مۇسۇلمان جەمىيەتلەرقۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

27-نۆۋەتلىك مۇسۇلمان جەمىيەتلەر قۇرۇلتىيى Esam تەرىپىدىن 2-نويابىردىن 3-نويابىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھرىدە ئېچىلدى.

2- نويابىر ئىقتىساد ۋە جەمىيەت تەتقىقات مەركىزى ESam تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەلىقئارا مۇسۇلمان توپلۇلۇقلار (جەمىيەتلەر) بىرلىكى قۇرۇلىتىيى ئىستانبۇلدا باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلتايغا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان قىتئە ۋە رايونلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى خەۋىرى

تەييارلىغۇچى: ئىقبال

كوررىكتور: مەنزىل

2018-12-5

27-نۆۋەتلىك مۇسۇلمان جەمىيەتلەر قۇرۇلتىيى Esam  تەرىپىدىن  2-نويابىردىن 3-نويابىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھرىدە ئېچىلدى.

2- نويابىر ئىقتىساد ۋە جەمىيەت تەتقىقات مەركىزى ESam تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەلىقئارا مۇسۇلمان توپلۇلۇقلار (جەمىيەتلەر) بىرلىكى قۇرۇلىتىيى ئىستانبۇلدا باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلتايغا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان قىتئە ۋە رايونلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى رەئىسى ھىدايتۇللا ئوغۇزغان، مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئەر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزالىرىدىن نىزامىددىن تەمكىنى، ئابدۇلكەرىم كۇچار، دوكتۇر ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى جەمىيىتى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇسالام تەكلىماكان … قاتارلىقلار قاتناشتى. ئوغۇزغان قۇرۇلتايدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: دۇنيا يېڭى كۈچلەرنىڭ ئالمىشىشى(ئۆزگىرىشى) ۋە تەرەققىيات «جەريانىغا قەدەم قويۇۋاتقان بىر پەيتتە ياشاۋاتىمىز. بۇ ئۆزگىرىش جەريانىدا ئەڭ چوڭ ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان مۇسۇلمان جەمىيىتى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندۇر. ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا كۈچ سىنىشىشىدا مۇستەملىكىچىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان خىتاينىڭ يىڭى پىلانى يىپەك يولى پىلانىدۇر. يىپەك يولى پىلانىنىڭ ئومۇرتقىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ سەۋەپتىن شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئىسلام دۇنياسى بۇ كۈچ ئۆزگىرىش مۇساپىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك. بۇ ھەم ئىمانى ۋە ھەم سىياسىي نۇقتىدىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر.

ھىدايتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، خىتاينىڭ 2050- يىللىق چۈشى، 40 مىليۇندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ خىتاي رىجىمى تەرىپىدىن جىسمانىي، ئەقلىي، روھىي جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ قوشماق تۇققان سىياسىتى، خىتاي نازى لاگىرلىرى، خىتايلار بىلەن مەجبۇرى تويلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى، ئاتا-ئانىلىرى جازا لاگىرلىرىغا قامالغان سەبىي بالىلارنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى، دىنسىزلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىندى.

ئوغۇزخان يەنە: «ئىسلام دۇنياسنىڭ پەرۋاسىزلىقى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى غەربكە تاشلاپ قويۇپ، ئاندىن بۇ مەسىلە غەربنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن بولغان دەپ ئەيىبلەشلىرى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ساقىت قىلالمايدۇ -» ،دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

بۈگۈن يەنى 3-نويابىر قۇرۇلتاي نەتىجىلىك ئاياغلاشقان بولۇپ، قۇرۇلتاي خۇلاسىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى، بولۇپمۇ نازى جازا لاگىرلىرى ھىچبىر زامان قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

مەنبە: https://www.facebook.com/100010729366210/posts/755049068196065/

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

ب د ت: لاگىرلارنى تەكشۈرۈش چارىسىنى ئىزدەيمىز!

چا دېكابىر 5 , 2018
رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 5-دېكابىر ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان كوررىكتور: مەنزىل ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2018-12-5   [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس […]

You May Like