مۇستەملىكە دەۋرىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۇيغۇر باشلىق قولغا ئېلىندى! نۇر بەكرىنىڭ تەرجىمھالى ۋە باھا 

ختتاي كومپارتىيسى باشقۇرۇشدىكى مەركىزى تېلۋىزىيە ئستانسى بېيجىڭ ۋاقتى 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 8:00 دە دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش خەۋەر تارقىتىپ ،دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئسلاھات كومتىتى پارتيە گۇرۇپپىسى ئەزاسى،مۇئاۋىن مۇدىر،دۆلەت ئىنرگىيە ئىدارسى پارتكوم سىكىرتارى ،ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرىنڭ ئىنتىزامغا ئىغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە مەركىزى كومېتىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلان قىلدى.

نۇر بەكرىنىڭ تەرجىمھالى ۋە باھا 

ختتاي كومپارتىيسى باشقۇرۇشدىكى مەركىزى تېلۋىزىيە ئستانسى بېيجىڭ ۋاقتى 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 8:00 دە دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش خەۋەر تارقىتىپ ،دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئسلاھات كومتىتى پارتيە گۇرۇپپىسى ئەزاسى،مۇئاۋىن مۇدىر،دۆلەت ئىنرگىيە ئىدارسى پارتكوم سىكىرتارى ،ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرىنڭ ئىنتىزامغا ئىغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە مەركىزى كومېتىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلان قىلدى.

نۇر بەكرىنىڭ قسقىچە تەرجىمھالى:

نۇر بەكرى ،ئەر ،ئۇيغۇر،1961-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان،بۆرتالا ئوبلاستىدىن،1982-يىلى 12-ئايدا ختتاي كومپارتىيسى پارتىيە ئەزاسى بولغان،1983-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان،مەركىزى پارتىيە مەكتىۋىدە،سياسى نەزەرىيە كەسپى بويىچە ئاسپرانتىلىقنى تاماملىغان،1984-يىلى 11-ئايدىن 1989-يىلى 1-ئايغىچە شنجاڭ (ئۇيغۇرىستان-ت )ئۇنۋېېرستىتى ئېتتپاك كومتىتى پارتكوم سكىرىتارى بولغان،

1992-يىلى 1-ئايدىن 1992-يىلى 6-ئايغىچە،شنجاڭ (ئۇيغۇرستان-ت )ئۇنېۋرستىتى تەشۋىقات بۆلۇم مۇدىرى بولغان،1993-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلى 9-ئايغىچە ئۇنېۋېرستىت پارتكوم ھەيئىتى ۋە تەشۋىقات مۇدىرى بولغان،1993-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلى 4-ئايغىچە قەشقەر ۋىلايىتى ۋالى مەھكىمىسىدە ۋالى ياردەمچىسى ،1996-يىلى 3-ئايغىچە مۇئاۋىن ۋالى بولغان،

1996-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 2-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىۋى بولغان،

1998-يىلى 3-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم مۇئاۋىن سكرىتارى ،شەھەر باشلىقى بولغان،

2000-يىلى 12-ئايدىن 2003-يىلى 4-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەيئەت ئەزاسى ،سياسى قانۇن مۇئاۋىن سكىرتارى بولغان،

2003-يىلى 4-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سكرىتارى ،سياسى قانۇن مۇئاۋىن سكىرتارى بولغان.

2005-يىلى 1-ئايدىن 2007-يىلى 12-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سكىرتارى بولغان.

2007-يىلى 12-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سكىرتارى،ھۆكۈمەت مۇۋەققەت رەئىسى بولغان.

2008-يىلى 1-ئايدىن 2014-يىلى 12-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سكىرتارى،ھۆكۈمەت رەئىسى بولغان.

2014-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئسلاھات كومتىتى پارتيە گۇرۇپپىسى ئەزاسى،مۇئاۋىن مۇدىر،دۆلەت ئىنرگىيە ئىدارسى پارتكوم سىكىرتارى ،ئىدارە باشلىقى بولغان.

ختتاي كومپارتىيىسى 17-نۆۋەتلىك مەركىزى كاندىدات ھەيئەت ئەزاسى،18-نۆۋەتلىك مەركىزى ھەيئەت ئەزاسى،17،18 -نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىلى،11-12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتى ۋەكىلى بولغان.

مەزكۇر ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشچە،نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى  ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ كولمىناتسيە قسمى، سياسى ساھەسدىكى ئۇيغۇر مىللى رەھبەرلىرىنى تازىلاش ،ئۇيغۇر مىللىتىنى تەلتۆكۇس يوقتىش پىلانىڭ يۇقىرى پەللىسى.ختتاي ھەرقانداق ئۇيغۇردا ھىچقانداق «سياسى خاتالىق « ياكى ئىنتىزام مەسلىسى بولمسمۇ ،ئۇ پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭغا تۆھمەت تەييار.بۇ ختتاينىڭ رەزىل نىيتىنىڭ ئەڭ بىۋاستە ۋە ئاشكارا ئىپادىلىنىشى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن نۇر بەكرىنى يېقىندىن بىلىدىغان ئۇچ نەپەر زىيالى نۇر بەكرى ھەققىدە كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

نۇر بەكرى ختتاي نەزىرىدە ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇر كادىر،ئۇنىڭ ختتاي ئۇچۇن بىر ئوقۇتقۇچى،ساقچى ،بىر دىھقاندىن پەرقى يوق،خالىسا ئشلىتىدۇ،خالىسا سولايدۇ.ختتاينىڭ ئۇنىلا ئەمەس،بارلىق ئۇيغۇرلارنى سولايدىغانلىقى باشتىن-ئاخىر ئىنىق.چۇنكى ئۇ ختتايغا  ئەڭ سادىق ئشلىگەن،ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆرىنەرلىك خىزمەت كۆرستەلمىگەن.

يەنە بىر زىيالى مۇنداق دىدى:ختتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ نەچچە يىل بۇرۇنلا پىلانلىق تۇغۇت سرتىدا بەش بالىلىق بولغانلىقىنى ،ئۇچ نەپەر قىزىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتى،شۇ چاغدا ئۇنى تۇتمىغان،بۇ ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك،ختتاي ئۇنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ،يازغۇچىلىرى بىلەن ئالاھەزەل يېقىن مۇناسۋىتى بارلىقىنى بىلەتتى،بەلكىم بۇ شۇ چاغلاردىكى ينىكرەك سياسەت بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن ،نۇر بەكرى ئۇيغۇر مىللەت مەنپەئىتى ئۇچۇن خىزمەت قىلالمىدى،چۇنكى مۇقام،مەشرەپ،داستان دىگەنلەر رەتلىنىپ بولغان،نۇر بەكرى دەۋرىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۇز بەردى،ئۇيغۇرلارنى ئۇمۇتسزلەندۇردى،ئەمما ختتاينىڭ سياسى تۇزۇلمىسدە مەيلى قايسى ئۇيغۇر باشلىق بولسۇن ،ئۇ بەربىر چوڭ ئ‍ش قىلالمايدۇ،ھەممىسى سېزىلغان سېزىق بويىچە ماڭىدۇ،ئۇ ئاپتونوم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئسى بولغان بىلەن ئەمەلى خىزمىتى سموۋاللۇق مەناغا ئىگە بولۇپ،كونكىرىت ۋەزىپىسى  تەرجىمانلىقتن ئىبارەت.

ئۇنىڭ ئىنرگىيە منستىرى بولغان چاغلاردىكى ھوقۇق دائىرسدە پۇتۇن دۆلەتنىڭ ئىنىرگىيە ھوقۇقى ،ئۇچۇر ،ئادەم بايلىقى بار،ئۇ باشقۇرىۋاتقان بۇ ئىدارە ختتايدىكى چىرىكلىكنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ،دۆلەت ئىلكتىر ئىنىرگىيسى ئىدارسى مۇئاۋىن باشلىقى،ئايلانما ئىنىرگىيە مەنبەسى باشلىقى،نېفىت ئىدارسى مۇئاۋىن باشلىقى دىگەنلەر ئىلگىرى-كىين بولۇپ چېرىكلىك بىلەن ئەيىپلەنگەن.نۇر بەكرىنىڭ قولغا ئىلىشى -ئۇنىڭ ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىدىن بۇلانغان بايلىق ئۇچۇرلىرىنى چوڭقۇر بىلىدىغانلىقى ۋە كەلگۇسى بىر كۇنلەردە چەتئەل زىيارىتىدە ختتايغا ئاسىيلىق قىلىپ ،ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشتىن قورقۇشمۇ مۇمكىن دەپ پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاگنتېلىقىغا يېقىن كارخانىچىلاردىن بىرى مۇنداق دىدى:نۇر بەكرى ھەر قاتلام ئۇيغۇرلار بىلەن قويۇق مۇناسۋەتتە ئىدى ،بۇنىڭغا ئەگىشپ قانچىلىك ئۇيغۇر كتىشى مۇمكىن دەپ ئەنسرەۋاتىمەن،چۈنكى ختتاي ھەممىنى بىلىدۇ،قانچىلىك بىگۇناھ ئۇيغۇرنى ئۇنىڭغا باغلىشى مۇمكىن؟

ئاتالمىش «شنجاڭ« ئۇنۋېرستىتى پىراففىسورى ،دوكتۇر يىتەكچىسى ،تىلشۇناس ئارسلان ئابدۇللا نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئ‍شلىگەنىدى.

يەنە بىر كۆزەتكۇچى مۇنداق دىدى:ئەمدى ھەر قانداق ئۇيغۇر ختتايدىن ئىبرەت ئىلىشى كىرەك،نۇر بەكرىدەك سادىق غالچىلارمۇ ئاخىرى بېشىغا يىدى،ختتايغا مەڭگۇ ئىشنىشكە بولمايدۇ.ئۇيغۇرلا بولساڭ سەن ختتاينىڭ دۇشمىنى.ختتاي سنى بوش قويمايدۇ.

نۇر بەكرى قولغا ئىلىنغانلىق خەۋىرى ئىلان قىلىنغاندىن كىين ئامېرىكا ۋاشنگىتون پوچتىسى،ئەنگلىيە مۇھاپىزەت گېزىتى،مۇستەقىل گېزىتى قاتارلىقلار ماقالە ئىلان قىلدى.ئ‍ۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ئەنگىلىيە مۇھاپىزەت گىېزىتىگە بەرگەن باھاسدا مۇنداق دىدى:نۇربەكرىنىڭ تەقدىرى پۇتۇن ئۇيغۇرلار ئۇچۇن بىر سىگنال بولدى،مەيلى سەن كومپارتىيەگە قانچىلىك سادىق بول،ئۇيغۇرلار بولساڭ ئۇلار ئۇچۇن سەن ئوخشاش دۇشمەن،پەقەت ۋاقىت مەسلىسى «

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى كاتىۋى پومپيو:ئۇيغۇر قاتارلىق ئېتىقادچىلار ئەركىن ياشىغمىغۇچە بولدى قىلمايمىز!

شە سېنتەبىر 22 , 2018
«بىز قەلبىدە ئېتىقاد ئوتى بار بولغان كشلەرنىڭ خۇدا بەرگەن ھوقۇقىنى ئىپادىلىشگە كاپالەت بىرىمىز!ئىراندىكى خىرىستئانلاردىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغىچە،شمالى كورىيە ۋە تۈركىيەدىكى قامالغۇچىلارغا قەدەر ،تاكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ھىچقانداق جازالىنىشتىن قورقماستىن ئۆز ئىتىقادى بويىچە ئەركىن ياشالايدىغان بولغانغا قەدەر

You May Like