نۇربەكرىگە پاراخورلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

خىتايچە سۇمرۇغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2- دىكابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سابىق رەئىسى، خىتاي دۆلەتلىك ئىنىرگىيە ئىدارىسى ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرىگە خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنياڭ شەھرى ئوتتۇرا سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. نۇر بەكرى پاراخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلىنغان، ئۇنىڭ بارلىق شەخسىي مال-مۈلكى، پارا ئالغان پۇللىرى مۇسادىرە قىلىنغان. نۇر بەكرى سوت ھۆكۈمىگە رازى بولۇپ، ئەرىز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

2019-12-2

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇر بەكرى 1998- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە قەدەر 20 يىلدا، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ جەمئىي 79 مىلىيون 100 مىڭ كوي پۇل پارا ئالغان. نۇر بەكرىنىڭ خىيانەت قىلغان پۇل سوممىسى زور بولسىمۇ، ئۇ قولغا ئىلىنغاندىن كىيىن پارا ئالغان كۆپ قىسىم پۇلنى يۇقىرىغا تاپشۇرغان ۋە جىنايىتىگە ئىقرار بولۇپ، پۇشمان قىلغان. شۇڭا ئۇنىڭغا جازاسىنى يەڭگىللىتىپ يۇقارقىدەك ھۆكۈم چىقىرىلغان.

مەنبە:

https://news.ifeng.com/c/7s50l38XTua

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى ئامرىكا ئاۋام پالاتاسىدا زور غەلبە قازاندى!

سە دېكابىر 3 , 2019
2019- يىلى 4- دىكابىر، ئامرىكا شەرقىي ۋاقتى 3-دىكابىردا، ئامرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى ، دىموكراتچىلار پارتىيەسى 221 بىلەت، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى 185 بىلەت ۋە باشقىلار 1 بىلەن بىلەن قوللاپ ، جەمئىي 407 بىلەتكە ئىرىشىپ، زور غەلبە قازاندى! بۇ تارىخ بىتىگە يىزىلغۇدەك ئالتۇن مىنۇتلار بولۇپ قالغۇسى!

You May Like