تۇرىدىغان ۋاقتى قىسقارتىلىشى مۈمكىن دىگەن.
خىتاينىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىدە جازا لاگىرلىرى چاتاقچىلارنى تەربىيىلەپ مەدەنىيەتلىك كىشىلەردىن قىلىۋاتىدۇ دەپ ماختالغان ھەمدە ئۇ يەردىكى ئىشچىلار ناھايىتى ياخشى مۇئاش ئېلىۋاتىدۇ دىگەن.
شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان-ت) خەۋەرلىرىدىكى بىر خىزمەتچى 11 – ئايدا يەنە مۇنداق دېگەن: جازا لاگىرلىرى كۆچمەنلەرنى كەسپىي ماھارەت ئىگىلىگەن كىشىلەرگە ئايلاندۇرماقتا. ئوقۇتۇش ۋە تەربىيىلەش ئۇلارنى جەمىيەتكە پايدىلىق زامانىۋى كىشىلەردىن قىلىپ يىتىشتۈرمەكتە.
مەنبە:
https://www.nytimes.com/2018/12/16/world/asia/xinjiang-china-forced-labor-camps-uighurs