ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (پارىژ)، 25-ڧېۋرال خەۋىرى
ڧرانسىيە دۇنيا (Le Monde) گېزىتىنىڭ 25- ڧېۋرال باش بېتىگە «خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ڧرانسىيەدە نايك ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلدى، كۆپلىگەن قوللىغۇچىلار ھەرىكەتكە ئۆتتى.» سەرلەۋھەلىك خەۋەر ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە دېيىلىشچە پارىژلىق ئادۋوكات مۇراد باتتىك Mourad Battikh تەرىپىدىن رەتلەنگەن «نايك شىركىتىنىڭ ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش، شۇنداقلا ئۇنىڭغا شېرىك بولۇش» نامىدىكى ئەرزنامىنى پارىژ ئەدىلىيە سوتىقا سۇنغان. مەزكۇر ئەرزنامە «ڧرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئىسپات توپلاش ۋە تەييارلىق باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈپ، 24- ڧېۋرال رەسمىي ھالدا سوتقا سۇنۇلغان. بۇ دەل ڧرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۆ درىياڭ Jean-Yves Le Drian ئەپەندىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان كۈنىنىڭ ئەتىسىگە توغرا كەلگەن.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىمىزنىڭ ڧرانسىيە بۆلۈمى مەزكۇر خەۋەر ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشىش مەقسىتىدە مەركىزى پارىژ شەھىرىدىكى «ڧرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ مەسئۇللىرىنى زىيارەت قىلدى. بىرلىك رەئىسى ئالىم ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، نايك شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش پىلانى 2020- يىلى ئۆكتەبىر ئايلىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پارىژ شەھىرىدىكى تەجرىبىلىك ئادۋوكات مۇراد باتتىك ئەپەندىنى تەكلىپ قىلغان. تۆت ئايدىن ئارتۇق ئىسپات توپلاش، گۇۋاھچى ئىزدەش ۋە ماتىريال رەتلەش قاتارلىق جاپالىق ئەمگەكلەردىن كېيىن، تۈنۈگۈن بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئەرزنامە تەييارلىنىپ سوتقا سۇنۇلغان. ئۇ يەنە مەركۇز ئەرزنامىنى تەييارلاشتىكى ئاساسلىق مەقسەت ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاۋىسترالىيە ئاقىللار ئامبىرى، ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزى ASPI نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا 2017- يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا شەرقىي تۈركىستاندىن ئاز دېگەندە 80000 دىن ئارتۇق ئىشچى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزىدىمۇ نۇرغۇن زاۋۇتلار بار بولۇپ، بۇ زاۋۇتلاردىكى قۇل ئىشچىلارنىڭ سانى تېخى نامەلۇم. دېمەك خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان لاگېر سىياسىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىسادىي زەنجىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىساد مەنبەسىي دەل مۇشۇ نايكقا ئوخشاش غەرب شېركەتلىرىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ڧرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرى، جۈملىدىن ياۋروپا بىرلىكى نامىدىن مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش شىركەتلەرگە بېسىم چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق جىنايى قىلمىشلارغا شېرىك بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى، ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە ئىجابىي نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۈردى. ئەمما نايك شىركىتى بۇ جەھەتتىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپلا قالماستىن بەلكى ساختا ئۇچۇرلار بىلەن يالغان باياناتلارنى بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر قۇل ئىشچىلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقتا ئويناۋاتقان رولىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا بۇ پىلاننى باشلىدۇق. ئەمما بۇ شىركەتنىڭ كۆلىمى ۋە دۇنيادىكى تەسىرىنىڭ ناھايىتىمۇ كۈچلۈك بولغانلىقى سەۋەبلىك بۇ ھەققانىي دەۋايىمىزنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ قىلچە بوشاشماستىن بۇ دەۋانى ئاخىرىغىچە قىلىشقا بەل باغلىدۇق ۋە تەشكىلاتىمىزنىڭ بۇ يىلقى قىلماقچى بولغان ئاساسلىق پىلانلىرىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا قويدۇق. نىشانىمىز مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ڧرانسىيە شۇنداقلا خەلقئارادىكى نايكقا ئوخشاش ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇۋاتقان باشقا شىركەتلەرنىمۇ بۇ يولدىن يېنىشقا مەجبۇرلاشتۇر.»
ڧرانسىيە «دۇنيا» گېزىتىنىڭ بايانلىرىدا قەيت قىلىنىشچە، بۈگۈنگە قەدەر خەلقئارادىكى لاگېرغا چېتىشلىقى بار دەپ گۇمانلانغان 83 شىركەت ئىچىدىن كۆپ قىسمى ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، تونۇلغان ئۇيغۇر ھەركىتى پائالىيەتچىسى راڧائىل گلۇكىسمەن RaphaëlGlucksmann گە ۋەدە بېرىپ، خىتاي لاگېرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىشقان. ئەمما نايك شىركىتىدىن ھازىرغا قەدەر بىرەر ئجابىي خەۋەر كەلمىگەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە تۈنۈگۈندىن بۇيان ڧرانسىيە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نايكنى ئەرز قىلىشنى قوللاش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى نۇرغۇنلىغان داڭلىق بلوگچىلارنىڭمۇ بۇ ھەركەتكە قوشۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
خەۋەر ئۇلىنىشى
رەسىم يەتتەسۇ نامىدىكى تۋىتتېردىن چۈشۈرۈلگەن(@YetteSu)