مىللەت خىزمىتىدىكى تۆھپىكار ئورۇنلار

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بىرى بۇنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى، خەلقىمىزنىڭ ئۆز ۋەتىنى، ئۆز يۇرتىدا خاتىرجەم ياشىيالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يۇرتلىرىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلاردىكى سەرگەردان ھاياتنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى

ئامىنە ۋاھىت سەدەف

 

2020-10-18

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

 

 

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بىرى بۇنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى، خەلقىمىزنىڭ ئۆز ۋەتىنى، ئۆز يۇرتىدا خاتىرجەم ياشىيالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يۇرتلىرىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلاردىكى سەرگەردان ھاياتنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى. يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقۇش، تىجارەت، ساياھەت، تۇققان يوقلاش قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن بىر مەزگىللىك پىلان تۈزۈپ ، يۇرتتىن چىققانلارمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىيەتلەر، ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار سەۋەبىدىن قايتىپ كىتەلمەي ئۆزلىرى تۇرۋاتقان دۆلەتلەردە قاپسىلىپ قالدى. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى تۈركىيەدە تۇرۇپ قالغان بۇلۇپ، يۇرتلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلاركۈندىلىك ھاياتى ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشىدا نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقان ئىدى. خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ۋە مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ھەر تەرەپتىن مەدەت بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئازاپلىرىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان بىر گۇرۇپ بۇلۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تىكىن ۋەخپى (1997يىلى قۇرۇلغان) ، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى( 1978_يىلى قۇرۇلغان) ۋە ياشلار دەرنىكى(2006_يىلى قۇرۇلغان) دۇر.

 


ئىككى ۋەقىپ بىر دەرنەكتىن تەركىپ تاپقان بۇ كوللىكتىپ يىللاردىن بىرى ئۈن_ تىنسىز خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقان تۆھپىكار ئورۇن بۇلۇپ، بۇلارنىڭ نام شۆھرەت تالىشىش جىدەللىرىدىن خالى، ماختىنىش ۋە كۆز كۆز قىلىشتىن ساقلانغان سەمىمىي خىزمىتى ئەلۋەتتە مەدىھلەشكە ۋە رەھمەت ئېيتىشقا ئەرزىيدۇ.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تىكىن ۋەخپىنىڭ باشلىقى دوتسېنت دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاتىدىغان بىر تۈرك بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر داۋاسىنى ھەر يەردە ئاڭلىتىپ كىلۋاتقان ئۇيغۇر داۋا سېپىدىكى پىشقەدەم تۈرك ئاكتىۋىتىس. ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىستانبول ئۈنۋىرسىتىدىكى ئالدىراش خىزمىتىنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، بىر تەرەپتىن ھەرقايسى ئۈنۋىرسىت، رايۇن ۋە شەھەرلەردە شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە ھازىرقى رىئاللىقىنى تىما قىلغان نەق مەيدان لىكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى جانلىق ئاڭلاتسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ سوتسىئال مېدىيا ھىساپلىرىدا شۇنداقلا نۇپۇزلۇق تور بەت، گېزىت، ژورناللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، تارىخىنى ئاكادېمىك ماقالىلەر ۋە قىسقا يازمىلار بىلەن تارقىتىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا تۈرك تىلىدا «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىسى» » ئالتاي بۈركۈتى ئوسمان باتۇر» «شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە 100 سۇئال» قاتارلىق كىتاپلارنى يېزىپ، نەشىر قىلدۇرۇپ، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىغا ئۇيغۇرلارنى تۇنۇتۇشتا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلماقتا.

 


بۇنىڭدىن سىرىت بۇ ۋەخپە ۋە ياشلار دەرنىكى ھىچبىر ئۇيغۇردىن ياردەم پۇل يىغماستىن پەقەت يەرلىك خەلىق ۋە تۈرك ھۈكۈمەت ۋە باشقا تۈرك ۋەقىپلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىغا قىلغان ياردەملىرىمۇ كۆپ بۇلۇپ، ئاساسلىق داۋاملىشىپ كىلۋاتقىنى يىلدا بىر قانچە ئون ئائىلىگە كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرنى ئەپ بىرىش ، ئايدا يىمەك ئىچمەك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تازىلىق بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش، ھەر تۈرلۈك ئائىلە سايمانلىرى ۋە كىيمكىچەك تارقىتىش قاتارلىق ئىجتىمائى ياردەملەردۇر. ئۇنىڭدىن سىرىت ھەر ھېيىتتا يىتىم بالىلارغا ھېيىتلىق كىيىمكىچەك تارقىتىۋاتقان بۇلۇپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدا 1000دىن ئارتۇق بالىغا ھېيىتلىق كىيىم تارقاتتى. يىلدا بىر داۋاملىشىۋاتقان سۈننەت قىلدۇرۇش پائالىيتىدە ئىككى يىلدا 100دىن ئارتۇق ئائىلىسى يېنىدا بولمىغان ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىكى ئوغۇللارنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرۇپ ۋە بالىلارغا ھەدىيە تارقىتىپ دۇئاسىنى ئالدى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. بۇ ئورۇن يەنە تۈركىيەدىكى ئىنسان ھەق ۋە ھۇقۇقلىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسى (IHH) بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئېغىر ئىختىسادىي قىيىنچىلىقلىرى بار ئائىلىلەرگە 1000_5000 لىيرغىچە نەق پۇل ياردىمى قىلۋاتىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن ۋەخپى ۋە ياشلار دەرنىكى پەقەت بۇ خىلدىكى ئىجتىمائى ياردەملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئاياللارغا تۈرك تىلى ئۈگۈتۈش كۇرسى، ئۇقۇغۇچىلارغا ماتىماتكا ۋە پەن بىلىملىرى كۇرسلىرىنى ھەقسىز ئىچېپ بىرىۋاتىدۇ. ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھەقسىز كىسەل كۆرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، كىسەل كۆرۈش ھەققىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبىدىن كىسەل كۆرسىتەلمەيۋاتقانلارغا ياردەمچى بۇلۇش ۋە دورا بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنىمۇ قىلۋاتىدۇ. ئۇرۇنسىز تۆھپە تالىشىش ۋە پىتنە پاساتلاردىن خالى، ئۈزىنى خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئاتىدىغان بۇ ئورۇن يەنە يېقىندا، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئىش ئورنى قۇرۇپ بىرىش ۋە ھۈنەر ئۈگۈتۈش ئارقىلىق ئۇلارغا تۇرمۇشتا چىقىش يۇلى يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن ئاياللارغا تىكىمچىلىك ئۈگۈتۈش ۋە ئىشلەش ئورنى ئاچقان بۇلۇپ، بۇ ئۇرۇن بالىسى بار خانىملارنىڭمۇ كىلىپ ئۈگۈنىشىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن مەخسۇس بالا بېقىش ئورنى، يىمەكخانا قاتارلىقلارنىمۇ ھەل قىلغان بۇلۇپ، بالىسى كۆپ ۋە كىچىك خانىملارنىڭ ھۈنەر ئۈگۈنەلمەسلىكى ۋە ئىشلىيەلمەسلىكىدەك قىيىنچىلىققا خاتىمە بەردى.

 


«بىز خەلقىمىز ئۈچۈن قىلۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنى خالىس نىيەت ۋە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز. باشقىلارنىڭ بىلىپ، بىلمەسلىكى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. بىز باشقىلار نىمە قىلۋاتىدۇ ئەمەس بىز نىمە قىلالايمىز دىگەننى بەكراق ئويلايمىز. مۇشۇنداق بولغاندا ۋىجدانىمىز ۋە قەلبىمىز راھەت خىزمەت قىلىمىز «دەيدۇ ئۆمەر قۇل ئەپەندى، ۋەخپىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە پاراڭلاشقىنىمىزدا.
«ئەل غېمىنى يىگەنلەر ياشىسۇن» دەپ، ناخشا ئېيتقان ئىكەن خەلقىمىز. بىزمۇ ھەم ئېغىر كۈندە يېنىمىزدا بولغان، دەردىمىزگە ئورتاق بۇلۇپ، دەرمانىمىز ئۈچۈن تىرىشقان بۇ تۆھپىكارلارنى ئۇنۇتمايمىز.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

تۈركىيەدىكى ساختا ھاراق ئىچىشتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم ۋە زەھەرلىنىش

يە ئۆكتەبىر 18 , 2020
بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز يەنە بىر «يۇقۇم». بۇ يۇقۇممۇ ئەجەللىك. ئالدىنقى جۈمەدىن بۇيانقى ئالتە كۈندە ، 51 ئادەم قازا قىلدى ، ئون نەچچە كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ ، ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئوندىن ئارتۇق شەھرىگە تارقالدى.

You May Like