ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فەيرفاكسىدا جايلاشقان مېھرىبان ئانا مەكتىپى پروگرامما دىرېكتورى ئىرادە كاشغەرى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەزەربەيجان مەدەنىيەت كۆرىكى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى، 7-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىپەك يولى يارمەنكىسىنى تونۇشتۇردى.
