نۇر تورى:ساخاۋەت يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يورۇتتى

مېھىرلىك كۆڭۈللەردىن چاقنىغان نۇر يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يورۇتتى

مېھىرلىك كۆڭۈللەردىن چاقنىغان نۇر يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يورۇتتى

خۇشاللىق ياشلىرى ئاقتى تاراملاپ،

مىسكىنلەر كۈلگەندە سىزلەرگە قاراپ.

ئەي ئۇلۇغ مۇھەببەت، ئەي ئۇلۇغ ئىنسان،

ئىسسىتتىڭ دىللارنى سەن بولۇپ ئاپتاپ.

 2018-يىلى4-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇما ناھىيە مۇكويلا يېزا يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى!» تېمىسىدىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەت ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلىنىپ، كۆڭۈللەرنى سۆيۈندۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەر ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە مۆھۈردەك ئويۇلۇپ كەتتى.

  بۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى خوتەن بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرۇشى، شۇ يېزىغا ئۈچ ئەل خىزمىتىگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن تەشكىللەنگەن بولۇپ، خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل- ئەدەبىيات پەنلىرى دوتسېنتى، دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى گۈلنار مەتنىياز خانىم، شىنجاڭ ئون يۈەن مېھرىبانلىق فوندى خوتەن پىدائىيلار ئەتىرىتىنىڭ مەسئۇلى، خوتەن ۋىلايەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئابدىخەبەر ئابلەت ئەپەندى، خوتەن شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ كادىرى، خوتەن شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈم لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تەشۋىقاتچىسى مۆتىۋەر ئابدۇللا قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن پىدائىي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشتى. بۇ قېتىملىقپائالىيەت ئەھمىيەتلىك بولغان، كۆڭۈل رىشتىسىنى بىر-بىرىگە باغلىغان، مېھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقى چېچىلغان پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پائالىيەتتە شۇ كەنتتىكى يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوماق باللىرىمىزنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە يېزىغا ئۈچ ئەل خىزمىتىگە چۈشكەن كادىرلاردىن ھال سوراشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھەر قەلىبنىڭ ساداسى قىممىتىنى تاپتى.   شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى خوتەن تارمىقىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى مەمەتجان ئەرەم ئەپەندى سۆزىدە ھەرمىللەت خەلقىگە پارتىيىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش، نامىراتلىقتىن قۇتۇلۇش خىزمىتىدە بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭمۇ باشتارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ بارلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پارتىيىنىڭ مېھرى-شەپقىتىنى يەتكۈزۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە دوختۇرخانىمىزنىڭ خوتەن ۋېلايىتى تەۋەسىدىكى يەتتە ناھىيە بىر شەھەردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بىۋاستە بەھرىلىنەلەيدىغانلىقىنى، يېڭى ئۆستەڭ خەلقىنىڭ دوختۇرخانىمىزغا داۋالىنىش ئۈچۈن كەلسە ئامبولاتۇرىيە تەكشۈرۈشلىرىنى ھەقسىز قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى دېگەندە ئالقىش ساداسى ياڭراپ كەتتى.   ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە 10000 يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇش قوراللىرى، كىيىم-كېچەك، سۇ ماي، ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي بۇيۇملار نەق مەيداندا  تارقىتىلىپ، مېھرىگە موھتاج قەلىبلەرگە مېھىر يەتكۈزۈلدى. مېھىرلىك يۈرەكلەردىن چىققان، ئىللىق قوللاردىن سۇنۇلغان بۇ مۇھەببەتتىنتەسكىن تاپقان قەلىپلەر بۇ مېھرىبانلاردىن سۆيۈنۈپ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشتى. بۇ ماددى بۇيۇملاردىن 78 نەپەر يەسلى ئوقۇغۇچىسى، نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، 48 نەپەر دېھقان ئاممىسى،36 نەپەرئوقۇتقۇچى بەھىرلەندى.   مېھىر-مۇھەببەت موھتاجلارغا بارگەنگە تۈگەپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، كۆپىيىپ بارىدۇ . مېھىر بەرگۈچىلەر ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئەتىراپىدىكىلەرگە مېھرىبانلىقنى ئۆگىتىدۇ. مېھىر بىرىشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن پىدائىيلىق رولىمىزنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ياردەمگە مۇھتاجلارغا قىزغىن ياردەم بېرىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، كۆپ تەرەپ قاراپ تۇرماي ياردەم بېرىشتەك ئېسىل خىسلىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە نامايان قىلىمىز.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئەرلەر ئۇتۇق قازىنىشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك 13 شەرت

جۈ ئاپرېل 27 , 2018
ئەرلەر ئۇتۇق قازىنىشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك 13 شەرت ھەممە ئەر ئۇتۇق قازىنىشنى ئويلايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، لېكىن بەزىلەر خىيالىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمايدۇ، يەنە بەزىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي كۈرەش قىلىدۇ.

You May Like