مەمەت توختى: كاناداغا كۆچمەن بولۇشقا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

10- نويابىر گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. كېڭەش ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ئىقتىسادى كىرزىسى ۋە تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۈچ مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا يۆتكەش قارارى ئېلىنغان ئىدى.

ئاپتۇر: ئىقبال

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-24

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

10- نويابىر گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. كېڭەش ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ئىقتىسادى كىرزىسى ۋە تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۈچ مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا يۆتكەش قارارى ئېلىنغان ئىدى.

تىزىملاش باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، دىئاسپورادىكى بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىددىي بەس-مۇنازىرە باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. قىسمەن كىشىلەرنىڭ سەلبىي كۆز قاراشلىرى ھەم ئېقىپ يۈرگەنىدى. ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا شۈبھە ۋە تەشۋىشلەر تۈركىيەدىكى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنى بىرئاز ئىككىلەندۈرگەن بولسىمۇ كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار بۇ قاراردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىسپاتلىدى.

بۈگۈن ئەتىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئۆزىنىڭ ڧېيسبۇك ھېسابىدا كاناداغا كۆچمەن بولۇشقا تىزىملاتقانلار سانىنىڭ ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن، ئەلرايى ۋە ئەمەلى شارائىتنىڭ نامسىز كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتەلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

ۋەتەندىن كەلگەن نىدا

دۈ نويابىر 26 , 2018
ۋەتەندىن يەتكۈزۈلگەن دەپ قارىلىدىغان ئۇچۇر

You May Like