«مەنمۇ ئۇيغۇر» ھەرىكىتى خەلقئارا خەۋەرلەردىن بەس- بەستە ئورۇن ئالدى

ئەل سۆيگەن دۇتتار شاھى ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ شىھىتلىك خەۋىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا مىقياسىدا زىلزىلە پەيدا قىلغاندىن كىيىن، خىتاي رادىئوسى ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ ۋىدىيو تارقاتقان ئىدى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى، ئەردەم

2019-2-11

ئەل سۆيگەن دۇتتار شاھى ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ شىھىتلىك خەۋىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا مىقياسىدا زىلزىلە پەيدا قىلغاندىن كىيىن، خىتاي رادىئوسى ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ ۋىدىيو تارقاتقان ئىدى. خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بىسىم پەيدا قىلىش ئۈچۈن، خالمۇرات قاتارلىق قىرىنداشلار تور يۈزىدە باشلىغان » مەنمۇ ئۇيغۇر. مىنىڭمۇ قىرىنداشلىرىمنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرسەت» دىگەن مەزمۇندىكى » مەنمۇ ئۇيغۇر» خەشتەك ھەرىكىتى زور ئالقىشقا ئىرىشىپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. قىسقىغىنە بىر كۈن ئىچىدە فەيىسبۇك، تىۋىتىر، ئىنىستىگرام قاتارلىق ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدە بۇ توغرىسىدا ۋىدىيو، رەسىم ۋە قىسقا ئۇچۇرلار تارقالدى.

بۇ ھەرىكەت قىسقىغىچە 24 سائەت ئىچىدە ئامرىكا بىرلەشمە ئاگىنتلىقى AP NEWS، گاردىيان GUARDIAN،ب ب س BBC، ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گىزىتى DAILY MAIL، ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتى WASHINGTON POST،  ت ر تtrt ، ئەلئەرەبىي alaraby، خىتايچە جەنۇب خىتاي سەھەر گىزىتى south china morning، ھىندىستان گىزىتى THE HINDU ،نۇيۇرك ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خەۋەر قىلىنىپ، خەلقىمىزگە تېخىمۇ مەدەت بەردى.

ھەتتا سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ » مەنمۇ ئۇيغۇر» ھەرىكىتى توغرۇلۇق سورالغان سۇئالغان » خىتايدا بىر مىلىياردتىن ئارتۇق ئادەم بار، بىز ھەممىسىنىڭ ۋىدىيوسىنى چىقىرىشىمىز لازىممۇ؟» دەپ گەپ ئوينىتىشقا مەجبۇر بولدى. ( بىرلەشمە ئاگىنتلىق خەۋىرى)

 

خىتاينى ئوسال قىلغان «مەنمۇ ئۇيغۇر ھەرىكىتى»نى قوزغىغان ئاۋانگارتلار، ھەرىكەتكە قاتناشقان بارلىق قىرىنداشلارنىڭ چاقماقتەك ئىنكاسى ۋە تىرىشچانلىقى كىچىككىنە ئىشتىنمۇ غايەت زور نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقى، خىتاي پىلدەك يوغان بولسىمۇ، تىرىشچان، ئۆم چۈمۈمىلەر ھەرگىز خىتاينى ئارامىدا قويمايدىغانلىقى بەلكى ھامان ئۇنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىغا ئىلھام بەردى.

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى: تۈركىيە خىتاينى مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك قاماشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

سە فېۋرال 12 , 2019
تۈركىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك قاماققا ئېلىشىنى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېغىر نومۇس» دېدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى 1 مىليون ئەتراپىدا كىشىلەر قامالغان جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا دەۋەت قىلدى، بۇنداق ئەيىبلەش مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئاز كۆرىلىدىغان ئەھۋال.

You May Like