شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس پروگرامما

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس پروگرامما

 شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس پروگرامما

«تۈركىيە ئاۋازى» رادىئوسى ئۇيغۇرچە قانىلىدىن ئېلىندى

 مانا بۈگۈن، قىسقىچە ئىسمى «ناتو» دەپ ئاتىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى. 
غەرب دۇنياسىنىڭ ھەربىي مۇداپىئەسىنى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى مەقسەت قىلغان بۇ تەشكىلات، ھەم ھەربىي، ھەم سىياسىي سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ ھەربىي كۈچ – قۇدرىتىنى ھەر خىل دۈشمەنلەرگە، بولۇپمۇ تېررورلۇق… ۋەھەكەزالارغا زەربە بەرگۈچى سىياسىي كۈچكە ئايلاندۇردى. سىياسىي كۈچى بولسا، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە 2 – دۇنيا ئۇرۇشنىڭ غالىپلىرى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «غەرب ئەللىرى» دېگەن ئۇقۇمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غالىپلىرىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى شەرق لاگېرىغا قارشى مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجى ئىدى. 

* ** ** *** *** ***

2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتتە ئۇرۇش تۈپەيلى ۋەيران بولغان شەھەر ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرى ۋە دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى سەۋەبىدىن بېلگىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە ۋە لىيۇكسېمبۇرگ خانلىقى تەرىپىدىن 1948 – يىلى ئىمزالانغان بىريۇسسېل كېلىشىمى ناتونىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەينى چاغدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە بىرلىشىش ۋە ئورتاق سىياسەت شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى، سىياسىي ۋە ھەربىي بىر ئىتتىپاقلىقنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەقەززا قىلىشقا باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپانىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك كونتروللۇقى ئاستىدا كىرگۈزۈۋېلىشى، دۆلەت تۈزۈمىنى ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشلىرى مەزكۇر تەققەززانى پەيدا قىلغان سىياسىي مۇھىتنى ياراتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپانى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا دائىر ئەندىشە بىر مۇداپىئە تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس ياراتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېرلىننى قورشاۋغا ئېلىشى، غەرب ئەللىرىنىڭ مۇداپىئە تەشكىلاتى قۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردى. 1948 – يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى رەسمىي قارار قىلىندى. بۇ بىرلەشمىگە ئامېرىكىنىڭمۇ قېتىلىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەربىي تەڭپۇڭلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولدى. بۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن كەلگۈسىدە غەربىي ياۋروپادا گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان يېڭى بىر دۇنيا ئۇرۇشى خەۋپىمۇ يوق قىلىنغان بولدى. 
ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي مۇزاكىرىلەردىن كېيىن 1949 – يىلى 4 – ئاپرېلدا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىنامىسى ئىمزالاندى. ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغانلار ئارىسىدا بىريۇسسېل كېلىشىمىگە ئەزا بولغان 5 دۆلەت بىلەن ئامېرىكا، دانىيە، ئىتالىيە، زېلاندىيە، كانادا، نورۋېگىيە ۋە پورتۇگالىيەمۇ بار ئىدى. 

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى باش كاتىپى لورد ئىسماي 1949 – يىلى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، تەشكىلاتنىڭ مەقسىتىنىڭ «رۇسلارنى سىرتتا، ئامېرىكىنى ئىچىدە، گېرمانلارنى بولسا، تۆۋەندە تۇتۇپ تۇرۇش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ شەكىللىنىشى ھەم غەربتە، ھەم شەرقتە زور ئىنكاس قوزغىدى. تەشكىلاتنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى قۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىل داۋاملىشىدىغان سوغۇق ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى. ھەر ئىككى لاگېر بىر تەرەپتىن قوراللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىر – بىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى تېزلەشتۈردى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جاسۇسلۇق كۈرەشلىرى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى بويىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. 

* * * ** * ** * * * * ***

شۇنىسمۇ بىر ھەقىقەتكى، ناتوغا بارلىق غەرب ئەللىرى خەلقى ئىجابىي قاراشتا ئىدى، دېگىلى بولمايدۇ. بىر قىسىم ئېرلاندىيلىكلەر 1949 – يىلى يۈز بەرگەن بىتەرەپلىكنى قوللاش ۋە تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشقا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭىغا قاتناشتى. باشقا دۆلەتلەردىمۇ بۇ جەھەتتە سىياسىي تالاش – تارتىشلار داۋاملاشتى. بىراق بۇ تالاش – تارتىشلار تەشكىلاتنىڭ بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى توسۇپ قالالمىدى. 

ناتو قۇرۇلغاندىن كېيىن «ئاتلانتىكچىلىق» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمالىي ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغان قاراش ئوتتۇرىغا چىقتى. غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە كانادا ئوتتۇرىسىدا سىياسەت، ئىقتىساد ۋە مۇداپىئە جەھەتتىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدىغان «ئاتلانتىكچىلىق» قارىشى ھازىرقى كۈندىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. تەشكىلاتنىڭ مەقسەتلىرى ئارىسىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، باياشاتلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە بۇ دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرگۈچى قىممەت قاراشلارنى قوغداش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

** * * * ** ** ** * **

ئەزا دۆلەتلەردىن ھەر قانداق بىرىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم، بارلىق ئەزالارغا ھۇجۇم قىلىنغانلىق بولىدىغانلىقىغا دائىر كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. بىرەر قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، ھەر بىر ئەزا دۆلەت ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەزا دۆلەتكە ياردەم بېرىشى، كېرەكلىك بولغان ئەھۋالدا شىمالىي ئاتلانتىك رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىش بەلگىلەندى. بۇ كېلىشىمگە بىنائەن ھېچ بىر ئەزا دۆلەتنىڭ ھۇجۇم قىلغۇچىغا قارشى ھەربىي جاۋاب قايتۇرۇشى زۆرۈر بولمايتتى. تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەكلىك بولغان تەقدىردىمۇ، زادى قانداق جاۋاب قايتۇرۇش لازىملىقىنى ئەزالار بىرلىكتە بەلگىلەپ چىقاتتى. بۇ ئەھۋال بىريۇسسېل كېلىشىمىنىڭ ھەربىي كۈچ بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا ئالاقىدار 5 – ماددىسىغا زىت كېلەتتى. شۇنداقتىمۇ ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرەرسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، باشقا ئەزالارنىڭ ھەربىي ياردەم قىلىشى ئېنىق ئىدى. ناتو كېلىشىمىگە بىنائەن ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر – ئالاقە، ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ۋە ھەر تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنى ئورتاق ئۆلچەملىك ھالغا كەلتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مانا بۈگۈنكى كۈندە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەتتا مانىۋېرلاردا ئىشلىتىدىغان قورال ۋە كېچىك ئوقلارغا قەدەر ئۆزئارا ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ناتوغا ئەزا ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئەسكىرى باشقا ئەزا دۆلەتلەردە ئوخشاش قورال ۋە ئوق – دورا بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلالايدۇ. 

* ** ** ** ** ** ***

1950 – يىلى كورېيە ئۇرۇشى باشلىنىشى بىلەن تەڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەن كوممۇنىست دۆلەتلەر، ناتونى ئۆزئارا ئورتاق ھەربىي پىلان تۈزۈش، ئارمىيەگە ئورتاق قوماندانلىق قىلىش، جۇغراپىيە جەھەتتىنمۇ بىرلىكتە كېڭىيىش تەرەپكە يۈزلەندۈردى. تۈركىيە كورېيە ئۇرۇشىغا غەرب ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان بولۇپ، تۈرك ئەسكەرلىرى بۇ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تۈركىيەنىڭ 5000 كىشىلىك ھەربىي ئەترىتى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە «شىمال چولپىنى» دېگەن نام بىلەن داڭق چىقارغان ئىدى. 1952 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇغۇزدا ھەربىي بازا ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان ئىمتىيازلارنى تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە تۈركىيە غەرب ئەللىرىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ، ناتوغا ئەزا بولدى. تۈركىيەنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچلەنگەن تەشكىلات سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىسسىق دېڭىزغا سوزۇلۇش نىشانىنىمۇ يوققا چىقارغان بولدى. كېيىنچە سوغۇق ئۇرۇش تازا ئەۋجىگە چىققان، كوممۇنىزم كېڭەيمىچىلىكى توختاپ، تەشۋىقات ئۇرۇشى ۋە ئالەم قاتنىشى تېخنىكا رىقابىتى باشلىنىپ كەتتى. كوبا كرىزىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يادرولۇق قوراللار تۈپەيلى يۈز بەرگەن كرىزىس، يالقۇنلۇق ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتمەستىن، دىئالوگ ئارقىلىق توسۇپ قىلىندى. نەتىجىدە پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنى نابۇت قىلىپ تاشلىشى مۆلچەرلەنگەن يادرولۇق قورال ئۇرۇشى خەۋپىنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولدى. 

** ** ** * * * *** * ** **

غەرب ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت شۇنىڭدىن كېيىن تاشقى پىلانىتلارنى فەتىھ قىلىش بىلەن داۋاملىشىدىغان بولدى. دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئارقىدىنلا ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى. 1980 – يىللىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رونالد رېگاننىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان «پلانېتىلار ئارا ئۇرۇش لايىھىسى» سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئافغانىستاندىكى نەتىجىسىز ئىشغالىيەت ھەرىكىتى، سوۋېت ئىتتىپاقىنى يوقىلىش گىردابىغا ئېلىپ باردى. 1989 – يىلى بېرلىننى ئىككىگە ئايرىپ تاشلىغان بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈپ تاشلىنىشى بىلەن تەڭلا سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ پۈتۈنلەي نابۇت بولدى. 

دەرۋەقە، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى، ناتونىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغان بولدى. تەشكىلات قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يېڭى دۈشمىنىنى «خەلقئارا تېررورىزم» دەپ يېڭىدىن بەلگىلەپ چىقتى. ناتونىڭ بوسنىيە – گىرېتسىگوۋېنا ئۇرۇشى بىلەن باشلانغان ھەربىي مۇداخلىلىرى ئافغانىستاندىمۇ داۋاملاشتى. سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش نەتىجىسىدە تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بولسا، ئەزا دۆلەتلەرگە كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارشى قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى. ئەمدىلىكتە سوۋېت لاگېرىدىن ئايرىلغان پولشا، چېخ جۇمھۇرىيىتى، ۋېنگىرىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن ناتونىڭ شەرققە قاراپ كېڭىيىشى داۋاملاشماقتا. 

* * ** ** ** ** ** ** 

ناتو بۈگۈنكى كۈندە ناتو دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناپ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ۋەزىپە ساھەسىنىڭ سىرتىدىكى سومالىدىمۇ دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئوخشاش بىر قانچىلىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە. ناتوغا ئوخشاپ كېتىدىغان خەلقئارالىق ئورگانلارمۇ دۇنيانىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم ھالغا كېلىشى ئۈچۈن 24 سائەت كۆز يۇمماستىن ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بۈگۈنكى خاتىرە كۈنىدە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق خادىملىرىغا دۇنيانىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان خىزمەتلىرى يۈزىسىدىن چەكسىز رەھمىتىمىزنى ئېيتىمىز. 

مەنبە : تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

نيۇ-يوركتا 18ياشلىق ئاق تەنلىك ئىرقچى 10 ئادەمنى ئۆلتۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورچى دەپ ئاتىدى. فوكس خەۋەرلىرى كۈشكۈرتكۈچى دەپ قارالدى.

سە ماي 17 , 2022
نيۇ-يوركتا 18ياشلىق ئاق تەنلىك ئىرقچى 10 ئادەمنى ئۆلتۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورچى دەپ ئاتىدى. فوكس خەۋەرلىرى كۈشكۈرتكۈچى دەپ قارالدى.

You May Like