مۇسۇلمان ئەللەردىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار تىزىملىكى 1: مىسىرىدىن قايتۇرۇلغانلا

ئ‍ابدۇۋەلى ئايۇپ

 

مىسىر ۋەقەسىدە تۇتۇلۇپ تۇرا تۈرمىسىگە توپلانغاندىن كېيىن توپتىن ئېلىپ چىقىپ

كېتىلگىنىچە خەۋىرى بولمىغان 16 ئۇيغۇر ئەر بار…

ئۇلار:

1, ئىلياسجان راھمان

2, رىھىمجان ئازات

3, مەمەتجان ئەمەت

4, مەمەت ئابلا ئاتاللا

5, ئابدۇغوپۇر ئەھەد

6, ئابدۇۋەلى غوپۇر

7, ئابدۇرەقىپ

8, شىرئەلى شىرزات

9, مەھمۇد ھاجىم ،

10, نۇرمۇھەممەت ئوبۇل

11, شەھىدۇللاھ جالالىدىن ،

12, ئابدۇۋەلى،

13, ئوسمانجان ،

14, ئادىل ،

15, ئەكبەر ئوسمان،

16, ئابدۇلئەزىز ،

ئۇنىڭدىن باشقا يولدۇشۇم مۇختار روزى نوۋەيبى پاراخوت پورتىدا تۇتۇلغان بولۇپ توپقا قېتىلمىغان؛

شۇنداق قىلىپ مىسىر ۋەقەسىدە بۇ 17 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىز دىرەكسىز غايىپ بولغان؛

 

 

بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى يەتتە كىشىنىڭ ئايالى چەتئەلدە, ئاساسلىقى تۈركىيەدە ياشاۋاتىدۇ؛ بىز ئۇلار بىلەن ئاساسەن ئالاقە قىلالىدۇق لېكىن باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگەللىيەلمىدۇق شۇڭا قالغانلارنىڭ ۋە بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇردىن باشقا تۇتۇلۇپ ئىز دىرىكى بولمىغانلارنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىدىغان تونۇشلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. قوشۇمچە قىلىپ تەكىتلەيدىغىنىم يولدۇشۇم مۇختار روزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولغان ئابدۇغىنى , قۇمۇللۇق سېدىقجان ۋەئايالى ئاينىساغا بىلەت ئېلىپ بەرگەن قىرىنداشلار ياكى شۇلارنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىدىغان قىرىنداشلارنىڭ مەن بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىشىنى سورايمەن.

بۇ يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئەينى ۋاقىتتا تۇرا تۈرمىسىدە بىللە ياتقان كېيىن قۇتۇلۇپ ئازادلىققا چىققان قىرىنداشلىرىمزنىڭ تەمىنلىشىنى بەكرەك ئۈمۈد قىلىمەن ؛ مەن ئۇلارنىڭ ھىكايىسىنى بىر بىرلەپ ئالالىسام تېخى ياخشى ھېچبولمىسا ئارخىپىنى تۈپلەپ قويىمەن؛ ئۇلار بۇنداق جىمجىتلا يوقاپ كەتسە ياكى 10يىل 20 يىل بىكاردىن بىكار تۈرمىدە يېتىپ كەتسە ھەتتا ئۆلۈپ كېتىپ ئىزدىرىكى سورالمىسا بولمايدۇ؛ سىلەرنىڭ ئىچىڭلار قاينىمىغان بىلەن مېنىڭ ئېچىم قاينايدۇ؛ ھېچبولمىسا يولدۇشۇمغا چىدىمايمەن؛ بىز بىر نەچچە ئايال ئۆز يولداشلىرىمىزنىڭ ئىز دىرىكىنى قىلىش جەريانىدا باشقىلارنىمۇ ئىزدىرىكىنى قىلىپ قويۇشنى مەقسەت قىلدۇق؛ بىز بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ساقلىدۇق كۈتتۇق؛ ياخشىلىنىپ قالا يىنىكلەپ قالا دەپ ساقلىدۇق كۈتتۇق؛ كۈچى بار ئورنى بار يۈزى بار ئورۇنلارنىڭ بىز ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىقىشىنى كۈتتۇق ئۈمۈد قىلدۇق؛ ئەلۋەتتە باشتىن ئاخىر ئاللاھتىن قاتتىق تىلىدۇق ھەم بۇندىن كېيىنمۇ تىلەيمىز؛ ئەمما قۇتقۇزۇش ئۈمۈدى كىچىك يوللىرى قېيىن بۇ يولدا ئەمدى ئۆزىمىز قىينالساقمۇ تىرىشىپ تىرمىشىپ چوڭراق قەدەم ئېلىشقا تىرىشمىساق بولمايدىكەن دېگەن يەرگە كەلدۇق؛ ئىنشائاللاھ ئەرلىرىمىز تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشىپ بىز بىلەن جەم بولمىغىچە بۇ جان بۇ تەندىن ئايرىلمىغۇچە بۇ دەۋادىن ۋاز كەچمەيمىز؛ قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنى قىلىپ باقىمىز؛ ئۈمۈد ئۈزمەيمىز ئىنشائاللا.

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

2016 ~2018 يىللاردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۆلىمالار تىزىملىكى

پە ئۆكتەبىر 18 , 2018
ئابدۇۋەلى ئايۇپ   2018- يىلى ئۆكتەبىرگىچە ۋەتەندىن ئېلىنغان ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆلىمالارنىڭ ئاساسەن تۇتۇلغانلىقى مەلۇمبىز مەزكۇر ئۆلىمالارنى پائالىيەت سورۇنى بويىچە تىزىپ تۆۋەندىكىچە رەتلەپ چىقتۇق.. ئۈرۈمچىدە پائالىيەت قىلىدىغان ئۆلىمالار ئىزاھات قىسقىچە ئەھۋالى ئىسىم – فامىلىسى NO ئەزكا تاماقخانىسى خوجايىنى، […]

You May Like