مىشەل باچېلېت توردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

مىشەل باچېلېت توردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

 مىشەل باچېلېت توردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28- ماي

ئارمان

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 28-ماي خەۋىرى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېلېت بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ توردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن «سەمىمىي» ھالدا خىتاي رېجىمنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
باچېلېت سۆزىدە بۇ قېتىم شەرقى تۈركىستانغا «زىيارەتكە» بارغانلىقىنى، تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى قايتا تىلغان ئالغان ، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ئاساستا ئۆزى خالىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى يەرلىك گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى  توغرىسىدا بايانلارنى بەرگەن.  
خەۋەردە دېيىلىشىچە، باچېلېت يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى «شىنجاڭ» دا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئاق-قارىنى پەرقى ئەتمەي سىياسەت يۈرگۈزۈشتىن ساقلىنىش لازىملىقى توغرىسىدا ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا «رادىكال زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى» ئەيىبلەيدىغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن.
چەتئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان كونكرېت دېلولارنى تاپشۇرغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مىشەل باچېلېت بۇ قېتىملىق سەپىرىدە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىگەن. ئۇ يەنە قەشقەردىكى بىر تۈرمىنى ۋە ئاللىبۇرۇن تاقالغان «كەسپى تەربىيەلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېگەن: « شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «كەسپى تېخنىكا مەكتەپلىرى»نىڭ ئاللىبۇرۇن تاقالغانلىقى توغرىسىدا ماڭا ۋەدىلەرنى بەردى…»
خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، مىشەل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «ۋىرۇس سىياسىتى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئۈنۈملۈك نەتىجە ئالالمىغان ئەھمىيەتسىز زىيارەت بولغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى بەرگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئوبزور: ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى ئۇيغۇرلار چوقۇم ياخشى چۈشىنىشى كېرەك

سە ماي 31 , 2022
ئوبزور: ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى ئۇيغۇرلار چوقۇم ياخشى چۈشىنىشى كېرەك

You May Like