ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 21- ئۆكتەبىر
گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى
تەييارلىغۇچى: ئارمان
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى(Australian Strategic Policy Institute) سەيشەنبە كۈنى (19-ئۆكتەبىر) «شىنجاڭ دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە ئىجرا قىلغان ھەرخىل سىياسىي ھەرىكەت تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مەزكۇر دوكلاتتا مىڭلىغان يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دوكلاتى، ۋە باشقا رەسمىي ھۆججەتلەر نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستاندا قوللىنىۋاتقان باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ماۋزېدۇڭ دەۋرىدە تەشۋىق قىلىنغان «سىياسىي ھەرىكەتلەر ئۇسلۇبىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش» بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقى بارلىقى بايقالغان. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە: ئىلگىرى ئاشكارىلانغان كەڭ كۆلەمدىكى تۇتقۇن ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋەقەلىرىدىن باشقا، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئاتالمىش «سىياسىي سەھنىلەر» گە ئېلىپ كېلىنىپ «ئاممىۋى ھۆكۈم، ئاممىۋى تەنقىد، پاش قىلىش، قەسەم بېرىش، شوئار توۋلاش» دېگەندەك سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشتۇرىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جەريانىدا بەش ھالقىلىق سىياسەتنى قوللىنىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشلىرىغىچە سىڭىپ كىرىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ بەش سىياسەت تۆۋەندىكىچە يەنى: 1.ھەرقايسى مەھەللىلەردە ساقچىخانا قۇرۇش؛ 2. ئىنتېرنېت تورىنى سىستېمىلىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ 3. ئاھالە زىيارىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ 4. « ئۈچ بىر خىزمەت مېخانىزمى» نى ئىلگىرى سۈرۈش؛ 5. «ئون ئائىلىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇش» قاتارلىقلار ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە: يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سىياسەتلەر شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان) دىكى يەرلىك مەھەللە كادىرلىرى شۇنداقلا يېزا كادىرلىرىغا ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەمەلدارلار يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىنى، ھەتتا ھېسسىي تۇيغۇلىرىغىچە نازارەت قىلالايدىكەن نەتىجىدە بۇ خىل ئەھۋال ئاھالىلەر ئارىسىدا قورقۇنچ كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدىكەن. مەسىلەن مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تورىدا ھاياتقا بولغان ئۈمىدسىزلىكنى ئىپادىلەپ يازما ئېلان قىلغاندىن كېيىن يەرلىك دائىرىلەر ئۇنى مۇقىملىققا تەھدىت دەپ قاراپ دەرھال ساقچىلارنىڭ كۆزىتىش نىشانىغا ئايلاندۇرغان.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى، ئاۋسترالىيە لا تروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (La Trobe University) خىتاي مىللىي سىياسىتى پروفېسسورى جەيمىس لېيبولد(James Leibold) گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: « شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەھەللىلەرنى ئاساس قىلغان كونترول قىلىش مېخانىزمى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئاساسى قاتلامنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ خىلدىكى باشقۇرۇش مېخانىزمىدا ئاساسلىقى ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ مۇقىمسىزلىقنى ۋە ئوخشىمىغان پىكىر ئىدىيەلەرنى تۈگىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، نەتىجىدە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھاكىمىيەت ئۇلىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھازىر بۇ خىلدىكى ئاساسى قاتلامنى باشقۇرۇش مېخانىزمى شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقىي ھەل قىلغۇچ ھالقىسىغا ئايلاندى. بۇ خىل ئۇسۇل يەرلىكتىكى رەھبەرلىكنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتتى، مەھەللە ياكى يېزا كومىتېتلىرىغا مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ بىز ھازىر يەرلىك ئەمەلدارلار ياكى ئورگانلارنىڭ ھوقۇق ئىمتىيازلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز.»
جەيمىس لېيبولد نىڭ قارىشىچە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا بۇنداق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇنداق ئىككى مەقسىتى بار ئىكەن، يەنى بىرىنچىدىن كومپارتىيەنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى كونتروللۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش، ئىككىنچىدىن ئىشەنچلىك خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ رايوندىكى مۇھىم قارار چىقىرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش. نەتىجىدە بۇ نىشانلارنىڭ ھەممىسى شەرقى تۈركىستاندا مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرى خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ماۋ دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ھەرخىل سىياسىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «شىنجاڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتى» تارمىقىدىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش قوماندانلىق ئورگىنى» نىڭ بىۋاسىتە ئىجرا قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بىرلەشمە مەشغۇلات سۇپىسى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە توپلاۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
دوكلات ئاپتورىنىڭ دېيىشىچە ئاتالمىش « تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش قوماندانلىق ئورگىنى» ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يولغا قويغان «قايتا تەربىيەلەش» سىستېمىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، دائىرىلەر بۇ ئورگان ئارقىلىق قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى نازارەت قىلىدىكەن. دوكلاتتىن قارىغاندا «شىنجاڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتى» ھازىر ناھايىتى كۈچلۈك ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ئايلانغان، چۈنكى ئۇلار بارلىق نازارەت قىلىش تېخنىكىلىرىنى كونترول قىلغان ھەمدە شىنجاڭنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۇن تەرىپىدىن قۇرۇلغان سىستېمىلاشقان باشقۇرۇش مېخانىزمىغا ۋارىسلىق قىلغان.
دوكلات ئاپتورىنىڭ بايقىشىچە، يەرلىكتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنداش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا يەرلىك قانۇن تۈزۈملەرنى يولغا قويغان بولۇپ، بەزىبىر ساقچى ئورگان تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنى بۇ رايوندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئائىلىسى بويىچە قولغا ئالىمىز دەپ تەھدىت سالغان. يەنە بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنى « جەمئىيەتتىن نارازى بولغان»، «مۇقىم ئادرېسى يوق»، «مۇقىم كىرىمى يوق» دېگەندەك يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن قولغا ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان.
ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېكرام ئىمىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئەر 2017-يىلى قايتا تەربىيەلەش لاگېرىغا ئەۋەتىلگەن. ئەۋەتىلىش سەۋەبى بولسا يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ پەقەتلا يۇقىرىدىن چۈشۈرگەن تۇتۇش سانىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر ئۇيغۇر ئەر لاگېردا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بولسىمۇ داۋالىتىملىغان، ساقچىلار ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا دورا كىرگۈزۈپ بېرىش تەلىپىنىمۇ رەت قىلغان.
دوكلاتنىڭ ئاپتورى توپلىغان رەسمىي ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتايلار بولۇپ، 2021- 9- ئايغا كەلگۈچە شىنجاڭدىكى ھېچقانداق بىر ناھىيەنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ئۇيغۇر بولمىغان. ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان: « بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ۋەدە قىلغان مىللىي ئاپتونومىيەنى يوقاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى، شۇنداقلا خىتايلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان پارتىيە يادروسىدىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىرقچىلىقنىڭ ئىسپاتى».
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا 2021- يىلى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن ياڭ فا سېن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە ئۇ «سىياسىي ھەرىكەت ئارقىلىق قانۇن ئىجرا قىلىش» مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاساسلىق كىشى ئىكەن. دوكلات ئاپتورىنىڭ تەكىتلىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قايتا تەربىيەلەش خىزمىتى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشلىرىغىچە تەتبىقلانغان ئىكەن. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگىچە ئۆزگەرتىۋېتىشتەك رەزىل مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى ئىكەن.
زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: « شىنجاڭدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار يۈرگۈزۈۋاتقان ئىچكى ھەرىكەتلەر ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست پارتىيەنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەت سىياسەتلىرىنىڭ كارتىنىسى بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرىنى ۋە بىر قىسىم باستۇرۇش ئۇسۇللىرىنى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىمۇ يۈرگۈزۈشكە باشلىدى، شۇنداقلا «مۇقىملىق» نامى ئاستىدىكى بۇ باستۇرۇش سىياسەتلىرى خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ رايونلىرىدا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن».