مۇسىبەت خەۋىرى: مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى نىمەتۇللاھ رەشىدى ۋاپات بولدى

مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسى، دوكتۇر نىمەتۇللاھ رەشىدى بۈگۈن سەھەر سائەت 3 تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ۋاپات بولدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،27- دېكابىر

 

مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسى، دوكتۇر نىمەتۇللاھ رەشىدى بۈگۈن سەھەر سائەت 3 تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ۋاپات بولدى.

 

نىمەتۇللاھ رەشىدى ئۇزۇندىن بېرى تۈركىيەدە تەتقىقات ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، دۇنيا يىڭنە داۋالاش جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى مۇتەخەسسىسلەر ھەيئەت ئەزاسى، خەلقئارالىق يىڭنە داۋالاش سالاھىيەت ئىمتېھانىدىن ئۆتكەن مۇتەخەسسىس دوختور خەلقئارا تەرجىمانلار بىرلەشمىسى ئەزاسى.

 

ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن كۆپ ئىزدەنگەن، يالغۇز قالغان چاغلاردىمۇ ئۆزىنىڭ مەيدانى ۋە كۆز-قاراشلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن، ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنىڭ كۈچلۈك بولۇشغا زۆرۈر كۆز-قاراشلارنى نەزەرىيەلەشتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ خەلقكە دەپ بولالمىغان نۇرغۇن سۆزلىرى قالدى.

 

نىمەتۇللاھ ئەپەندىنىڭ بىر قسم ئەسەرلىرى:
1. يىڭىنە سانجىپ داۋالاش ھەققىدە
2. ئۇيغۇرىستان – ئۇيغۇر ئېلى 101 ئەگەر
3. ئۇيغۇرلار نەگە بارىدۇ؟
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://elkitab.org/tag/nimetullah_reshidi/
4. ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۈرۈشلۈك لىكسىيەلەر (پىدائ‍ىيلار ئېكرانى)
5. ئىنسان ۋە ماگىنت
6. Türk Tıp Terminolojisine Farklı Açıdan Bakış
7. نىمەتۇللاھ ئەپەندى ھەققىدە خەۋەرلەر:
https://www.rfa.org/…/nimetulla-reshidi-11172016152106…

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئافغانستان خىتاينىڭ 10 نەپەر جاسۇسنى قولغا ئالدى

يە دېكابىر 27 , 2020
ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى ۋە ياخو ھىندىستان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 25- دېكابىر ئافغانستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى كابۇلدا 10 نەپەر «خىتاي پۇقراسى» نى «جاسۇسلۇق ۋە تېروررىزم» جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. بۇ 10 نەپەر خىتاي پۇقراسى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسى (ئەنچۈەن ) خادىملىرى ئىكەن.

You May Like