NTV قانىلى تۈرك مېدىيالارىدىكى سۈكۈتنى بۇزدى

شەرقى تۈركىستانلىقلار تارىختىكى ئەڭ زور خەۋپ خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئىككى يىلدىن بۇيان، دۇنيا مېدىياسى بولۇپمۇ غەرب ئەللەرىنىڭ مېدىيالىرىدا شەرقى تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ھەققىدە تۈرلۈك خەۋەرلەر چىقتى ۋە ب د ت، كىشىكىك ھوقۇق كومىتېتى بۇ ھەقتە سانلىق مەلۇماتلار بىلەن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

  ئىزباسار

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

شەرقى تۈركىستانلىقلار تارىختىكى ئەڭ زور خەۋپ خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئىككى يىلدىن بۇيان، دۇنيا مېدىياسى بولۇپمۇ غەرب ئەللەرىنىڭ مېدىيالىرىدا شەرقى تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ھەققىدە تۈرلۈك خەۋەرلەر چىقتى ۋە ب د ت، كىشىكىك ھوقۇق كومىتېتى بۇ ھەقتە سانلىق مەلۇماتلار بىلەن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

شەرقى تۈركىستان سىرتىدا غەربى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ ياشىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۈركىيەدە بولسا، ئىككى يىلدىن بۇيان نە ھاكىمىيەتتىن نە تۈرك مېدىيالىرىدىن خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان كۈچلۈك بىر ئاۋاز چىقمىدى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قان-قېرىنداش ھەم دىنداشى بولغان بۇ مەملىكەتتىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشنى كۈتمەكتە ئىدى، ئەمما تۈرك ھۈكۈمىتى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئارىسىدىكى ئالاھىدە يېقىنلىشىش ۋە تۈرك ھۈكۈمىتىنىڭ مېدىيالار ۋە تېلېۋۇزۇرلارغا بولغان كونتروللىقنى كۈچەيتىشى تۈپەيلى، بەزى ئىنتېرنېت سەھىپەلىرى سىرتىدا تۈركىيەدىكى مۇھىم تېلېۋۇزۇر قاناللىرىدا شەرقى تۈركىستان ھەققىدە تەپسىلى بىر خەۋەر بىرىلمەي كەلگەن ئىدى.

2018-يىلى 18-ئۆكتەبىر كۈنى دوغۇش مېدىيا گۇرۇپىسىغا تەۋە بولغان NTVقانىلىدا، تاشقى خەۋەر مۇھەررىرى ئۆمەرفارۇق شاھىن ھازىرلىغان ۋە ئاخمەت يەشىل تەپە سۇنغان پروگراممىدا 10 مىنۇتقا يېقىن شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لااگىرلىرى ھەققىدە خەۋەر قويۇلدى. خەۋەردە شەرقى تۈركىستاندكى خىتاي زۇلۇمىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ زۇلۇمنىڭ  تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا نىسبەتەن ب د ت ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار تۈرلۈك دوكىلاتلارنى بەرگەن بولسىمۇ، دۇنيانىڭ بولۇۋاتقان بۇ زۇلۇمغا پەرۋاسىز قالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن تەرك ئىتىلگەنلىكى، جازالاگىرلارىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ جازالىنىۋاتقانلىقىنى جانلىق شاھىتلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بىلەن خەۋەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزدى. خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ بۇ جازا لاگىرلارىنى كەسپى تەربىيە بېرىش ئورنى دەپ يالغان خەۋەر تارقاتقان بولسىمۇ، بۇ لاگىرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقى تۈركىستانلىقلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان بىر زۇلۇم بازىسى ئىكەنلىكى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 1953-يىلىدىكى نۇپۇس ساناشتا شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ 75%تىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە كۈنىمىزدە بولسا بۇ نىسپەتتە خىتايلارنىڭ 40%، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا 45% مىقدارنى ئىگەللەشتەك غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىدىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ ئۆتتى. شەرقى تۈركىستاننىڭ ساھىب بولغان مول تەبئى بايلىقلىرى خىتاينى شەرقى تۈركىستاندىن ۋاز كەچكۈزمەيدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى بىلەن بىرگە خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلغان تىجارەت قوۋۇقى ھالىغا كەلگەن شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بايان قىلىندى. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن بۇ ۋەھشىلىكلەرگە دۇنيانىڭ سۈكۈتتە تۇرماسلىققا چاقىرغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىن ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئاخمەت يەشىل تەپە بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۆزى ھازىرلاپ سۇنغان زامان يولجۇسى ناملىق پروگراممىدا شەرقى تۈركىستانغا بارغان ۋە شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما ئىشلىگەن ئىدى، ئۇ مەزكۇر پروگراممىدا قەشقەردە تۇرۇپ بۇ يەر شەرقى تۈركىستان دېگەن ئىدى ۋە ئۇيغۇر تۈركلەرى بىلەن ئاناتولىيە تۈركلەرىنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتىنىڭ ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكى ھاياجان ئىلىكىدە سۆزلىگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر ئىجتىمائى تاراتقۇلارغا چۈشكەندىن كېيىن، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە  كەڭ كۆلەمدە يېيىلدى، نۇرغۇنلىغان كىشى بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشھال بولغانلىقىنى، باشقا قاناللارنىڭمۇ بۇ ھەقتە خەبەر ئىشلىشىىنى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۈكۈمىتىنىڭمۇ بۇ سۈكۈتتىن ۋاز كېچىپ قان-قېرىنداش ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنىڭ ۋاقتى كېلىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىك ئىنكاسىنى بەردى، بەزى كۆزەتۈچىلەر بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ ئەسلىدە تېخىمۇ بۇرۇن بېرىلىشكە تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە تۈرك مېدىيالارىنىڭ كەچ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. كىشىلەر NTVنىڭ بۇ خەۋىرىنىڭ بىر باشلانغۇچ بولۇشىنى، تۈركىيەدىكى قاناللارنىڭ بۇندىن كېيىن توغرا خەۋەر ۋە تەرەپسىزلىك پىرىنسىپى بويىچە شەرقى تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارنى تۈرك خەلقىگە بىلدۈرۈشىنى كۈتمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى خىتاي ئىقتىسادى ئېشىشىنىڭ ئاساسى توسالغۇسى ئەمەس

جۈ ئۆكتەبىر 19 , 2018
خىتايGDP سى 2018-يىلىنىڭ ئۈچىنجى پەسلىدە %6.5 كە، يەنى 2009- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان. گەرچە بۇ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشىدا غەلبە قازىنىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىىندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سانلىق مەلۇماتلارغا تېخىمۇ تەپسىلى قارىغاندا خىتايGDP سىنىڭ ئاجىزلىقىغا ئاساسى تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللارنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەزى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئىقتىسادنى پىشاڭسىزلەشتۈرۈش ئۇرۇنىشىدىن بولغان كۆچمە مەبلەغنىڭ سىقىلىشى ئىقتىساد ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان

You May Like