تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
(ئۇ خ ئى -ئانالىز-19)
ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسرنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە ئىككى مۇستەقىل مىللى ۋە دىموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشى ئۇيغۇر ۋە باشقا قىرىنداش خەلقلەر ئۈچۈن چەكسز تارىخى، سياسى ۋە مىللى ئەھمىيەتكە ئىگە. مەزكۇر ماقالە قۇرۇلۇپ قسقا ۋاقىت داۋام قىلغان مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەھمىيىەتلىرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.
بىرىنچى: مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت-ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكتىپ مىللى مۇستەقىللىق ئىرادىسنى نامايان قىلغان.
مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش-ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا قىرىنداش خەلقلەرنىڭ كوللىكتىپ شەكىلدە ئۆز ئانا-تۇپرىقىغا مۇستەقىل ئىگە بولۇش ئىرادىسنى نامايان قىلغان كۈچلۈك ھادىسە ھسابلىنىدۇ.مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تارىخى ئامىللىرى كۈچلۈك مۇجەسسەم بولغان ئىككى مۇھىم شەھەر-قەشقەر ۋە غۇلجنى مەركەز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا يۇرت ۋە شەھەرلىرىدىكى بارلىق سياسى كۈچلىرىنى بىر يەرگە جەملىيەلىگەن ، مۇستەقىل ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى فۇنكىيسەلىك تارماقلىرىدا لايىق خىزمەت قىلىدىغان كىشلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ ۋە سايلاپ چىقالىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك كوللىكتىپ ئىرادىسنى نامايان قىلىدۇ.
ئەينى چاغدا مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەت-مۇستەقىللىققە تەلپۈنۈش-ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارسىدىكى ئومۇمى ئاۋازغا ئايلانغانلىقىنى نامايىش قىلىدۇ.
ئىككىنچى: مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت -ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى كۈچ سۈپىتىدە ئۇيۇشالايدىغانلىقىنى نامايان قىلغان.
ئۇيغۇرلار مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش مۇساپىسدە، تۈرلۈك ئىدىئولوگىيەلىك، جۇغراپىيەلىك، ئېىتنىك، ئىچكى ۋە تاشقى سياسى مەنپەئەت توقۇنۇشى ۋە ئېقتسادى پەرقلەردىن شەكىللەنگەن ئېجتىمائى بۆلۈنۈشلەرگە دۇچ كەلگەن.ئەمما رەھبەرلىك قاتلىمى، چوڭ بايلار، جامائەت ئەربابلىرى،دىنى ئۆلىمالار، زىيالىيلار ھەممىسى ھەمكارلىشپ ئورتاق بىر مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشنى ئشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىرلىككە كەلگەن سياسى كۈچ سۈپىتىدە ئۇيۇشۇپ، ئورتاق مىللى غايىنى ئشقا ئاشۇرۇشتا شەخسى مەنپەئەتلىرىنى مەركىزى نۇقتا قىلىش ۋە بۇ سەۋەبتىن كىلىپ چىقىدىغان توقۇنۇشلاردىن ساقلىنىشقا تىرىشقان.
ئۈچىنچى: مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت-ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسردىكى زامانىۋى دۆلەت قۇرۇلمسنى تەسەۋۇر ۋە تەشكىل قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ.
20-ئەسردىكى ئۇيغۇرلار قۇرغان شەرقى تۈركستان جۇمھۇرىيەتلىرى شۇ دەۋرنىڭ ۋە ھازىرنىڭ قوبۇل قىلىنغان دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى قۇرۇلمسنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرەلىگەن ۋە ئىجرا قىلغان. جۇمھۇرىيەت- خەلقنىڭ ئاۋازىغا ، كۆپ سانلىققا ھۈرمەت قىلىدىغان دىموكراتىك دۆلەت،ئۇنىڭدا پىرەزدىنت سايلاپ چىقىلىدۇ، مەجلىس قانۇن ئارقىلىق ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرسنى بەلگىلەيدۇ.پۇقرالار قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولىدۇ.بۇ خىل نەزەرىيەلەر ئۇيغۇر جۇمھۇرىيەتلىرىدە تولۇق ئشقا ئاشقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر قايسى منسترلىكلەر تەسس قىلىنپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇنتىزىم ۋە فۇنكسىيەلىك تەشكىللىنىشى ئۈچۈن ئاساس ياراتقان.
تۆتىنچى: مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت-ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىللىققا ۋەكىللىك قىلالايدىغان جۇمھۇرىيەت بەرپا قىلالايدىغانلىقىنى نامايش قىلىدۇ.
ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ جۇغراپىيەلىك تەۋەسىدە ۋە ھۆكۈمەت تەركىۋىدە گەرچە ئۇيغۇرلار كۆپ قسم بولسمۇ،ئەمما باشقا تۈركى قىرىنداشلاردىن قازاق ، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتارلارمۇ بار ئىدى، موڭغۇل، خۇيزۇ ، ختايلارمۇ پۇقرا ئىدى، بۇ جۇملىدىن مەزكۇر جۇمھۇرىيەت ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە ئاكتىپ قاتنىششغا پۈتۈنلەي ئىشك ئاچقان، ختاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زۇلۇمىدا ئورتاق مۇشكۇللەرگە دۇچ كەلگەن ئىزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ ۋەكىلللىرى سۈپىتىدە ، ئەركىن،ئادىل، باراۋەر بولغان بىر دۆلەت قۇرۇشقا ئىدىيە ۋە كۇچ چىقىرىشى ئۈچۈن تەشكىلى ۋە قانۇنى ئاساس ياراتقان.
بەشىنچى: مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت-ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ قان تەر بەدىلىدە بەرپا قىلىنغانلىقىنىڭ تارىخى مسالىدۇر.
ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش مۇساپىسگە قارايدىغان بولساق، ختايغا قارشى قوزغالغان دىھقانلار قوزغىلىڭىدىن باشلىنىپ، سسستىمىلىق ئىنقىلاپقا ئايلانغانغا قەدەر بولغان جەرياندا، ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبەكلەر ئىنقىلاپقا ئاكتىپ قاتنىشپ، زور ساندا قۇربان بەرگەن، شەرقى تۈركستاننىڭ جەنۇبى ۋە شمالىدا، تاغ-باياۋانلاردا، شەھەرلەردە يىللارغا سوزۇلغان قانلىق جەڭلەردە ختاي مىللەتچى ئارميسى بىلەن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلغان ۋە قەھرىمانە داستانلىرىنى ياراتقان، مىڭلىغان ياش يىگىت-قىزلار ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.ئۇيغۇرلار ۋە قىرىنداش خەلقلەر تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم قانلىق بەدەل تۆلەشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ ، ئەمەلىيەتتە بەدەل تۆلىگەن ۋە مەقسەتكە يەتكەندۇر.
ئالتىنچى: مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت-خەلقئارا جەمئىيەتكە شەرقى تۈركستاننىڭ ختاي زىمىنى ئەمەسلىكىنىڭ ئسپاتى
بىرلىكسەپ ئاساسدىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قەشقەر ۋە غۇلجىلاردا قۇرۇلۇپ، ئايلاپ، يىللاپ مۇستەقىل شەكىلدە سياسى، دىپلوماتىك ۋە ھەربى ھەرىكەت ۋە مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بارغان. مۇستەقىل دۆلەت ئاپپاراتلىرى تەسس قىلىنىپ، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقى ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۇپراقلارنىڭ ئىگىسى ئىگەنلىكىگە بۇنىڭدىن باشقا تارىخى پاكىتلار نۇرغۇن، ئەمما بۇ ھادىسە بۈگۈنكى سياسى ۋە جۇغراپىيەلىك نۇقتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىن ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرلىگەن ھالدا ئسپاتلايدۇ. ئەگەر ختاي داۋا قىلغاندەك، بۇ تۇپراقلار ختاينىڭ زىمىنى بولسا ئىدى ، بۇنداق بىر رىئاللىق ئشقا ئاشمىغان بولاتتى.
يەتتىنچى: مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىمىز-ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئىپتىخارى ۋە روھى ئىلھام مەنبەسى؛
ئىككى جۇمھۇرىيتىمىز يۇقىرىدىكى بارلىق ئامىللار سەۋەبلىك، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەنسزلىك ۋە قىرغىنچىلىققا، ئاسسلماتسيەگە دۇچ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چەكسز روھى ئىلھام ۋە ئىپتىخار مەنبەسىدۇر.ئۇيغۇرلار ئىككى جۇمھۇرىيتىمىزنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەۋجۇىيەت ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئاساسى ۋەقە سۈپىتىدە يادلايدۇ، ئۆگىنىدۇ، تەجرىبە ئالىدۇ، كۆرەش روھىنى چېڭىتىدۇ.
سەككىزىنچى: ئىككى جۇمھۇرىيەت-ئۇيغۇرلارنىڭ كىينكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك
ئىنقىلاپ جەريانى، سياسى كۈچلەرگە ئۇيۇشۇش، ھۆكۈمەت تەشكىللەش، ھەربى يۈرۈش ۋە جەڭ قىلىش، دىپلوماتىك پائالىيەتلەر، مالىيە ۋە مائارىپىنى باشقۇرۇش، ھەر قايسى گۇرۇپپىلاردىن ۋەكىل سايلاش جەھەتتە مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر كىينكىلەر ئۈچۈن مۇھىم ئۆرنەك، ئىزدىنىش تېمىسىدۇر.
توققۇزىنچى: مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنىڭ مەغلۇبىيتى-چەكسز تارىخى ساۋاق
مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلىرىمىز گەرچە شانلىق ئەھمىيەتلەرگە ئىگە بولسمۇ، ئەمما ئەينى دەۋردىكى گىئوپولىتىكىلىق مۇھىت ۋە سياسى كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك مۇداخىلە قىلىشى، ئىچكى جەھەتتىكى پېشپ يتىلىش ۋە مەھكەملىششنىڭ يتەرسزلىكى سەۋەبلىك قسقا مەزگىلدىن كىين دۇنياۋى سياسى كۈچلەر ئارسدىكى مەنپەئەت مۇناسۋىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇلدى.مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ غەلبىسى ۋە مەغلۇبىيتى بىزگە تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىدىغان يۈزلەرچە مۇھىم تېمىنى تاشلايدۇ. تەجرىبە، ئۆرنەك شەكلىدە ئەگىشش ۋە رەت قىلىشقا ئۈندەيدىغان مساللارنى بىرىدۇ.