مېركېل: خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قەبىھ ۋە ۋەھشىيانە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ

فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ مالىيە خامچوتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي مۇزاكىرىسىدە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىياسىتىنى ئاقلىدى. خىتايغا قارىتىلغان سىياسىتىدە توختالغاندا، مېركېل ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تىل ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلغان «قەبىھ ۋە ۋەھشىيانە مۇئامىلىسى» نى ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە خوڭكوڭ مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۆز ئەركىنلىكى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

گېرمانىيە ئاۋازى، 2020-09-30
قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-10-02

 

فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ مالىيە خامچوتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي مۇزاكىرىسىدە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىياسىتىنى ئاقلىدى. خىتايغا قارىتىلغان سىياسىتىدە توختالغاندا، مېركېل ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تىل ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلغان «قەبىھ ۋە ۋەھشىيانە مۇئامىلىسى» نى ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە خوڭكوڭ مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۆز ئەركىنلىكى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

 

ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى كىشىلىك ھوقۇم سىياسىتى مەخسۇس خادىمى گەيدې يەنسىن (Gyde Jensen) مېركېلنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى ئوچۇق پوزىتسىيىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا مېركېلنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ئېغىزدىلا توختاپ قالماستىن، يەنە ئەمىلىي ھەرىكەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مىنىستىر مېركېل چوقۇم گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مەدەنىيەت ۋە نوپۇس قاتلىمىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يوقىتىۋاتقان، خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە بوي سۇنمايۋاتقان مۇشۇنداق بىر دۆلەت بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك، دەيدىغان بىر پرىنسىپال مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تېپىشى كېرەك.»

 

تەپسىلىي مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
https://www.dw.com/zh/%E9%BB%98%E5%85%8B%E5%B0%94%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E6%81%B6%E5%8A%A3%E8%80%8C%E6%AE%8B%E6%9A%B4%E5%9C%B0%E5%AF%B9%E5%BE%85%E5%B0%91%E6%95%B0%E6%B0%91%E6%97%8F/a-55107381

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا پىرەزدىنتى تىرامپ ۋە ئايالى ختاي ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دەلىللەندى

جۈ ئۆكتەبىر 2 , 2020
ئامېرىكا پىرېزدېنتى ترامپ سەل بۇرۇن ئۆزى ۋە ئايالىنىڭ ختتاي ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.

You May Like