قسقىچە بىلدۇرگۇ:
بۇگۇن ئەتتىگەندىن بىرى، ماراكەشتە تۇتۇلغان ئىدرس ئىسىملىك قېرىندىشمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، ئايالى ۋە باشقىلاردىن مۇناسۋەتلىك ئەھۋالنى سۈرۈشتۇرۇپ ئىگەللىگەندىن كىين،بۇ مەسلىنى جىددى ھالدا مەخسۇس ھۇججەتلەشتۇرۇپ، تەرجىمە قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئشلار منستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈمىگە يەتكۇزگەن ئىدۇق، بۇ ۋەقەگە جىددى قارايدىغان ۋە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
بۇنىڭدىن باشقا 100دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بۇ ھەقتە تەييارلىغان ئىنگىلىزچە يازمىنى ئەۋەتتۇق ۋە ئنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى خەۋەرلەندۇردۇق. يەنە ماراكەشتىكى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ھۆكۈمەت بىلەن بۇ ھەقتە ئالاقە قىلىدىغان بولدى.ئەمما ئىدرس ھەققىدە كەلگەن ئۇچۇرلاردا بىر قسم پايدىسز ئۇچۇرلارمۇ بار،يەنى ئۇ داۋاملىق خەتەر ئىچىدە
بىز باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ ئىدرسنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن ھەرىكەت ئىلىپ بىرىشقا ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن بىرگە، باشقا دۆلەتلەرگە رەسمىيەتلەر تولۇق بولمىغان ياكى غەيرى قانۇنى يول بىلەن سەپەر قىلىشنىڭ خەتىرىنى داۋاملىق ئەسلىتىمىز!
ھىچكىم ھىچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ.قالايمىقان ،قارىغۇلارچە تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
بىز نەچچە رەت بۇنداق ھادىسلەردىن ئاگاھلاندۇردۇق.بىزنىڭ قولىمىزدىن ھۆكۇمەتلەر ۋە تەشكىلاتلارغا «مۇشۇنداق ئىش بولدى »دەپ يەتكۇزۇشتىن ئارتۇق ئىش كەلمەيدۇ.شۇڭا بىرىگە ئۇمىد باغلاپ خاتا قەدەم ئىلىشتىن ساقلىنايلى.بىز ئىلگىرى ئىيتقاندەك،ئاگېنىتلىقىمىزنىڭ ئادەم قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى ۋە فۇنكيسىسى يوق.بىزنى بۇنداق ئىشلاردا ئىزدىمەسلىكىڭلارنى ئۇمىد قىلىمىز. چوڭ تەشكىلاتلىرىمىز ۋە شەخسلرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس ئورگان ۋە ئادەم كۇچى بار.بىزنى ئىزدىسەڭلار پەقەت كۆڭلىمىز يېرىم بولۇش ۋە دۇئا قىلىشتىن باشقا ئەمەلى ياردەم قىلالمايمىز.
ئنشائاللا بۇ ئشنىڭ خەيرلىك تەرىپىنى ساقلايمىز.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان