نۇرى تۈركەل: بېيجىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنى «دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دۈشمىنى» دەپ تەسۋىرلەپ چىقتى

سىگال سامۇئېل ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ دىنىي ئىشلارغا ئالاقىدار خەۋەر بېرىدىغان تەھرىرى. نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۇ خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قاماققا ئېلىش ۋەقەسىنىڭ بۇ يىللىق دىنىي ساھەدىكى ئەڭ چوڭ تېما ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 1-دېكابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

كوررېكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-3

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

سىگال سامۇئېل ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ دىنىي ئىشلارغا ئالاقىدار خەۋەر بېرىدىغان تەھرىرى. نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۇ خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قاماققا ئېلىش ۋەقەسىنىڭ بۇ يىللىق دىنىي ساھەدىكى ئەڭ چوڭ تېما ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. 

يەھۇدى پۇشتىدىن بولغان سىگال سامۇئېل كىچىكىدىن باشلاپلا چوڭلاردىن ناتسىست چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ئائۇش ۋىتس جازا لاگىرىدىن قېچىش ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغانىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ قايتا- قايتا بۇنداق ئىش «مەڭگۈ قايتا تەكرارلانماسلىقى كېرەك» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغانىدى.

ئۇ ئۆزىدىن مۇنداق سورايدۇ: «مىلادى 2018- يىلىغا كەلگەندىمۇ، قانداقسىگە يەنە بىر مىليون مۇسۇلمان جازا لاگىرلىرىغا سولىنىدۇ ۋە تاشقى دۇنيادا ھېچكىمنىڭ بۇ توغرىسىدا ئاۋاز چىقارماسلىقى مۈمكىن بولىدۇ؟»

سىگال سامۇئىلنىڭ قارىشىچە، بىر مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھىكايىسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن. ئۇ بىر قاتار شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) غا ئالاقىدار ماقالىلارنى يازغان. ئاۋغۇستتا يازغان بىر خەۋىرىدە، ئامېرىكا جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى جامېس مىلۋاردنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنىپ، خىتايدا «دىنىي ئېتىقاد بىر خىل كېسەللىك دەپ قارىلىدۇ» دېيىلگەن.

جامېس مىلۋارد زىيارەت جەريانىدا مۇنداق دېدى: ھازىر ئۇلار قايتا تەربىيەلەش لاگىرىنى ئىدىيەنى داۋالايدىغان «دوختۇرخانا» دەۋاتىدۇ، خۇددى ۋىرۇسنى بايقاپ ۋە ئۇنى ۋەيران قىلىپ داۋالاش ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملەشكە ئوخشاش. ئۇلار بۇنى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا قوللىنىپ، رادىكالىزم ۋىرۇسلىرىنى ئۆلتۈرمەكچى. بىراق بۇ ئادەمگە بىر ئۇكۇل ئۇرۇپلا تۈگەيدىغان ئىش بولماستىن، بەلكى ئۇلارنى قەبىھ مۇھىتتا ئۇدا نەچچە ئايلاپ قاماپ قويۇش. 

»خىتاي ئىسلامغا روھىي كېسەلگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلماقتا» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قوزغالغان ئىنكاسلار ئۇنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان.

» مەن بۇ ماقالىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مېنىڭ تىۋىتتىرىمغا يۈزلەرچە باھالار يېزىلدى، مېنىڭ يۈرىكىمنى پارە-پارە قىلغىنى بولسا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ «خىتاي بەك ئوبدان قىلدى، بۇ ھەققىقەتەن بىر روھىي كېسەللىك» دېيىشى بولدى »

بۇ ھەپتە ئامېرىكا ئاۋازى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) «قايتا تەربىيەلەش لاگىرى» دىن قۇتۇلۇپ چىققان مېھرىگۈلنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، خانىۋەيران بولغان ئازاپلىق كەچۈرمىشلىرى، ھەمدە «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» ئېلىپ كەلگەن روھى ۋە جىسمانىي جاراھەتلەر بايان قىلىنغان.

بىر تورداش مۇنداق سۆز قالدۇرغان: «چەك- چېگرىسىز بىلجىرلىغانلىق، كۆپ ساندىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئارامخۇدا ياشىماقتا، ئۇ ھەرگىزمۇ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۈزىنى تۆكمەسلىكى كېرەك

يەنە بىر تورداش مۇنداق دېگەن: «بەكلا يالغان توقۇپتۇ، بۇ يالغانلىرى بىلەن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنى ئالدىيالامدۇ؟»

700  گە يېقىن ئىنكاس ئىچىدە يۇقارقىدەك كۆز-قاراشتا بولغانلار ئاز ساندا ئەمەس.

بىر كۈندىن كېيىن، خىتاينىڭ مىللەتچىلىككە مايىل «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، «خىتايلىقلار بىر قاراپلا بۇ ئايالنىڭ دېگەنلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ، چوقۇم ئۇنىڭغا بۇنداق دېيىشىنى ئۆگىتىۋاتقان ئادەملەر بار، بەلكى ئۇ ئامېرىكىنىڭ پاناھلانغۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشمەكچى بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى بىراۋ ئۇنىڭغا باشقا بىر نەرسە ۋەدە قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

نۇرى تۈركەل باش شتابى ۋاشىنگتونغا تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى. ئۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دا تۇغۇلغان. دادىسى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا سولانغان، ئانىسى ئۇنى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى»دا تۇغقان بولۇپ، ئۇنىڭ ھايات قېلىشىغا ئۈمىد باغلىيالمىغان ئىكەن.

خىتايچە ئوقۇيالايدىغان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرى تۈركەل دائىم خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى بەزى تور بېكەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولغان بىرمۇ خىتاينى بايقىمىغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت كونتروللۇقىدىكى مېدىيا بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىيالدىكى «دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دۈشمىنى» دەپ تەسۋىرلىدى. بو نۇقتىدا ئۇلار ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. خىتايلار ئۆز كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋېرىدۇ. بۇنداق بىر «تامغا» بولغاچقا، ئۇلار بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا قىزىقمايدۇ.» 

نۇرى تۈركەلنىڭ دېيىشىچە، 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 90- يىللىرىنىڭ بېشىغىچە، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) دا بىر مەزگىل نىسپىي ئەركىنلىك، ئىقىتىسادىي تەرەققى قىلىش، مەدەنىيەت گۈللىنىش دەۋرى مەيدانغا كەلگەن. 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى بۇلارنىڭ ھەممىسىگە خاتىمە بەرگەن. 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ئۆلچىمىدە تېز بۇرۇلۇش يۈز بەرگەن.

ئۇ : «تۇيۇقسىزلا خىتاي ھۆكىمىتى خىتاينىمۇ «خەلقئارا تېررورىزمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى» دەپ ئېلان قىلدى» دېدى

شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت) رەسمىي ھالدا زىمىستانغا قەدەم قويدى. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار «دۆلەت بىخەتەرلىكى» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىندى. ئاسىملاتسىيە بۇلۇشقا زورلاشقا ئوخشاش سىياسەتلەر رايۇندا زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىيىشى مىللىي ئۆچمەنلىكنى ئېغىلاشتۇرۇۋەتتى، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئامېرىكا كاتو تەتقىقات مەركىزى يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول مۇنداق دەيدۇ: ئون نەچچە يىلدىن بېرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر «ئىسلام رادىكالىزىمى»نى يوقىتىشنى باھانە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ زورلۇق، زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاقلاۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكىمىتى باشلىغان بۇ مەيدان ئۇيغۇلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى يوقۇتۇش ھەركىتى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مىسال.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ، «كۆپ بولغاندا بىر مىليون ئادەمنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى، ئادەمگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەھشەتلىك « گۇلاگ ئاراللىرى» نى ئەسلىتىدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: دۆلەتنىڭ ئەلۋەتتە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، لېكىن بالىلارنى قاماپ قويۇشنىڭ راستىنلا ھاجىتى بارمۇ؟

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان – ت)دىكى باستۇرۇشلىرى بالىلارغىمۇ چېتىلغان. كۆپ تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار قامالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى دۆلەتكە قاراشلىق يەرلەرگە ئەۋەتىلگەن

ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»دىكى سىگال سامۇئېل مۇنداق دەيدۇ: شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان – ت)دا يېقىندا بىر تۈركۈم دۆلەت ئېگىلىكىدىكى يېتىمخانىلار قۇرۇلغان، پەقەت قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر ناھىيىدىلا 18ى بار ئىكەن. بىر يېتىمخانىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ دىيىشىچە، ئۇ يەرنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، 6 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان پەرقلىق ياشتىكى بالىلار «ھايۋان كەبى كەپىدەك ئۆيلەرگە سولاپ قۇيۇلىدىكەن».

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/XINJIANG-CAMP-20181130/4682363.html

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تاھىر ئىمىن:كوممۇنستلار ئنسانىيەتكە پەقەت «ئادالەتسزلىك»نىلا ئېكسپورت قىلىدۇ!

دۈ دېكابىر 3 , 2018
2001-يىلى ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۇنياسنىڭ ختتاينىڭ دۇنيا ئېقتسادى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەندىن كىينكى ھەقىقى تۈردىكى ئېچۋىتىش ۋە دىموكراتىيەگە قاراپ يۈزلىنىش ئىھتىماللىقىغا بولغان ئۈمىد ۋە دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش شرىكدارچىلىقىغا بولغان كۇتۈشلەر نەتىجىسدە ،دۇنيانىڭ ئەڭ رىئالست ھەمكارلىق رامكىسى بولغان «دۇنيا سودا تەشكىلاتى»غا كىرىشگە ئشىك ئېچىلغان ،بۇنىڭدىن غەرپ ۋە ختتاي ئورتاق خوشال بولغانىدى.

You May Like