مەھمۇت قەشقەرى شىئېر كېچىلىكى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

مەھمۇت قەشقەرى شىئېر كېچىلىكى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

ئامىنە سەدەف خەۋىرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26 – سېنتەبىر

ياش شائىر ئىمران سادائىنىڭ پىلانلىشى ، ئۇيغۇر پىروجەكتىنىڭ ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللاپ -قۇۋۋەتلىشى بىلەن 25- سېنتەبىر ئىستانبۇل تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسىدە « مەھمۇت قەشقەرى شىئېركېچىلىكى » مۇۋپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى .

كېچىلىككە تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى مەھمۇت بېيىكلى ، ژۇرنالىست ئەلى رىزا ئەپەندى ، بۇرسا ئۇلۇ تاغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىراففىسورى ، شائىر ۋە مۇزىكانت دوتسېنت ئەردەم ئۆزدەمىر ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ، پېشقەدەم ئۇيغۇر شائىرەسى نۇر ئەلا كۆكتۈرك تۈرك ۋە بىر قىسىم‌ ياش شائىرلار ۋە شىئېر ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى .

بۇ قېتىملىق كېچىلىك تۈرك تىلىدا ئۆتكۈزۈلدى ئالدى بىلەن  تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى مەھمۇت بېيىكلى  ئېچىلىش سۆزى قىلدى . ئارقىدىن ياۋرۇپا مۇقام ئانسامبىلى ئەزالىرىدىن مۇختەر جانباز ، مۆمىنجان  ئەپەندىلەر ۋە جىنەستە خانىم بىر قانچە مۇزىكا ئورۇنلىدى . پىروففىسور ئەردەم ئۆزدەمىز ئەپەندى ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقىدى ۋە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ،  ئالىمجان غەمناكى  ، مەخمۇتجان قاتارلىق شائىرلار شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى .

پروگرامما باشتىن ئاخىر قىزغىن ھېسسىيات ۋە ھاياجان بىلەن داۋاملاشتى .

بۇ خىلدىكى‌ شىئېر كېچىسى ۋە ئەدەبىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى پات – پات ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە شىئىرىيتىنى قېرىنداش مىللەتلەرگە تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

ئىلھام روھى- ئۇيغۇرغا ئىلھامدۇر!

يە سېنتەبىر 26 , 2021
ئىلھام روھى- ئۇيغۇرغا ئىلھامدۇر!

You May Like