مۇھاكىمە:سايلام ۋە رەھبەرلىك (ئۇمۇن)

دىمۇكراتىيە مائارىپ پائالىيىتىدۇر.نادان خەلىق دىمۇكراتىك تۈزۈمگە ئۆتسە ئولىگار(ھوقۇقىنى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھۆكۈمران ئازسانلىق گۇرۇپ) تۈزۈم شەكىللىنىدۇ.داۋاملاشسا دەموگوگ(سىياسەتنى ئۆز ئىدىيىلىرىگە بوي سۇندۇرۇپ،خەلىقنىڭ مىللىيەتچىلىك ياكى دىندارلىققا ئوخشاش ھىسياتلىرىنى سۈيئىستىمال قىلىدىغان ئاز سانلىق گۇرۇپ) لار شەكىللىنىدۇ

سايلام ۋە رەھبەرلىك

ئۇمۇن

دىمۇكراتىيە مائارىپ پائالىيىتىدۇر.نادان خەلىق دىمۇكراتىك تۈزۈمگە ئۆتسە ئولىگار(ھوقۇقىنى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھۆكۈمران ئازسانلىق گۇرۇپ) تۈزۈم شەكىللىنىدۇ.داۋاملاشسا دەموگوگ(سىياسەتنى ئۆز ئىدىيىلىرىگە بوي سۇندۇرۇپ،خەلىقنىڭ مىللىيەتچىلىك ياكى دىندارلىققا ئوخشاش ھىسياتلىرىنى سۈيئىستىمال قىلىدىغان ئاز سانلىق گۇرۇپ) لار شەكىللىنىدۇ.دەموگوگلاردىن دىكتاتۆرلەر شەكىللىنىدۇ. پىلاتون سىياسىي قارا قىسمىتىمىز، مىللىتىمىزنىڭ خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا پاتقان ئومۇمىي گەۋدىسى سىياسىي ۋە ئىجدىمائىي پائالىيەتلىرىمىزنىڭ جانلىق ۋە ئۈنۈملۈك بولىشىغا ھەمىشە توسقۇنلىق قىلىپ كەلدى.ۋەتەن ئىچىدە ئاتا مىراس ئۇچۇر ۋە بىلىمدىن يوقسۇللىقىمىز،ئەقىلدىن ئۇزاقلىقىمىز،سىياسىي مائارىپنىڭ چۈشكۈن ۋە دوگماتىك قۇرۇلمىسى مىللىتىمىزدىكى ئىجدىمئىي قاتلاملارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن قاتمال ۋە ئەقىلدىن ئۇزاق بولىشىغا سەۋەپ بولدى دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز. مەسىلىنىڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقىماسلىق ئەڭ چوڭ مەسىلە.ئۇيغۇر كىملىكى ئاستىدىكى ئومۇمىي خەلىقنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى بۈگۈن رىئاللىقنى تونىماسلىق ۋە ئارزۇلىرى بىلەن رىئال ۋەزىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈكچىلىكنى مەنبە قىلماقتا.بۇ كەمچىلىكنىڭ سەۋەبى بولسا سىياسىي ۋە ئىجدىمائىي ئەھۋالنى كۈزۈتۈشتىكى ئۇسۇل ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش شەكلىنىڭ ھىسسى ۋە مەنتىقىسىز بولىشىدۇر. رىئاللىق رىئاللىقىمىزنى ئوبىكتىپ كۈزەتكىنىمىزدە خەلقارا سىياسىي ئاتموسفىرا ۋە دىئوسپىرادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋيىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئەھۋالنى كۆرىمىز.بىر تاشقى ئامىل بىرى ئىچكى ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇستەقىللىق ۋە سايلامدىن ئىبارەت كۈنتەرتىپتە قىززىق نۇقتا بولىۋاتقان ئىككى ئۇقۇمنىڭ رىئال قىممىتىنى ئانالىز قىلىشىمىزدا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 1.خەلقارالىق سىياسىي ئاتموسفىرا ھەققىدە توختالغىنىمىزدا ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىن كىيىن شەكىللەنگەن سىياسىي سىستىمىنىڭ دۇنيا مىللى دۆلەتلىرىنىڭ خەلقارالىق مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھەل قىلغۇچ تەسىرىنى چۈشۈنۈش لازىم.سىياسىي تەڭپۇڭلۇق، غەرىپ مەركەزلىك سىياسىي سىستىما ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى مەركەز قىلغان قىممەت قاراشنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىمىزدىكى يىتەكچى رولىنى ھىس قىلالىشىمىز لازىم. بۈگۈن ھىچقايسى دۆلەت«بىر جوڭگۇ پىرىنسپى»دىن ۋاز كەچمەيدۇ.چۈنكى دۆلەتلەرنىڭ پۈتۈنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى خەلقارالىق سىياسىي سىستىمىنىڭ رولى بىلەن قوغداش پۈتۈن دۇنيادىكى مىللى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسى مەنپەئىتىگە تاقىشىدىغان مەسىلە.بۇ پىرىنسىپال مەسىلىدىن ۋاز كىچىش ئەمەلىيەتتە دۇنيا سىياسىي سىستىمىغا قارشى چىقىشتۇر.شۇنۇڭ ئۈچۈن دۇنيا دۆلەتلىرى «بىر جوڭگۇ پىرىنسىپى»دىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدۇ ۋە مۇستەقىللىقنى تەشكىلات پىرىنسىپىغا يازغان جەمىيەت ۋە پۇقراۋىي تەشكىلاتلارنى قوللىمايدۇ.ئەلۋەتتە بۇنداق دىيىش مۇستەقىللىق ئۇيغۇرلاردىن ئۇزاق دىگەنلىك ئەمەس.بۈگۈنكى خەلقارالىق سىياسىي سىستىمىدىمۇ مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر كۆپ. مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئەۋۋال مۇستەقىل قىلىدىغان جۇغراپىيەدىكى خەلىق قوزغىلىپ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى كىرەك.ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان شارائىتقا ئىرىشىشى شەرىت. بۇ مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەت ئىلىپ بىرىشى مومكىن ئەمەس.چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل قىلىشى تىخىمۇ مومكىن ئەمەس.بۇنى سىياسىي ۋە ئىجدىمائىي كۈزۈتۈش ئىختىدارى كۈچلۈك،ئۇستا سىياسىي پائالىيەتچىللىرىمىز ھىس قىلىپ يىتەلىگەن. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقان ئەيسا، بىز شەرقى تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىپ بىرەلمەيمىز،بىز خەلقارالىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ شارائىت ھازىرلايمىز ۋە خەلىقنى يىتەكلەيمىز دىدى.بۇ دولقۇن ئەيسانىڭ ئاغزىدىن مۇنداقلا چىقىپ قالغان سۆز ئەمەس.نەچچە ئون يىل سىياسىي پائالىيەت ۋە دىپلومىتىك مۇناسىۋەت جەريانىدا يىغىنچاقلىغان تەجىربىسىنىڭ مەھسۇلى. ئۆز خەلقىمىز ۋە يۇرتىمىزدىن نەچچە مىڭ كىلومىتىر ئۇزاقلىقتىكى جۇغرىپىيەدىن نەچچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ خىتتاينىڭ ئەڭ چوڭ مەمۇرىي رايونىنى مۇستەقىل قىلىپ ئايرىپ چىقىشى رىئال ۋە مەنتىقىلىق ئەمەس.بۇنى ھىچقانداق ئەقلى بىشىدا دۆلەت ۋە رەسمى تەشكىلات قوللىمايدۇ.مۇستەقىللىق ھەركىتى ئۆز يۇرتىمىزدا ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئىچىدە كۆكلىشى كىرەك.ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قىلىپ بىرەلەيدىغىنى بۇنىڭغا خەلقارالىق سىياسىي كۈچلەرنىڭ قولى بىلەن سىياسىي ئاتموسفىرا ۋە ئىجدىمائىي تەشكىللەش خىزمىتى سۇنۇپ بىرىش.بۇنىڭ ئۆزىنى شەكىللەندۈرۈش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىياسىي تەغدىرىنى بەلگىلەشتىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە. خەلقارالىق قىممەت قاراش ۋە سىياسىي پىرىنسىپلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر رايونىدا سىياسىي باراۋەرلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش بۈگۈنكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قىلىش مومكىنچىلىكى بولغان بىردىن بىر خىزمىتى.مۇستەقىللىق ۋە باشقا رايۇن خارەكتىرلىك چوڭ قارارلار بولسا ئۇ جۇغراپىيىدىكى خەلىقنىڭ سىسياسىي تەشكىللىنىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ياكى بەزى پۇقراۋى قۇرلۇشلار مۇستەققىللىق دەپ مىڭ ۋارقىرىسىمۇ،بۇ نىشان ئەقىل ۋە رىئال پوزىتسىيە بىلەن ئىلىپ بىرىلمىغانلىقى ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ سوسكىسى بولۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. د ئۇ ق غا ئوخشاش خەلقارالاشقان مۇناسىۋەت تورىغا، سىياسىي تەجىربىگە ئىگە تەشكىلاتلار ياكى تەشكىلى رەھبەرلەرنىڭ مۇستەقىللىق دەپ جار سالماسلىقىنىڭ بىر سەۋەبى بار.بۇنى ئەقىل بىلەن كۈزەتكۈچەلەر چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ھەققىدى چىقىرىلغان قارارلار،قۇرۇلغان تەشكىلاتلار،يىتەكچى ئىدىيە ۋە سىياسىي پىرىنسىپلار سىياسىي رىئاللىققا ئۇيغۇن بولمايدىكەن بۇ خىل مىستىك ۋە ئوتوپىيىلىك تەشكىلى قۇرۇلمىنىڭ ھىچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈمى،داۋا قىممىتى بولمايدۇ. مۇستەقىلىق دەپ كىكىردەك يىرتىلىپ كەتكۈدەك ۋارقىرسىڭىزمۇ بۈگۈنكى خەلقارالىق سىياسىي ۋەزىيەتكە،رىئاللىققا ماس كەلمىسىڭىز سىز ھىچنىمە ئەسقاتمايسىز. ئارزۇ بىلەن رىئاللىقنى،ئۆمۈد بىلەن شارائىتنى،قىلغىنى بولىدىغان ئىش بىلەن قىلغىنى بولمايدىغان ئىشنى پەرىق قىلغۇدەك كاللا بولغاندا سىياسىي پائالىيەت ئۈنۈم بىرىدۇ. مۇستەقىللىق ئارزۇ،بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارزۇغا يىتىشنىڭ يوللىرىنى ئەقىل بىلەن سىزىش كىرەك.مۇستەقىللىق شۇئارى بۈگۈنكى خەلقارالىق ۋەزىيەتتە ئىشقا يارىمىسا،ئىشقا يارايدىغان«ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش»دىگەندەك شۇئارنى توۋلاپ قويۇپ،ئارزۇغا پەلەمپەي سىلىش لازىم. ئەسكەر ۋاقتىڭىزدا مەن پادىشاھ بولىمەن دەپ جار سالسىڭىز كاللىڭىز ئىلىنىدۇ.ئەسكەر ۋاقتىڭىزدا قەھرىمان بولىمەن دەپ ئاۋۋال گىنىرال بولىسىز،كىيىن ۋەزىر بولىسىز كىيىن ئەتراپىڭىزغا قوللىغۇچىلار توپلايسىز پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ دۆلەتنى قولىڭىزغا ئالىسىز. رىئال مەسىلىلەرگە رىئال پوزىتسىيە تۇتمىسىڭىز ئارزۇيىڭىز بۆشىكىدە تۇنجىقىدۇ.بۈگۈنكى سىياسىي سىستىمىنى ۋە رىئاللىقنى توغرا چۈشەنگەندە ئۇيغۇرنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان يولنى سىزىپ چىققىنى بولىدۇ.قارا قوساقلىق ۋە قۇرۇق جاسارەت بىلەن كۆپۈنچە ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زىيان سالىمىز. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ياراۋاتقان ۋە خەلقارالىق سەھنىدە ئەڭ ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان تەشكىلاتى د ئۇ ق. ئۇلار خەلقارالىق سەھنىدە مۇستەقىللىق شۇئارىنى توۋلىيالمايدۇ.توۋلىسا ئۇ سەھنىدىن قوغلىنىدۇ.سەھنىدە رول ئوينىشىڭىز ئۈچۈن سەھنىنىڭ تۈزىمى ۋە پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشىڭىز شەرت.بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئىشقا يارايدىغان كوزۇر كىشىلىك ھوقۇقتۇر،كىشىلىك ھوقۇق ئۇقىمىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر رايۇنىدا ئەركىن پائالىيەت ئىلىپ بىرىلىدىغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش مۇھاجىرەتتىكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ موھىم ۋەزىپىسىدۇر.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامرىكا پارلامىت ئەزالىرىنىڭ پىرزدىنىتقا سۇنغان خىتىمۇ د ئۇ ق ۋە بەزى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشىشى ۋە كۈرەش قىلىشىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن.بۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر داۋاسىدىكى زور بۆسۈش ھىساپلىنىدۇ.2.دىئوسپىرادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا بەزى ئەھۋاللار كىشىنى ھەقىقەتەن ئىچىندۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە سىياسەتتىن ئۇزاق تۇرۇشنى تاللىغان ۋە قۇلىقىنى يوپۇرۋالىدىغان نۇرغىن كىشى بار.بۇلار ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئىتىگە خەتەر كەلمىگۈچە ئاساسى جەھەتتىن سۈكۈتنى بۇزمايدۇ.بۇ تۆۋەندىكى ئانالىزنىڭ موھىم نۇقتىسىمۇ ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە كۆچىشىنىڭ سەۋەپلىرىدىن بەزىللىرى ئوقۇشقا چىقىش، بەزىللىرى ئىبادىتىنى جايىدا قىلىش ئۈچۈندۇر.بىلىم ئىلىشقا چىققان ۋە يۇقىرى سەۋيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپۈنچىسى غەرىپ دۆلەتلىرىگە جايلاشقان.سىياسىي پاناھلىق يولى بىلەن كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدىمۇ تۈرلۈك سىياسىي قاراشتىكى ئىنسانلار مەۋجۇت.تۈركىيە ياكى ئوتتۇرا شەرىققە كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن. ئامرىكا ۋە ياپۇنيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە سەۋيىسى نىسبەتەن باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن يۇقىرىراق.لىكىن ئومىمىي جەھەتتىن ئىلىپ ئىيتقاندا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋىيىسى يەنىلا تۆۋەن.بۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سىياسىي ساپا ۋە تەشكىللەش كۈچىگە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىمۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇيغۇرلار كومىنىسىت سىستىما ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مىللەت.يىقىنقى بىىر نەچچە يۈز يىللىق ئۆتمىشى خۇراپىيلىق ۋە قالاقلىق بىلەن زەدىلەنگەن.پىكىر قىلىش شەكلىمىزمۇ غەرىپ ئەنئەنىۋىي پەلسەپەسى ۋە لوگىكىسىغا قارىغاندا كۆپ ئاجىز،ئاددى،دوگماتىك ۋە قالاق.ئەلۋەتتە بۇ دىگەنلىك پۈتۈن ئۇيغۇرلار سەۋىيە جەھەتتە تۆۋەن دىگەنلىك ئەمەس.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىچىدە پەخىرلەنگۈدەك دەرىجىدە ئۈستۈن بىلىم ئىنسانلىرى،سىياسىيۇنلار ۋە سەنئەتكارلار يىتىشىپ چىقماقتا.بىراق ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئۆزى يىتىشتۈرۈپ چىققان سەرخىللار ھەققىدە تونىشى ئاجىز.ئادەتتىكى خەلىقنىڭ چۈشەنچىسىدىكى قىممەتلىك،سەرخىل ۋە ئەقىلىق ئادەم ئۆلچىمى بىلەن دۇنيانىڭ نەزىرىدىكى قىممەتلىك،سەرخىل ۋە ئەقىللىق ئادەم ئۆلچىمى ئوتتۇرسىدا چوڭ پەرىق مەۋجۇت. يىقىنقى كۈنلەردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە سايلام ئارقىلىق رەھبەر سايلاش چاقىرىقى ئەۋىج ئالدى.بۇ سايلام مىنىڭچە سوسيولوگىيىلىك ۋە قانۇنىي جەھەتتىن تازا توغرا ئەمەس. بىرىنجىدىن تارقاق ھالەتتىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ سايلىمى دىگەنلىك زور كۈچ،ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەبلەغ تەلەپ قىلىدۇ.توردىن ياكى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە تەشكىللىشى بىلەن ئىلىپ بىرىلدى دىگەندىمۇ قانۇنىي جەھەتتىن بىكىتىلمىگەن سايلام گۇرىپىسى،قانۇنىي جەھەتتىن دائىرىسى ئىنىق بەلگىلەنمىگەن سايلىغۇچى سايلامنىڭ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.سىز قايسى سالاھىيەت بىلەن سايلايسىز؟ئۇيغۇرلۇق سالاھىيتىڭىز بىلەن بولسا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەت ياكى بەلگە بارمۇ؟سىز قايسى سالاھىيەت بىلەن سايلام گۇرىپىسى بولىسىز؟قايسى قانۇنىي سالاھىيەت بىلەن كىم بۇ سايلامغا نازارەت قىلىدۇ. بىر تەشكىلاتتا رەھبەرنىڭ سايلىنىشى بىلەن بىر ئىتنىك مىللەت ئىچىدىكى سايلام سىلىشتۇرغىنى بولغۇدەك ئاددى ئىش ئەمەس.بىر تەشكىلاتتا تەشكىلات ئەزالىرى يىغىلىشىپ بىر رەھبەرنى سايلاپ چىققان بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تارقاق جايلاشقان ئۇيغۇرلاردىن بىر رەھبەر سايلايمىز دىيىش رىئاللىققا ۋە مەنتىقىگە تازا ئۇيغۇن ھەركەت ئەمەس.سايلام بىلەن ھۆكىمەت قۇرىمىز دىيىش تىخىمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ھادىسە.خەلىقىمىزنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىن،خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىدىن،تۇپرىقىمىزدىن ئايرىم بىر ھۆكىمەتنىڭ قۇرۇلۇپ چىقىشى رىئاللىققا مۇخالىپ. ھەرقايسى سىستىمىلارغا، جەمىيەتكە ۋە جەمىيەتتىكى قۇرۇلمىلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان نازارەت،مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بىر گەۋدىلەشكەن تۇپراق پۈتۈنلىكىگە ئىگە بىر سىستىما ھەقىقى ھۆكۈمەت بولالايدۇ.تىبەتلەردە ھۆكۈمەت سىستىمىسى ۋە خەلىق سايلىغان ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك قىسمى بىۋاستە قىچىپ چىققان بولغاچقا ۋە تىبەتلەر تىئوكراتىك(دىنى دۆلەت تۈزىمى)تۈزۈم بىلەن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت بولغاچقا سۈرگۈدى ھۆكىمىتى دەپ ئاتىلىشى ئانچە بىنۇرمال ئەمەس.ھىندىستاندا ھۆكىمەت تۈسىنى ئالغان جۇغراپىيىسى بولغان تەغدىردىمۇ تىبەت سۈرگۈدى ھۆكىمىتى دۇنيادا رەسمى ھالدا بىر ھۆكىمەت دەپ قارالمايدۇ،ھەرقايسى دۆلەتلەر بىردەك «بىر جوڭگو»پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇقلۇق.تىبەت ھۆكىمىتىمۇ ھىچقاچان سايلام ئىلىپ بىرىپ باقمىغان.چۈنكى ئۇلاردا سايلام يوق.دىنى رەھبەر دۆلەت رەھبىرىدۇر.ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە كۆپ نۇقتىدا تىببەتلەر بىلەن پەرىق.سايلام بولۇپ بىر رەھبەر سايلانغان تەغدىردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ساپاسى ۋە سەۋىيىسى تەرىپىدىن سايلانغان رەھبەرنىڭ دۇنيا سىياسىي ۋەزىيىتىنى چۈشۈنىپ،ئۇنىڭغا تۇشلۇق تەدبىر بىلەن ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ھەقىقى مەنىدە كۈرەش قىلالىشى ئىنتايىن گۇمانلىق. خۇلاسە: ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى رىئاللىقىمىزنى نەزەرگە ئالغاندا خەلقارالىق سەھنىدە بۈگۈنكى سىياسىي سىستىمىنىڭ تۈزۈم ۋە پىرىنسىپلىرى بىلەن ھەركەت قىلالايدىغان،كۆپ قىرلىق،سىياسىي تەجىربىگە ئىگە بىر تەشكىلات لازىم. بۇ خىل تەشكىلات د ئۇ ق شەكلىدە بىزدە مەۋجۇت.خەلقارالىق ئىتىبارغا،كەڭ دىپولوماتىك مۇناسىۋەتكە ئىگە تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن دولقۇن ئەيسا سايلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر داۋاسىدا ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ئىلگىرلەش بارلىققا كەلدى.مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلالايدىغىنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن نەچچە ئەۋلات تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە كەلگەن بۇ ئىناۋەت ۋە تەجرىبە ئابىدىسىنى قوللاشتۇر. ئەقىل بىلەن مۇھاكىمە قىلىش،توغرا ئۇسۇل بىلەن قارشى تۇرۇش،رىئاللىققا رىئال پوزىتسىيە بىلەن يىقىنلىشىش ھەرقاندا تىرىشچانلىقنىڭ ئاساسى بولىشى لازىم.قۇرۇق ھاياجان،دەبدەبىلىك شۇئارلار بىلەن مۆشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ.مىنىڭ قارىشىم د ئۇ ق نىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ،تاھىر ئىمىن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقىنىڭ خىزمىتىدەك،گوللاندىيىلىك ئۇيغۇر ياشنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشىدەك ئۈنۈملۈك ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەرنىڭ كەڭ راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ھۆرمەت ۋە سۆيگۈلەر بىلەن….  

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي كومۇنىستلىرى زورلۇق بىلەن مەسچىتلەرنى مەجبۇرىي تۈزلىۋەتمەكتە

چا سېنتەبىر 5 , 2018
شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان -ت) مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتىقادى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى بىتچىت قىلىش خاراكتېرىدىكى زەربە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، مىليونلىغان كىشى قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرىغا قامىلىپلا قالماي يەنە زور تۈركۈمدىكى مەسجىدلەرمۇ تۈزلىۋېتىلدى.

You May Like