مىيونخېندا چاقىرىلغان 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ياشلار كېڭىشى غەلىبىلىك ئاياقلاشقان

مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي

مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ مىيونخېندا چاقىرىلغان 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشى يېڭى ئەھدىلەر بىلەن غەلبىلىك ئاياغلاشقان. 
بۇ كېڭەشگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى، ھەققانىيىتى، ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مۇھاپىزە قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئورتاق كۈرەشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، 22 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 150 دىن ئارتۇق قاتناشقۇچى، 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى، ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىلىرى، ئىجتىمائىي يېتەكچىلەر، ياش پائالىيەتچىلەر، ئاكادېمىكلار ۋە سىياسەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان. 

This image has an empty alt attribute; its file name is 500709075_1096457465844427_1241260300875589726_n-1024x582.jpg


كېڭەشنىڭ تۇنجى كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسىسلەر ، ئەزىز مېھمانلار يۇقۇرى سەۋىيەدە پىكىر قاتناشتۇرغان. 

سۆز قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا:

• ‏Yves-François Blanchet, كانادا پارلامېنت ئەزاسى

• ‏Markétka Gregorová, ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى(ۋىدىئو ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان)

• Jiri Oberfalzer, چېخىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى(يازما ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان)

• ‏Iain Duncan Smith, ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى

• Baroness Helena Kennedy, ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى

• Pina Picierno, ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (يازما ئارقىلىى كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان)

• Oleksandra Matviichuk,نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇكرائىنالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى

• Andrei Sannikov, پۇقرالار ھەرىكىتىنىڭ كوئوردېناتورى، ياۋروپا بېلوروسىيە فوندىنىڭ رەئىسى

• Amérika parlamént ezasi Young Kim, ئامېرىكا تىنچ ئوكيان تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى

• ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى Suhas Subramanyam

• Markus Rinderspacher, باۋارىيا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى

• Barbara lochbihler, ب د ت مەجبۇرىي غايىب قىلىۋىتىلگەنلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى

• ‏ Tomoya Obokata , ب د ت نىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسى

• Dogan Bekin, تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى

• Alexes, كانادا پارلامېنت ئەزاسى

مىللىي كېڭەشگە پاراللىل ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشى ئۇيغۇر كىملىكى، ئەۋلادلار ئارا دىئالوگ، ھېكايە سۆزلەش، پىسخىكىلىق جاراھەت ۋە شىپا تېپىش، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ياشلارنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ مۇزاكىرىلەر، ئۇيغۇر ياشلار ھەرىكەتنىڭ كەلگۈسىگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەپەككۈر، مۇناسىۋەت ۋە ئالاقە، ئىقتىدارلارنى بەرپا قىلىدىغان بىر سەھنە بولغان.

بۇ قېتىمقى كېڭەشنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى بولسا ميۇنخېن خىتابنامىسىنىڭ ماقۇللىنىشى بولۇپ، ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىش، ماس قەدەمدە دەۋا قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تىنچ يول ئارقىلىق ئادالەت ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىدە تەۋرەنمەسلىكنى قايتا تەكىتلىگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە : «بۇ پەقەت ئاددى بىر يىغىلىشلا ئەمەس، بۇ بىر خىتابنامە. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز دەۋاسىدا يەنىلا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ ۋە بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ۋە ئاۋازىمىزنى ھېچقانداق بېسىمنىڭ يوق قىلالمايدىغانلىقىنىڭ خىتابنامىسى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ كېڭەشنى ۋۇجۇتقا چىقارغان بارلىق قاتناشقۇچىلار، ھەمكارلاشقۇچى تەشكىلاتلار ۋە پىدائىيلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خىرىس ۋە تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ كېڭەش تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق، كۈرەش ۋە ئۈمۈدنىڭ باشلانغۇچى بولغۇسى» دەيدۇ. 

كېڭەشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە بەزى سۆھبەتلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز.

ميۇنخېن خىتابنامىسىنىڭ تولۇق قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز.

تۆۋەندە بۇ قېتىمقى كېڭەشنىڭ ئېلان قىلغان «مىيونخېن خىتاپنامىسى»نىڭ تولۇق تېكىستى:

https://ug.uyghurcongress.org/3-nowetlik-sherqiy-turkistan-milliy-kengishi-we-yashlar-kengishi-xitabnamisi

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like