مۇستەقىللىق- ئۇيغۇر مەۋجۇتلىقىنىڭ كاپالىتى

مۇستەقىللىق- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ كاپالىتى.

نۇرى مۇساباي

 

مۇستەقىللىق- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ كاپالىتى.

 

خىتتاي بىلەن بىرگە ياشاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق ئىمزالىق بىر سۈلھى-سالاھ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەھكۇم بولۇشىنىڭ يول خېتىدۇر.

 

2009 – يىلىدىن باشلاپ، تەشكىلاتلىرىمىز ئارىسىدا بىلىپ-بىلمەي مۇستەقىلچى،  مۇستەقىللىقنى قىزغىن قارشى ئالمايدىغانلار ( ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمىسىمۇ، كۆڭلىدە ئاپتونومىيەنى ، خىتاي فېدىراتسىيەسىنى تەرغىپ قىلىدىغانلار )   بولۇپ بۆلۈنۈشكە باشلىدى. بەلكىم بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تەشكىلات ئىچىدە بۇ خىل ئىددىيەدىكىلەر بار بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما جامائەتكە ئۆزىنى بىلدۈرمىگەن ئىدى.

 

مۇستەقىلچىلەر مۇستەقىللىق ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتتاي بولمىغان يەرلىك خەلىقنىڭ تەبىئىي ھەققى، قانۇنىي ھوقۇقى  دەيدۇ.  تاتتۇرۇپ قويغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ پىكىرگە قوشۇلمايدىغانلار ( يەنى ئاپتونومىيەنى ،  خىتتاي فېدىراتسىيەسىنى خالىغۇچىلار)  

 

1. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى مۈشكۈل بىر ئىش، ئۇنىڭغا يېتىش ئىمكانسىز. خىتتاي كۈچلۈك، بىز ئاجىز. قايسى كۈچىمىز بىلەن خىتتايدىن مۇستەقىللىقىمىزنى ئالىمىز.

 

2. خەلقئارا  دىپلوماتسىيەسى بويىچە، بىز مۇستەقىللىق دەپ بارساق، بىزنى قوبۇل قىلمايدۇ، بىزگە ھېسداشلىق قىلمايدۇ.  ئۇنى ئېغىزغا ئالماسلىقىمىز كېرەك. ئوتتۇرا يولدا :-ئۆز-تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دىگەن دىپلوماتىك ئاتالغۇ بىلەن مېڭىشىمىز كېرەك. 

 

3. مۇستەقىللىق دېسەك بىزگە  بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەملەر كېسىلىدۇ. ئىشىمىز ماڭمايدۇ. بىزگە پۇل بېرىپ، بىزنى قوللاۋاتقانلاردىن ئايرىلىپ قالىمىز دېگەندەك پىكىرنى تەشۋىق قىلىپ مۇستەقىلچىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ كەلدى. تەشكىلاتلىرىمىزدىكى بۇ پەرق 2011-يىلىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىپ، تەشكىلاتلاردىكى بۇ ئىككى خىل كۆز قاراشتىكىلەر ئايرىلدى.

 

بىر قىسىم تەشكىلاتلاردىن  مۇستەقىلچىلەر  سىقىپ چىقىرىلدى.  مۇستەقىللىق دىگەن سۆزنى ئاغزىغا ئالمايدىغانلار قالدى. شۇندىن ئېتىبارەن بۇ ئىككى خىل قاراشتىكىلەرنىڭ  ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تالاش-تارتىشلىرى، جېدەللىرى داۋام قىلىپ كەلدى.

 

****************

 

ئەگەر ۋەتەننىڭ ئەھۋالى 1980-ۋە 1990- يىللاردىكىدەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  مەۋجۇتلىقىغا  تەھدىتى  بولمىغان بىر مۇھىت بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلىپ كەلگەن بولسا، بەلكىم ئاپتونومىيەنى، خىتتاي فېدىراتسىيەسىنى ياقلىغۇچىلارنىڭ يۇقارقى سۆزلىرى بىر ئاز تارازا باسقان بولاتتى. ئۇلار يەنە مۇنداق قوشۇمچە قىلسا بولاتتى:– ئەگەر مۇستەقىللىق دەپ ۋاقىرىساق، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىۋاتقان ئاپتونومىيە مەرھەمىتىدىن مەھرۇم قالىمىز، مەدەنىيەتلىرىمىز، مەكتەپلىرىمىز، بارلىق ئاپتونومىيە ھەقلىرىمىزدىن مەھرۇم قالىمىز . لېكىن ،  بۈگۈن 2020-يىلى  خىتتاينىڭ دەپتىرىدە بىز يەنىلا  ئاپتونۇم رايون دەپ يېزىلغان بولساقمۇ،  ئەمما يۇقاردا دېيىلگەن  بارلىق ئىمتىيازلاردىن ئايرىلدۇق. يوقۇلۇش خەۋپىدە تۇرىۋاتىمىز.  

 

چەتئەلدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلىرىمىز  نەچچە يىللاردىن بەرى   خىتتاينىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەسلىك ئۈچۈن،   خەلقئارادا مۇستەقىلچى ئاتىلىپ  قالماسلىق ئۈچۈن،  خىتتاينىڭ تىلى بويىچە بۆلگۈنچى ئاتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ۋەتەن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ  ھەرقانداق نارازىلىق  ھەركەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ كەلدى. خەلقئاراغا، خىتتايغا ئۆزلىرىنى ناھايىتى تىنچلىقپەرۋەر، دېموكىراتىك ئاڭغا ئىگە، پەقەت ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى بىر تەشكىلات قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلدى.

 

لېكىن بىز چەتئەلدىكىلەر ھەر قانچە يۇمشاق، دېپلوماتىك، دېموكىراتىك بولۇشقا تىرىشساقمۇ، خىتتاي بىزنى ئەيىبلەشتىن توختىمىدى. ۋەتەندە بولسا ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش، يوقىتىش سىياسىتىنى پىلانلىق، سېستىمىلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋەردى. ئاقىۋەتتە بۈگۈنكى ھالغا كەلدۇق. لېكىن چەتئەلدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار، زىيالىيلار خىتتايغا  بولغان  ئىشتىياقىنى، مەپتۇنلىقىنى يەنە داۋام قىلىۋاتىدۇ.

 

خىتتايغا ئىشەنگەن سەيپىدىن ئەزىز، خىتتاي قانۇنىغا ئىشەنگەن ئىھام توختى، خىتتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلغان  نۇربەكرىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى ھەممىمىز كۆردۇق.  خىتتايغا ئىشىنىشنىڭ خاتالىقىنى، خىتتاي قانۇنىنىڭ يالغانلىقىنى ، خىتتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھېچقاچان خىتتاينىڭ بىر پۇقراسى قاتارىدا كۆرمەيدىغانلىقىنى: —  خىتتايغا بولغان ساداقەتمەنلىكنىڭ،  مەپتۇنلىقنڭ بىر ئەخمەقلىق ئىكەنلىكى  ئىسپاتلاندى.

 

1. بىزنىڭ قۇللۇققا مەھكۇم بولۇشىمىزنىڭ بىرىنجى ئىمزاسىنى قويغۇچى سەيپىدىن ئەزىز خىتتاي ئاشىقلىقى بىلەن، خىتتاي رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىگە، ۋەدىلىرىگە ئىشەنگەن بىرى ئىدى.  ئۇ خىتتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچىكى خىتتاي بىلەن بىرگە ياشاش ئارقىلىق پارلاق بولىدۇ دېگەنگە ئىشەنگەن ئىدى.  ۋەتىنىمىزنى خىتتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئىمزا قويغان ئىدى.  ئىمزالار قويۇلۇپ بولۇپ، خىتتاي ئارمىيەسى ۋەتىنىمىزگە كىرىۋېلىپلا، سەيپىدىنگە بېرىلگەن ۋەدىلەر ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى.

 

كېيىن، سەيپىدىن ئەزىز  ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، خىتتاي رەھبەرلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مودىلىدىكى فېدىراتسىيە شەكلىدە خىتتاي فېدىراتسىيەسىنى قۇرۇش ۋەدىسى بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.  ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى جۇمھۇرىيەتلەردەك رەسپۇبلىكا بولۇش تەلىپىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويغان. خىتتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ياردەمدە بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ  بېسىم قىلغان.

 

 1952- يىلىدىكى ماۋزېدوڭنىڭ موسكۋا سەپىرىدە بۇ تەكلىپمۇ باشقا تەكلىپلەر بىلەن بىرگە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماۋزېدوڭ موسكۋادا بىر ئايغا يېقىن تۇرۇپ، موسكۋانىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ قايتقان. نەتىجىدە 1955-يىلى ئاران تەسلىكتە “شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى “ دەپ بىر قۇرۇق ئېمىزگىنى بىزگە سېلىپ قويدى. كەينىدىنلا ۋەتىنىمىزنى يەنە 5 ئاپتونۇم ئوبلاستلارغا بۆلۈپ قويۇپ، قېرىنداش خەلىقلەرنى بىر-بىرىمىزگە دۈشمەن قىلىپمۇ قويدى. بۇ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن ھوقۇقىمىزدىن پەقەت 1980-يىللىرى ۋە 1990-يىللىرى مەلۇم مىقداردا پايدىلانغان ئىدۇق. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن، خىتتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەندىشىسى تۈگىدى.

 

نەتىجىدە  خىتتاي ھۆكۈمىتى   تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، غەرپنى ئېچىش دېگەندەك باھانىلار بىلەن ۋەتىنىمىزگە كەڭ كۆلەمدە ھەر ساھەگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى. كۆچمەن يۆتكەشنى تېزلەتتى. شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈ خىتتاي تۇپرىقى قىلىش ئۈچۈن ستراتېگىيەلىك قەدەملەرنى باستى. 1980-يىللىرىدىن بېرى بەھرىمان بولۇۋاتقان قىسمەن ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىمىز ئاستا-ئاستا ئېلىپ تاشلاندى.

 

پىلانلىق تۇغۇت، قوش تىللىق مائارىپ، شاڭخەي سىنىپلىرى، ئىچكىرىگە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش دېگەندەك تۈلكە سىياسەتنى كەشىپ قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوق قىلىش ستراگەيەلىك پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا قارىتا ۋەتىنىمىزدە قارشىلىقلار بولدى. لېكىن چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىكىنى ئىپادىلەش، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى تەلەپ قىلغۇچى سالاھىيىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، ۋەتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە يۇمشاق پوزىتسىيە بىلدۈردى. ياكى جىم تۇردى. ھەتتا ۋەتەندە  قاتتىق ھەرىكەتلەر يۈز بەرسە، بايانات ئېلان قىلىپ ئۇ ھەرىكەتنى تەنقىتلىدى، خىتتاي خەلقىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتسەك بولمايدۇ دەپ، خىتتاي خەلقىدىن ئەپۇ سورىدى. لېكىن خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ستراتېگىيەلىك پىلانىنى  داۋملاشتۇرىۋەردى. نەتىجىدە  بۈگۈنكى ھالغا ئەكەلدى. بىز ئەپۇ سورىغان خىتتاي خەلقىدىن بىزگە بىر ئېغىزمۇ ھېسداشلىق سۆزى كەلمىدى.

 

ھەتتا چەتەلدىكى خرلى يۇقىرى ئۇنۋانى بار ئوقۇمۇشلىق “زىيالىيلىرىمىز” خىتتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپىنى ماختاپ ۋەتەندىكى گېزىتلەردە، تور بىكەتلىرىدە ماقالىلەرنى يازدى.  ۋەتەنگە بېرىپ، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن  ئۇنىۋېرسىتېتلەردە قوش تىللىق مائارىپنى، شاڭخەي سىنىپلىرىنى قوللاپ، لېكسىيەلەر سۆزلىدى.  خىتتاي لاگېرلارنى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، بۇ “زىيالىيلىرىمىز” نىڭ ۋەتەنگە بېرىش يوللىرى ئېتىلدى .  بۈگۈن ئۇلار ئىنقىلاپچىلار بولدى.  

 

2. ئىلھام توختى  كۈندىن -كۈنگە يامانلىشىپ كېتىپ بارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىنى خىتتاينىڭ قانۇنى بويىچە قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پىدائىي بولۇپ، ئوتتۇرىغا چۈشكەن ۋەتەن ئىچىدىكى بىر زىيالىي . ئىلھام توختى  سەيپىدىن ئەزىزنىڭ  زامانداشلىرى تەرىپىدىن سېتىلغان ۋەتەننى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى خىتتاينىڭ ئاتالمىش  ئاپتونومىيە قانۇنلىرىنىڭ قايتىدىن ئىجرا قىلىنىشى ئارقىلىق قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.   

 

گەرچە ئىلھام توختى خىتتاي قانۇنىنى پۈتۈنلەي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادە قىلغان ئىدى. پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپى: خىتتاي قانۇنىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتتايلاردەك بەھرىمان بولۇش ھەققى بارلىقىنى، خىتتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە خىتتايلار ئۆزلىرى 1980-يىللىرىدىن بۇيان ئېلان قىلغان ئاتالمىش “شىنجىئاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون” نىڭ ئاپتونومىيە قانۇنلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشىنىلا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىغا “ۋەتەننى پارچىلاش ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلىش“ قا ئۇرۇنۇش جىنايىتىنى ئارتىپ، مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلدى.

 

ئىلھام توختى فرانسىيەدىكى ۋاقتىدا سۆزلىگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىنى خىتتاي قانۇنىي بويىچە ھەل قىلىشنى سىناپ باقىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. بۇ ئىشى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنىمۇ دېگەن ئىدى. ئىلھام توختى خىتتاي قانۇنىنى  غەرپ قانۇنلىرىغا ئوخشىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى خىتتاي قانۇنى بويىچە قوغداپ قېلىشنى نىشان قىلغان ئىدى. ئۇ خىتتاي قانۇنىغا ئىشەنگەن بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ئىدى. شۇڭا ئۇ فرانسىيەدىن بېيجىڭغا قايتىپ كېتىپ، دېگىنى بويىچە ئىش قىلدى. نەتىجىدە ئىلھام توختى  ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە:  

 

خىتتاي قانۇنىنىڭ يالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى خىتتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى دىسىمۇ خىتتايلارنىڭ بۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتتاي قانۇنىدا ئورنىنىڭ يوقلىقىنى،   ھەتتا “شىنجياڭ”  خىتتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پارچىسى دېسىمۇ ئەمدى ئاقمايدىغانلىقىنى، خىتتاينىڭ  غەرىپلىكلەردەك ئىنسانپەرۋەر، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئىلھام توختى  ھاياتىنى خەتەرگە ئېتىپ، خىتتاي قانۇنىنىڭ ئادالىتىنى، ھەققانىيىتىنى سىناپ باققان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ئىدى. نەتىجىدىدە خىتتاي قانۇنى يالغان چىقتى.

 

3. نۇر بەكرى خىتتايغا بىر ئۆمۈر ساداقەتمەنلىك قىلىشنىڭ،  بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلىشنىڭمۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ  نورمال خىتتاي پۇقراسى بولالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بىر قورچاق رەئىس. نۇر بەكرى 2000- يىلىدىن بۇيان باشلانغان  ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ، شايخەي سىنىپلىرى، ئىچكىرگە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ، ئىجرا قىلغان قورچاق رەئىسلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ خىتتاي كومپارتىيەسىگە، خىتتاي ھۆكۈمىتىگە ئەڭ سادىق رەئىسلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەپسۇس ئۇنىڭ خىتتايغا بولغان شۇ قەدەر ساداقەتمەنلىكى، ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر بولغانلىقىنى ياپالمىدى. نۇر بەكرى شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدىكى خىتتايدىن پەرقلىق بولغان  ھەر قانداق بىر مىللەت خىتتاي ئۈچۈن بۆلگۈنچى بولىدۇ دېگەننى ئىسپاتلىدى.

 

خىتتاينىڭ بوۋىسى كۇڭزىنىڭ تەلىماتىدىكى :  پەرق دۈشمەندۇر، خىتتايغا ئوخشىمايدىغان ھەر كىم خىتتاي ئۈچۈن تەھدىتدۇر دېگەن خىتتايلارنىڭ پەلسەپەۋى سۆزى  نۇربەكرىنىڭ قۇربانلىقى بىلەن ئىسپاتلاندى. خىتتايدا شۇ قەدەر خىيانەتچى، پارخورلار تۇرسا، خىتتايغا سادىق بولغان نۇر بەكرى خىيانەتچى بولۇپ جازالاندى. چۈنكى  نۇربەكرى پەرقلىق ئىدى، خىتتاي ئەمەس ئىدى.

 

ۋەتەندىكى خەلىقنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك بىر باسقۇچتا. تارىخىتىن ۋە نۆۋەتتىكى خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقىدىن ئازراق بولسىمۇ دەرس ئېلىشىمىز كېرەك ئىدى.  لېكىن چەتئەلدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز يەنىلا خىتتاي مەپتۇنلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.  خىتتاي بىلەن يەنە  بىللە ياشاش چۈشىنى كۆرۈۋاتىدۇ.

 

بولدى يېتەر! ئەمدى  خىتتاي ئاشىقلىقىنى ئۇيغۇر خەلقىغە زورلاپ تاڭماڭلار. بۈگۈنكى كۈندە يەنە خىتتايدىن ئۈمىد كۈتكەن،  خىتتاي بىلەن يەنە  بىرگە ياشاش مۇمكىن دەيدىغان ھەرقانداق بىر  كىشى ساپ ئۇيغۇر ئەمەس. توغرا نىيەتلىك ئۇيغۇرمۇ ئەمەس، زىيالىيمۇ ئەمەس.

 

بىر قىسىم  ئاتالمىش پائالىيەتچىلەر، بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى چەتئەللىك سالاچىلارنىڭ / لوبىيچىلارنىڭ سالا قىلىشى بىلەن،  ئۇيغۇرلارنى “ جوڭخۇا مىللەتلىرى توپلىمى “ دەيدىغان دېموكراتچى خىتتايلار كەشىپ قىلغان يېڭى ئويۇنىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ.   ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى خىتتاينىڭ ئىچىدە ھەل بولىدۇ دېگەن سەپسەتەنى بازارغا سېلىشقا باشلىدى. بۇ خۇددى ماۋزېدوڭ يىللاردىن بېرى دەپ كەلگەن “ ئۇيغۇر مەسىلىسى مىللىي مەسىلە ئەمەس، ئۇ خىتتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى “ دېگەن خىتتاي سىياسىتىنى قايتا جانلاندۇرغانلىقتۇر.  

 

بۇ پائالىيەتچىلەر خىتتاي دئېموكراتلىرىنىڭ  “خىتتاي فېدىراتسىيەسى”  قۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان خىتتاي تەۋەسىدىكى بىر رېسپۇبلىكا/ جۇمھۇرىيەت بولىدۇ دەيدىغان،   بۇندىن 70 يىل بۇرۇن ماۋزېدوڭ خىتتاي سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغان ئېمىزگىنى ئالماشتۇرۇپ  ئېمىش خىيالىدا بولۇۋاتىدۇ.  

 

تەشكىلاتلىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز شۇنى بىلىشى كېرەككى  ئۇيغۇرلار ئەمدى خىتتاي بىلەن بىرگە ياشىيالمايدۇ. بۈگۈن خىتتاي ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە خۇددى خىتتاي ۋىرۇسىدەك يامراپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا، خىتتاي بىلەن يەنە داۋاملىق بىرگە ياشاشنى  تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى تەشۋىق قىلغان بىلەن باراۋەر. ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان  تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلەر، زىيالىيلار بۇندىن كېيىنكى  سۆز-ھەرىكەتلىرىنى بۇنىڭغا قارىتا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.  

 

ئەگەر كىمكى  يەنە خىتتاي بىلەن بىرگە ياشاشنى تەشەببۇس قىلسا، ”ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتتاي ئىچىدە ھەل بولىدۇ“ دەيدىغان سەپسەتەنى ساتسا، كىمكى يەنە سەيپىدىن ئەزىز، نۇربەكرىدەك بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئۇلار ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان يېڭى مۇناپىقلاردۇر. ئەمدى بىرەرسىنىڭ ئىلھام توختىدەك تەۋەككۈل قىلىپ، خىتتاينىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكىنى، قانۇنىنى سىناپ باقىمەن دەپ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت ئۇيغۇرلار خىتتايدىن تەل-تۆكۈس قۇتۇلغاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. قانداق قۇتۇلىمىز؟ ھەممىمىز ئىددىيەدە بىرلىككە كەلسەك، قىلغىلى بولىدىغان بارلىق چارىلەرنى- سەۋەبلەرنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلساق، ئاللاھ  مۆئمىن بەندىلىرىنىڭ چىن دىلىدىن  قىلغان سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنى نەتىجىگە باغلاپ بەرگۈچىدۈر.

 

تەسلىمچىلىك قىلىپ، خىتتاينىڭ بۈگۈنكى قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، يەنە خىتتاي بىلەن بىرگە ياشايمىز دېگەندىن، خىتتايدىن تەل-تۆكۈس قۇتۇلىمىز دەپ، ھەقىقىي ئىشەنچ بىلەن پائالىيەت قىلساق، ئاللاھ نىيىتىمىزگە لايىق بىر نەتىجە بېرىدۇ. خىتتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرقانداق ھەرىكەت، پائالىيەتنى قىلىش ئۇيغۇرلارغا ئانا سۈتىدەك ھالالدۇر. بىز پائالىيىتىمىزنى، ھەرىكىتىمىزنى توغرا نىيەت بىلەن، توغرا نىشان بىلەن قىلايلى، نەتىجىنى بەرگۈچى ئاللاھتۇر.  ئاللاھتىن ئۈمىد  ئۈزۈلمەس.

 

قۇرئاندىكى كەئبەنى قوغداش ئايىتىدە :

 

— ئاللاھ خالىسا كەبىنى مۇشرىكلەرنىڭ قولى بىلەن قوغدايمەن  دېگىنىدەك، ئاللاھ خالىسا بىز مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىلغار كۈچلىرى ئارقىلىق قوغدىيالايدۇ. ( قۇرئاندىن ئالغان مىسالىم دەل جايىدا بولمىغان بولسا، ئەپۇ سورايمەن)

 

ئۇيغۇرلار ئاللاھنىڭ ئەڭ مۆئمىن بەندىسى. ئۇيغۇرلار ئېتىقادىغا ھېچقاچان خىيانەت قىلمىغان ئەڭ ساپ بىر خەلق. ئاللاھنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىمتىھانلىرىمۇ تۈگەي دەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بىز ھەركىتىمىزنى خالىسلىق بىلەن قىلايلى. نىيىتىمىزدە دۇرۇست بولايلى، نەتىجىگە ئۇلاشتۇرغۇچى ئاللاھتۇر. خىتتايدىن قۇتۇلماي ئەركىنلىك يوق،  مۇستەقىل بولماي تۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كاپالەت يوق. بىزگە بۇ يولدىن باشقا يول قالمىدى.

 

يېقىندىن بۇيان بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بىر دۆلەت باشقۇرۇشقا تەييار ئەمەس دەيدىغان بىر سەپسەتەنى  تارقىتىۋاتىدۇ.  بۇ دەل تەسلىمچىلىكتۇر.  بۇلار ئاپتونومىيەنى، خىتتاي فېدىراتسىيەسىنى تەرغىپ قىلغۇچىلاردۇر.

 

ئاۋۋال ئۆزىمىزنى مۇستەقىل دۆلەت باشقۇرۇشقا لايىق قىلىپ تەييارلىشىمىز كېرەك دەپ تەشۋىق قىلىش، نىيەتنىڭ دۇرۇست بولماسلىقى، خالىس بولماسلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى پۇرسەتلەرگە دىققەت قىلماسلىق، دىققەتنى باشقا ياققا بۇراپ، خىتتاي ئۈچۈن ۋاقىت ئۇتۇپ بەرگەنلىكتۇر. چەتئەلدىكى بۇ ئىددىيەسى پارچىلىنىپ كەتكەن، جاسارەتلىرى ۋەيران بولغان. ئۈمىدلىرى خىرەلەشكەن، غۇرۇرلىرىنى ئەمەلگە، مەنپەئەت سېتىۋەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىساق ئەلبەتتە، بىز تەييار ئەمەستەك  كۆرۈنىمىز.

 

مۇستەقىل بىر دۆلەتنى  باشقۇرۇش چەتئەلدىكى  ئۇيغۇرلارغا قالسا، مەنمەنچىلىك قىلىشىپ، ئۆز- ئارا ئىختىلاپقا كىرىپ كېتىمىز. كۈچ ئېلىشالمىساق بىر گۇرۇپپا ئامېرىكىدىن، بىر گۇرۇپپا تۈركىيەدىن، بىر گۇرۇپپا رۇسىيەدىن، يەنە بىر گۇرۇپپا ئوتتۇرا شەرقتىن ياردەم ئىستەپ ئىدولوگىيە، ئەمەل  كۆرىشى قىلىشىمىز مۇقەررەر. ھەتتا ئىزا تارتماي بۇلار دېموكراتچىلار دەپ خىتتايلارنىڭ يېنىغا بارىدىغانلارمۇ چىقىشى مۇمكىن. بىز تەييار ئەمەس دەپ ئەنسىرىمەڭلار.

 

مۇبادا ئاللاھ بىر كۈنى بىزگە شۇ مۇستەقىللىقنى نېسىپ قىلىپ قالسا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئارىلاشتۇرماي ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۆزلىرى بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. چۈنكى ۋەتەندە خىتتاي قۇراشتۇرۇپ قويغان ، ئەسكى بولسىمۇ بىر باشقۇرۇش، كونترول قىلىش، ۋەتەننى ئىدارە قىلىش سېستىمىسى بار.

 

مۇشۇ سېستىم بىلەن ھازىرغىچە خىتتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن يېتەرلىك مىللىي كادىرلىرىمىز بار. تاساددىپىي ئۆزگىرىش بىلەن مۇستەقىل بولۇپ قالساق، مۇشۇ كادىرلار يەنە بىر مەزگىل ۋەتەننى ئىدارە قىلىدۇ. چەتئەلدىكىلەر بۇ ئۆتكۈنچى دەۋردە ئارىلاشماسلىقى كەرەك.

 

بەلكىم بىر مەزگىل چىرىك، خىيانەتچى بىر ھاكىميەت بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن خىتتايدىن قۇتۇلغان مىللىي ھاكىميەت بولىدۇ.  ۋەتەننى باشقۇرالمىدىم دەپ، ئەمەل تالىشىپ، يەنە خىتتايغا ئەرز ئېيتىپ بارىدىغان ئىش بولمايدۇ. مەلۇم بىر مەزگىلدىن كېيىن يېڭى پارلامېنت، قانۇنلار تۈزۈلۈپ چىققاندىن كېيىن، سېستىما ۋە ئىدارە قىلىش ئاستا- ئاستا ئالمىشىدۇ. سوۋەتلەر ئىتتىپاقى يىقىلغاندا دەل مۇشۇنداق بولغان. مەن مۇشۇ ۋاقىتتا شۇ يەردە ئىدىم.

 

قازاق، تاجىك، قىرغىزلار قانداق قىلار، بۇ ئامەتنى يوقىتىپ قويارمۇ دېگەن ئويلارنى قىلغان ئىدىم. بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە  ئىدىئولوگىيەلىك سۈركىلىشلەر بولدى. ئىچكى ئۇرۇشلارمۇ بولدى. ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى قايتا قۇرۇلۇشى كېرەك دەپ ئىسيان قىلغانلارمۇ بولدى. چۈنكى بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىر قىسىم خەلقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا قارشى ئىكەن. بولۇپمۇ ئەمەل تۇتقانلىرى. ئەمما بۇ جۇمھۇرىيەتلەر نۇرغۇن قىيىنچىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، مۇستەقللىقىنى ساقلاپ قالدى. بەزىلىرى دەسلەپكى بەش يىلدا،  بەزىلىرى ئون يىلدا يولىنى تېپىۋالدى. بۈگۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 29-يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ.

 

بىز چەتەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىقتىدارسىز بولساقمۇ، ئومۇمىي نوپۇسىزنىڭ 90% دىن كۆپىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كامىدا مۇشۇ تاجىك، قازاق، قىرغىزلاردا بار ئەقىل بار. ۋەتەندىكى بۇ ئۇيغۇرلار دۆلەتنى قانداق ئىدارە قىلىشنى بىلىدۇ. شۇڭا مۇستەقىل بىر دۆلەتنى باشقۇرۇشقا بىز تەييار ئەمەس دېگەن سەپسەتەنى ساتمايلى. سىلەردە ئۇ ئىقتىدار بولمىغان بىلەن، ۋەتەندىكى خەلقتە بار.

 

ئاللاھ نېسىپ قىلىپ شۇ ئامەت، پۇرسەت بىر كەلسە ئىدى، خەلقىمنىڭ ۋەتەننى قانداق  باشقۇرىدىغانلىقىنى  بىر كۆرەتتۇق. ئۆزۈڭلارغا  ئىشەنچىڭلار  بولمىسىمۇ، پۈتۈن بىر مىللەتكە مۇناسىپ ئىشەنچىڭلار بولسۇن. ئۇيغۇرلار خىتتايدىن ئايرىلىشنى، قۇتۇلۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى ھالىنى  كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، بىز تەييار ئەمەس، مۇمكىن ئەمەس دەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچىكىنى يەنە خىتتاي بىلەن بىرگە ياشاشقا باغلاش، تەسلىمچىلىكتۇر، خائىنلىقتۇر.

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

ئامېرىكا خىتاي ھەربىي مەكتەپلىرى بىلەن مۇناسۋىتى بار خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ

پە ماي 28 , 2020
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ئۇنېۋېرسىتېتلىرى قارشى تۇرسمۇ ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەربىي مەكتەپلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. فېدىراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىلگىرى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچى نامىدا ئامېرىكا ئاپپاراتلىرىنىڭ نۇرغۇن ئاخباراتلىرىنى ئوغۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

You May Like