نىيۇيوركتا ختتايغا قارشى ئۇيغۇر،تبەت،موڭغۇل ،تۈرك،تەيۋەن-خوڭكوڭ بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى!

2018-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73-نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىىشى باشلىنىش يېغىنىغا ئۈلگۈرتۈپ ۋاشنگىتون ۋە نىيۇيورك ئەتراپىدا ياشايدىغان نۇرغۇن ختتايغا قارشى تەشكىلاتلار نامايىش ئىلىپ باردى.

نىيۇيوركتا ختتايغا قارشى ئۇيغۇر،تبەت،موڭغۇل ،تۈرك،ختتاي بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى!

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ،نىيۇيورك 18-ئاغۇست ،ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى 

2018-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73-نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىىشى باشلىنىش يېغىنىغا ئۈلگۈرتۈپ ۋاشنگىتون ۋە نىيۇيورك ئەتراپىدا ياشايدىغان نۇرغۇن ختتايغا قارشى تەشكىلاتلار نامايىش ئىلىپ باردى.

نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى ،ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ھەرىكەتلەندۇرۇپ قاتناشتى.

نامايىشتا ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم،ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن،شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى سياسى كومسسارى سالىھ خۇدايار  قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى ياكى نامايىش شۇئارلىرىنى توۋلىدى.

نامايىشقا كانادادىن ئىككى نەپەر ئۇيغۇركىلىپ قاتناشقان بولۇپ،ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقىغا بىلدۇرۇشچە،«ئۇلار گەرچە چوڭ ئش قىلالمىساقمۇ ئىمانىمىزنىڭ تېخى يوقالمىغانلىقىنى،قارشىلىق ئىرادىمىزنىڭ سۇنمىغانلىقىنى،ختتاينىڭ رەزىل سياسىتىگە قارشى ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۇرۇش ئۇچۇن كەلدۇق« دىگەن.

نامايشىقا مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى ،ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ،ياپونىيە (NHK)،ئامېرىكا ئاتلانتىك ژۇرنىلى،ئامېرىكا ئەركىن ئاسيا رادىئۇسى قاتارلىقلار نەق مەيداندىن خەۋەر بىرىش ئۈچۈن قاتناشتى.

تېبەت تەشكىلاتلىرىدىن تېبەت مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىدىغان <<ئەركىن تېبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى>>ۋەكىللىرى قاتناشتى.

قازاق دىموكراتىك ھەرىكىتى (Kazakh democratic Movement)ۋەكىللىرىدىن توققۇز قازاق پائالىيەتچى قاتناشتى .

نامايىشقا يەنە جەنۇبى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋەكىللىرى ،تۈرك-ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى (Turkish American Federation)قاتناشتى.

شاڭخەي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشەببۇسچىلىرىدىن شاڭخەي مىللەت پارتىيسمۇ قاتناشتى.

رابىيە قادىر ئامېرىكا ئاۋازى خىتتايچە بۆلۇمگە بەرگەن زىيارىتىدە مۇنداق دىگەن :بىز بۇگۇن بۇ يەرگە ئەتتىگەن سەھەردىلا جەم بولۇپ ،ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركستاندىكى بىر مىلىيوندىن تۆت مىلىيونغىچە ئۇيغۇر مۇسۇلماننى گىتلىرنىڭ ناتسس  ئۇسۇلى بويىچە قاماپ قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۇرۇش ئۇچۇن جەم بولدۇق.

بىيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگىرلىرىغا قاماپ قويۇشى-بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئاساسى ۋە ئورتاق تېمىسى بولغان .

ئەركىن تېبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئىجرائىيە رەئىسى سەيجۇ دوجى مۇنداق دىدى:بىز بۇ يەردە خەلقئارا جامائەتكە شى جىنىپىڭنىڭ رەزىل بىر دىكتاتۇر ئىكەنلىكىنى،تېبەت،شەرقى تۈركستان ۋە جەنۇبى موڭغۇلىيەدە قىرغىنچلىق قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىماقچى .

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن :دۇنيا جامائىتى ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىنىشىغا سۇكۇت قىلماسلىقى كىرەك دىگەن!

جەنۇبى موڭغۇلىيە ئنسانى ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى ئىجرائىيە مۇدىرى ئىنچى باتۇر مۇنداق دىگەن:بىز بۇ يەردە ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ،تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە قارشى يۇرگۇزىۋاتقان چەكتىن ئاشقان زۇلۇم سياستىگە قارشىلىق بىلدۇرۇش ئۇچۇن جەم بولدۇق،

تەيۋەن ئەركىنلىكىنى قوغداش تەشكىلاتى قۇرغۇچىسى گولولىياخۇ مۇنداق دىدى:ھازىر تەيۋەنلىكلەر ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان بېسىمى،خەلقئارادىكى دىپلوماتىيە بوشلۇقىنى تارىتىشىغا جىددى ئەھمىيەت بىرىۋاتىدۇ.ختتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئاۋىئاتسيە شركەتلىرىنى تەيۋەن ئسمىنى ئ‍شلىتىشتىن چەكلەشتىن باشلاپ،تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسۋەتنى ئۇزۇشكە قستاشقىچە غايەت زور بېسم چۇشۇرمەكتە.

ختتاي كشلىك ھوقۇق ئادوۋكاتى ۋە پائالىيەتچى تىڭبىياۋ مۇنداق دىدى:نۆۋەتتە ختتايدا بارلىق ئنسانى ھوقۇق ،دىموكراتىيە تەرەپدارلىرى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىماقتا.بولۇپمۇ ئنسانى ھوقۇق ئادوۋكاتلىرى،مۇخبىرلار،يازغۇچىلار،تور يازغۇچىلىرى،دىنى تەشكىلاتلار قاتارلىقلار چەكلىمىگە ئۇچراپ،ئىدىئولوگىيە ساھەسى ئارقىغا چېكىنمەكتە.

خوڭكوڭ دىموكراتىيە ھەرىكىتى نىيۇريوك پونكىتى قۇرغۇچىسى ياڭ جىنشيا مۇنداق دىدى:گەرچە خوڭكوڭ ختتاينىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى تۇزۇم بولۇش سياسىتىدىن بەھرىمەن بولسمۇ ،ئەمما يىگىرمە يىلدىن بىرى بىز بۇنىڭ يالغانلىقىنى كۆردۇق،پىكىر ئەركىنلىكى،ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىقلار بارا-بارا چەكلەنمەكتە.

شەرقى تۈركستان مىللى ئويغنىش ھەرىكىتى سياسى كومسسارى سالىھ خۇدايار مۇنداق دىگەن:ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركستاندا مىلىيونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قىرغىن قىلىنماقتا،بىز بۇگۇن سەھەردىلا يېغىلغان ئىدۇق،مەقسدىمىز خەلقئارا جەمىيەتكە ختتاينىڭ رەزىل قىلمشلىرى بىلدۇرۇش،خەلقىمىز ئۇچۇن سۆزلەش،دۇنيا جامائەتچلىكىنى ئويغىتش دىدى.

نامايىشقا يەنە سياسەت كەسپى ئوقۇغۇچىسى،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئانمۇ قاتناشقان بولۇپ،ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى تەكلىپ قىلغان ئاتلانتىك ژۇرنىلى قاتارلىق مېدىيالارنىڭ زىيارىتىگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان ۋە ئۆزىمۇ زىيارەت قوبۇل قىلغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا،بۇ قېتىملىق ب د ت چوڭ يېغىنى رەسمى ھالدا 25-سىنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ،يېغىنغا ئامېرىكا پىرزدىنتى تىرامپ قاتنىشپ سۆز قىلىدىكەن،ختتاي دۆلەت بىرىنچى ياكى ئىككىنچى قول باشلىقلارنى ئەۋەتمەيدىكەن،ختتاي دىپلوماتىيە منستىرى ۋاڭ يىې كىلىش ئىھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۇلمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

ئۆمەر بەك ئالى ئائىلىسى جەم بولدى،تاراتقۇلار ۋە ئۇيغۇرلار مۇھەببەت كۆرسەتتى!

پە سېنتەبىر 20 , 2018
2018-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆمەر بەك ئالى ۋە ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى قازاقستاندىن كىلىپ،ئستانبۇل ئايرۇدۇرۇمىدا تۇتۇپ قىلىنپ،قايتۇرۋىتىلىش خەۋپى بىلەن پۇتۇن ئۇيغۇر دىياسفوراسنىڭ دىققىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قوزغىغان ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن جەم بولدى.

You May Like