ماراكەش ھۆكۈمىتى: ئىدرىس ھەسەن-خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن تۇتۇلغان

ماراكەش دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا،«ئىدىرىس ھەسەن خەلقئارالىق ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئايرودۇرۇمدىلا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئىدىرىس ھەسەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق گۇماندار ».

ماراكەش ھۆكۈمىتى: ئىدرىس ھەسەن-خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن تۇتۇلغان.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2021-يىلى، 28-ئىيۇل

ماراكەش دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا،«ئىدىرىس ھەسەن خەلقئارالىق ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئايرودۇرۇمدىلا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئىدىرىس ھەسەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق گۇماندار ».

ماراكەشنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ «ئىدرسنى قانداق پاكىتقا ئاساسەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق دەپ قارايسلەر؟ئۇنى قانداق بىتەرەپ قىلماقچى بولۇۋاتىسلەر؟»دىگەن سوئالىغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە چۈشتە سورىغان سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: بىز ختتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى زاكونلىرىدىن ھەمىشە گۇمانلىنىمىز، بىز ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسىدە داۋاملىق ئىشلەۋاتىمىز»دەپ جاۋاپ بەردى.

 

ئەنگلىيە مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر پائالىيەتچى (مەزكۇر گېزىت ئىدرسنى ئۇيغۇر ئاكتىۋسىت دەپ ئاتىغان) ئىدرس ھەسەن-ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرى مۇھەممەد سى ئايروپورتىدا تۇتۇلغان بولۇپ،مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاممىسى سوسيال مېدىيادا تەشكىللىگەن ئىدرسنى قۇتقۇزۇش ھەرىكتى داڭلىق تاراتقۇلار، ھۆكۈمەتلەر ۋە ماراكەش ھۆكۈمىتىنىىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئىدىرىس ھەسەننىڭ ئايالى زەينۇرە خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئىدرىس ھەسەن ئەزەلدىن ھېچقانداق تېررولۇق ياكى زوراۋانلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان، كىشلەرگە قولىدىن كېلىشچە ياخشىلىق قىلىدىغان ، مىجەزى ياخشى، سەمىمى ۋە ئاق كۆڭۈل ياخشى ئەر ئىكەن.

ئىدرىس ھەسەننىڭ دوستلىرى سوسيال مىدىيادا «ئىدرىس ئەزەلدىن تاغقا چېقىپ باقمىغان،سەمىمى ۋە ياردەم سۆيەر ئ‍نسان ئىدى» دېگەن.

 

مۇھاپىزەتچى گېزىتنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ سۆزلىرىنى نەقلى قىلىپ  خەۋەردە دېيشلىچە، ئىدرىس ھەسەن ئۇزۇندىن بىرى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سياسىي ھەرىكىتىدە ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر بىلىمى ئارقىلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ،لايىھىلەش، تور بېكەت ياساش، گۇۋاھلىقلارنى رەتلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغان.تۈركىيە دائىرلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغاندىن كىيىن،تۈركىيىدە تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولماي،ماراكەشكە بېرىپ پاناھلانماقچى بولغان.

مەراكەشلىك ئ‍نسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى تالھا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: ئ‍ىدرس مەسىلىسى-خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندى،ئامېرىكا ماراكەشكە ئىدرسنى ختتايغا ئۆتكۈزۇپ بەرمەسلىككە بېسىم چۈشۈرمەكتە،ختتاي ماراكەشكە ئىدرسنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بېسىم چۈشۈرمەكتە.بۇنداق ئەھۋالدا،خەلقئارالىق ھەرىكەتلەرنىڭ رولى ئىنتايىن زور،ئۇيغۇرلار جىددى ھەرىكەتكە كېلىشى،سوسيال مىديالاردا توختىماي ھەرىكەت قوزغاپ،تاراتقۇلار ۋە ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم چۇشۇرۇشى كىرەك »

Uyghur Reporter

Next Post

بايدىن : ختتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى ستىۋىلىش قانۇنى» تۈزۇش كىرەك.

چا ئىيۇل 28 , 2021
ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 28-ئىيۇل ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش مەخسۇس يېغىنى چاقىرىپ، سودا-سانائەت ساھەسدىكىلەرگە ئامېرىكىنىڭ ئ‍ئىشلەپچىقىرىش ۋە سانائەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى،ئۇ يەنە سانائەتكە 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ يەنە تەيۋەن كارخانىلىرىنى ئامېرىكىغا باشلاپ كىرىپ،ختتاي كارخانىلىرىنى ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like