‹‹ مەن ئۇلاردىن مىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئۈتۈندۈم ››: تەربىيىلەش لاگېرىدىن ھايات قۇتۇلغان بىر شەخىسنىڭ قاباھەتلىك ئەسلىمىسى

26دۆلەتتىكى 278 ئىلىم ئادەملىرى ئوخشاش ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىپ ، خەلىقئارانى شەرقى تۈكىستان (شىنجاڭ) كىشىلك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى .

 

 

خوڭكوڭ لىچاڭ ئاگېنتلىقى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2018 -يىلى 27-نويابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ھىدايىتۇللا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-28

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى يېقىنقى يىللاردا كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئاممىسىنى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا» قامىغان بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئېغىر قىيىن قىستاق ۋە خورلۇقلارغا دۇچ كەلگەن،بەخىتكە يارىشا بۇ لاگېردىن  ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن بىر كىشى ئامېرىكىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ جازالاگېرىدىكى تۇتقۇن قىلىنغانلارنى  خورلاش،قىيناپ سوراق قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى  تەپسىلى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالنى سۈپەتلەپ  مۇنداق دېدى، «مەن بۇنداق قىيىن قىستاق ۋە ئازاپقا ئۇچۇرىغاندىن ،ئۆلۈپ كىتىشكە رازى ئىدىم، مەن ئۇلاردىن مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئۈتۈندۈم.»

   26دۆلەتتىكى 278 ئىلىم ئادەملىرى ئوخشاش ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىپ ، خەلىقئارانى شەرقى تۈكىستان (شىنجاڭ) كىشىلك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى . 

 ئۈچ قېتىم مەھبۇسلۇق ھاياتىدىن كېيىن ، ئامېرىكىغا قېچىش 

29 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى مېھرىگۈل تۇرسۇن دۈشەنبە ئامېرىكىدىكى دۆلەتلىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش كۇلۇبىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ئۈچ قېتىملىق مەھبۇسلۇق ھاياتىنى ئاشكارىلىدى.ئۇ خىتاي (شەرقى تۈركىستان) دا چوڭ بولغان  .مىسىردىكى ئونۋېرسىتىتتا ئېنگىلىز تىلى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان ۋە ئۈچ پەرزەنتكە ئانا بولغان. 2015-يىلى ئۇ باللىرىنى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئۇنى يۈرەك پارىلىرىدىن ئايرىپ، ئۈچ ئايلىق قاماققا ئالغان.ئۇ ئۈچ ئايلىق قاماقتىن قۇيۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈرەك پارىلىرىدىن بىرسى بەختىكە قارشى ۋاپات بولغان.

 مېھرىگۈل ئىككى يىللاردىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق قاماققا ئېلىنغان ۋە قاماقتىن ئازاد بولۇپ نەچچە ئايلاردىن كېيىن ئۈچۈنجى قېتىملىق قاماققا ئېلىنغان. بۈگۈن ئۇ ۋاشىنگىتۇندا مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ كامېردا ئۆگزىدىكى ھاۋا ئالمىشىش ئۈچۈن ئېچىلغان كىچىك تۆشۈكتىن باشقا ھېچقانداق دېرىزە ياكى كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئورۇن يوق، تۆرت ئەتىراپ ھەممىسى كۈزىتىش كامېرا ۋە ئېكران بىلەن تولغان  210-نومۇرلۇق يەر ئاستى كامېر.

 ئۇنىڭ دېيىشىچە 37 كۋادىرات مېتىرلىق كىچىك كامېردا 68 ئادەم قىستىلىشىپ تۇردىغان بولۇپ، كامېرنىڭ كىچىكلىكىدىن ئاخشىمى ئۇخلايدىغان چاغدا 10 نەچچە ئادەم ئۆرە تۇرۇپ ئۆچىرەت ساقلاشقا كېرەك ئىكەن. باشقا ئۇخلىغانلارمۇ يانچە يېتىپ ئۇخلايدىكەن، كامېرنىڭ تارلىقىدىن راھەت يېتىپمۇ ئۇخلىغىلى بولمايدىكەن ۋە ھەر ئىككى سائەتت ئۇخلاش ئۈچۈن بىر ئالمىشىدىكەن. كامېرىغا سولانغانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى 17ياشتىن، يۇقىرىسى 62ياشقىچە بولغانلار باركەن. بۇلارنىڭ كۆپۇنچىسى ياخشى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن كىشىلەر بولۇپ دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغانلارمۇ باركەن.  

 ئۆز كۆزى بىلەن 9 كامېردىشنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە شاھىد بولۇش

ئۇ ئۈچ ئايلىق مەھبۇسلۇق ھاياتى جەريانىدا دائىرلەر ئۇنى كۆپ قېتىم قىيناپ سوراق قىلغان بولۇپ، چەتئەلدە قانداق ئادەملەر بىلەن ئارلىشىدىغانلىقى، قايسى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقى قاتارلىق. ئۇ سوراق جەريانىدا يولۋاس ئورۇندۇقنىڭ تەمىنىمۇ تېتىپ باققان بولۇپ، مەجبۇرى ھالدا نامەلۇم دورىنى يىيىشكە مەجبۇرلانغان، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن كۆپ خورلۇققا ئۇچرىغان ۋە ئازاپلانغان. » مەن بۇنداق قىيىن قىستاق ۋە ئازاپقا ئۇچۇرىغاندىن ،ئۆلۈپ كىتىشىكە رازى ئېدىم، مەن ئۇلاردىن مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئۈتۈندۈم.» 

ئۇ يەنە كامېردىكى 68 نەپەر كامېردىشىنىڭ ئىچىدىن، 9 نەپەر كىشىنىڭ خورلۇق ۋە قىيىن قىستاق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۈچ ئاي ئىچىدە 68 ئادەمدىن  9كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە شاھىد بولدۇم، بۇ مەن تۇرىۋاتقان مۇشۇ كىچىك ناھىيىدىكى 210-نومۇرلۇق كامىېردا يۈز بېرىۋاتقان ئىش، ئۈچ ئايدا  9ئادەمنىڭ ئۈلۈپ كىتىشى….مەن پۈتۈن ۋەتىنىمىزدە قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.

ئۇ ئەڭ ئاخىرى يەرلىك ھۆكۈمەت تەرپىدىن باللىرىنى مىسىرغا ئاپىرىپ قويۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن. لېكىن چوقۇم قايتىپ خىتايغا قايتىپ كىلش بۇيىرقى بېرىلگەن. مېھرىگۈل قاھىرەگە كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكىمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ 9-ئايدا غەلبىلىك ئامېرىكىغا كەلگەن.

 

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتەلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://thestandnews.com/china/我求他們殺了我-新疆再教育營倖存者-憶述被虐細節/#

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتاي باش ئەلچىسى: خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدىكى ھەرقانداق جازاسىغا قارىتا ئۆچ ئالىدۇ

چا نويابىر 28 , 2018
خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى تەرۇز قىلدى دېگەن باھانە بىلەن مۇقىمسىز شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) رايۇنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى جازالىسا، خىتاي " ئوخشاش نىسبەتتە" ئۆچ ئالىدۇ، بېيجىڭ بۇ رايۇندا تېرورچىلارنى "قايتا تەربىيلەۋاتىدۇ".

You May Like