دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى

دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى

 دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر


 
نورۇز بايرىمى تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش ۋە مەدەنىيەت قوبۇل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان  مىللىي بايراملىرىنىڭ بىرىدۇر.

نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى

«نورۇز»  ئەسلىدە پارىسچە «يېڭى كۈن» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «نەۋرۇز»سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بولۇپ، «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى» دېگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختا پارىسلار بىلەن بولغان دىن، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان «پارس تىلى قىزغىنلىقى»نىڭ تەسىرىدە، تىلىمىزدىكى «يېڭى كۈن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارىسچە «نەۋرۇز»سۆزىنى قوللانغان. بۇ بايرام شەمسىيە كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ  بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. نورۇز بايرىمى ئەسلىدە يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ،  ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە.

ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچان باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك تارىخىي ماتېرىياللار بولمىسىمۇ، نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قىش ئاياغلىشىپ باھار كەلگەندە، تەبىئەت ۋە جانلىقلار ئويغىنىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى باشلانغاندا ئەجدادلىرىمىز بۇنى يېڭى يىلدىكى يېڭىچە ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ بىلگەن. دېمەك، نورۇز بىزنىڭ يېڭى يىل بايرىمىمىز.

«نورۇز» بايرىمى دېمەك- باش باھار دېمەك. «ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن، يىلنىڭ بېشى باھاردىن» شۇڭا بۇرۇنقى شاھ سۇلتانلار ۋە كاتتا بايلار بۇ كۈننىڭ ھۆرمىتىگە زىنداندىكى مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش، ئالىم -ئۆلىمالارنىڭ كىتابلىرىنى ئېلان قىلىش، كۆپەيتىپ يازدۇرۇش قاتارلىق كاتتا ئىشلارنى قىلىدىكەنتۇق. 11- ئەسىردە  ياشىغان بۈيۈك ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك » ناملىق بەدىئىي قامۇسنى مىلادىيە 1069يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قەشقەردە يېزىپ تاماملاپ، نورۇز كۈنىدە بۇ كاتتا ئەسىرنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان.

كلاسسىكلىرىمىزدىن مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىقلارمۇ ئالەمشۇمۇل ئەسەرلىرىدە نورۇز بايرامنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ھەم بۇ بايرامنى يارقىن تىللار بىلەن تەسۋىرلەپ كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان.
دېمەك، ئۇيغۇرلار  نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى دەۋرلەردە مەدەنىيەتتە تىللاردا داستان بولغۇدەك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتقان بولۇپ، بۇ مەدەنىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن نورۇز بايرىمىنى ھەرخىل شەكىللەردە قۇتلۇقلاپ كەلگەن.  

بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەدەنىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي چەكلىنىپ ھەتتا يوق قىلىنماقتا ، ئۇيغۇرلار خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي كۈلتۈرىدىكى بايراملارنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلانماقتا. 

دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ كۈلتۈر دېمەك مەۋجۇتلۇق دېمەكتۇر، خىتاي بىزنى قىرىپ يوقىتىش بىلەن تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئالدى بىلەن بۇ مىللەتنىڭ روھىنى، قەلبىنى ئۆلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئېتىقادىمىز بىلەن بىرلىكتە كۈلتۈرىمىزنى يوقىتىش ئۈچۈن سۇيىقەستلىك پىلانلارنى تۈزۈپ پۈتۈنلەي پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى  ئىجرا قىلماقتا، ئۇيغۇرلارنى «كۈلتۈردە ئاچ قالغان قالاق مىللەت» دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى  «خىتاي كۈلتۈرى، مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ئۈچۈن تىرىشماقتا. نورۇزنىڭ ئورنىغا چاغان بايرىمىنى ئومۇملاشتۇرماقتا. 

خىتاي بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىمەن دەۋاتقاندا، ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە بۇ مەدەنىيەتنى ياشىتىش، ئۇيغۇرلۇق روھىمىزنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايرىمى بولغان نورۇزنى تەبرىكلەيمىز،  ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئەنئەنىۋى كىيىملىرىمىزنى كىيىپ بىر يەرگە جەم بولۇپ،  بىر – بىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ ھال-ئەھۋال سورىشىمىز. ئۇيغۇر تائاملىرىدىن، سازەندىلەرنىڭ ناخشا -مۇزىكىلىرىدىن، سەنئەتچىلەرنىڭ نومۇرلىرىدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىپ، جۇدالىق ھەسرىتىگە تەسەللى بېرىمىز. ۋەتەندە ئۆتكۈزگەن نورۇز تەنتەنىلىرىنى سېغىنىپ تۇرۇپ ئەسلەيمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە بۇ ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىمىز ۋە ئۆگىتىمىز. ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇيغۇر كۈلتۈرى بىلەن ئوزۇقلاندۇرىمىز. نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق غەرب ئەللىرىگە شانلىق تارىخى كۈلتۈرىمىز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈر ئاساسىنىڭ كۈچلۈك مىللەت ئىكەنلىكىنى، بىراۋلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىغا ئەمەس، بەلكى چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە لايىق مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلالايمىز. شۇنداقلا ھېچبىر خىتاي كۈلتۈرى بىلەن ئالاقىسى، باغلىنىشى مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقىنى ئەمەلىي پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلاپ  21-ئەسىردە «قايتا يۈز بەرمەيدۇ» دېگەن قەتلىئامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەركىن، ھۆر ياشاش ئىرادىسىنى نامايان قىلالايمىز. 

ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

2022-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن يەنە بىر يوقتىش: دىلمۇرات ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى!

سە مارت 22 , 2022
2022-يىلى 22-مارت سەھەر سائەت 1:00 دە ھاياتى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە سەنئىتى ئۈچۈن بېغىشلانغان مۇرات ئەپەندى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋېرگىنىيە شتاتىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

You May Like