مىنى ئۆلتۈرۋىتىڭلار!

ئىنسانلىقتىن چىقىرىۋىتىڭلار!

يولۇڭلاردا ماڭالمىسام،

تەييارلىغۇچى: ئىقبال

كوررېكتور: مەنزىل

 

دەردىڭلارغا دەرمان بولالمىسام،

زىمىندىن سۈپۈرىۋىتىڭلار،

ئازگاللارغا كۆمۈۋىتىڭلار،

دېڭىزغا تۆكۈۋىتىڭلار،

ئىسمىمنى ئۆچۈرۋىتىڭلار.

ھەسرىتىڭلەردە يانالمىسام،

ۋىجدانسىز دەڭلار

ئىنسانلىقتىن چىقىرىۋىتىڭلار

يولۇڭلاردا ماڭالمىسام،

توكۇر بولسۇن دەپ،

لەنەت ئوقۇپ قاغىۋىتىڭلار

ئۇيغۇرمەن،

ئۇيغۇر ئۈچۈن تىنمىسام ئەگەر،

يىگەنلىرىم سىڭسۇن بوپ زەھەر

ئۇيغۇر ئۈچۈن ياشىيالمىسام،

مىنى ئۇرسۇن ۋەھىملىك مەھشەر

ئامىن دەڭلار

ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇش بەختىم،

يات قولىدا بولسىمۇ تەختىم.

ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆلەلمىسەم،

سەرسان ۋىجدانلار

مىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۋىتىڭلار

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

يە دېكابىر 16 , 2018
يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاي ھەققىدە يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەھدىتى روسىيىدىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

You May Like