ئابدۇقادىر جۈمە
مەن كېچىدە تۈگىمەندىن يالغۇز يانمىغان،
قارا ياغاچ ياكى يالغۇز سېدە ئاستىدا ئۇخلاپ قالمىغان.
ھەر دائىم كېچىدە،
ناتونۇش يەرگە پوش -پوش دەپ سىيىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان،
ياكى بىر تەتۈر قۇيۇن مېنى ئۇچۇرۇپ كېتىپ 40كۈندىن كىيىن مەھەللەمگە تاشلاپ قويمىغان.
لېكىن، مەن…
ئۇزۇن بىر قاراڭغۇ يولدا،
ئۆزۈمنى تونىيالمىغۇدەك دەرىجىدە تەكرار يۈردۈم،
ناخشىلارنى ئوقۇدۇم،
ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلىدىم.
دوقمۇشتىن شامالدەك قايرىلدىم،
چىراقلاردىن كېسىپ ئۆتتۈم.
مېنى ساقلىمايۋاتقىنى ئېنىق بىر راۋاقنى بەلگە قىلىپ پەشتاقلاردىن ياماشتىم،
ئۈستۈمنى بېسىپ تۇرغان ئەنئەنە،
كۆزۈمنى غەلەتلىگەن ئەرۋاھ،
مەن قىستىلىپ قالغان ئىشىكلەر.
مەن ئالدانغان ئىماگلارغا پەرۋا قىلماي،
زۇلمەتتىن زۇلمەتكە،
يوقلۇقتىن يوقلۇققا ماڭدىم.
ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم…
مېنى كۆتۈرۈپ تۇرغان كۈچ،
ئەڭ ئىپتىدائىي،
ئەڭ رەسۋا،
ئەڭ مۇدھىش…
ئەڭ مەۋھۇم نۇقتىغا مېنى مىخلىدى،
مىخلاندىم، قۇتۇلالمىدىم.
بۇ…
مەستلىك، ھۇزۇر ياكى ئالجىش بولۇشى مۇمكىن،
بۇ بىر خىل ئامالسىزلىق،
بىرخىل سۈيقەسىت،
بىر خىل تەكرارلىق،
بىر خىل قۇتۇلالماسلىق،
بىر خىل بەرباتلىق بولۇشى مۇمكىن…
مەن تەقدىرنىڭ ئىنسان تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن پۈتۈلىدىغانلىقىنى بىلىمەن،
ئۆزۈمنىڭ ھەر كۈنى پارچىلىنىپ كېتدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
مېڭەمنى يېرىۋېتەي دەپ قالغان كرىزىس،
مېنى تەسلىم بولۇشقا قىستايدۇ.
بىر تەلۋە، مەست پىتى ھەيدىگەن ماشىنىنىڭ مېنى بىسىپ ئۆتۈپ كېتىشنىمۇ تۇيۇقسىز ئويلايمەن،
لېكىن…
قاپقارا تەنھالىق توزۇپ كەتمەيدۇ.
مەن ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاڭا يەم بولغۇچە،
مېنى چاقىرىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلايمەن.
بۇ بىر خىل تەقدىر،
مەن تەقدىرنىڭ ئىنسان تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن پۈتۈلىدىغانلىقىنى بىلىمەن.
ئۆزۈمنىڭ ھەر كۈنى پارچىلىنىپ كېتدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن،
ھەر كۈنى دېرىزەمنى چېقىپ كىرگەن قۇياش نۇرىدىن،
ھەر كۈنى مېنى سۆرەپ كېتىۋاتقان كېچىدىن،
ھەر كۈنى تەكرار قايرىلغان دوقمۇشتىن.
مېنى ساقلىمايۋاتقىنى ئېنىق راۋاقنى بەلگە قىلىپ ياماشقان پەشتاقتىن…
ئۈستۈمنى بوغۇپ تۇرغان ئەنئەنىدىن،
مەن پاتمايۋاتقان ئىشىكتىن.
قۇتۇلالمايمەن،
بۇ بىر كەچمىش،
بۇ بىر تەكرارلىق…
بەلكىم ئەتراپتىن ئىزدىگەنلىرىم تارىختىن بۇرۇنقى ئىشلار،
ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ قەھرىمانلىق دەۋرىدە خاتىرىلەنمىگەن،
ئورخۇن بويلىرىدا يۈز بەرمىگەن.
مەن ئويلايمەن…
مەن بەلكىم ئەپسانىلەرگە كۆمۈلۈپ قالغان ئەپسانە بولۇشۇم مۇمكىن،
ئۇلارنى كېيىنكىلەرگە دەپ بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.
مەن مەڭگۈ ئۆلۈمنى داۋام قىلىمەن،
مەن مەڭگۈ مۇھەببەت ئىچىدە ئۇخلايمەن،
مەن چەكسىز ئۈمىدسىزلىكتە ئويغىنىمەن.
مەن تۇيۇقسىز جۆيلۈيمەن،
ئەي زۇلمەت،
ماڭا جىن چاپلاشقان!
ئەي ماڭا چاپلاشقان جىن!
ئەي مەن ئاشىق بولغان بەرباتلىق،
ئەي مېنى ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنغان قاراڭغۇلۇق،
ئەي ماڭا تەكرار ئوقۇلغان ئەپسۇن.
سىلەر بىلمەيسىلەر…
مەن مېنى ئۆزگەرتىۋىتىشكە ئۇرۇنغان مۇھەببەتكە ئالدانمايمەن،
ماڭا مېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇلغان ئەپسۇن كار قىلماس.
ئەمما مەن بىلىمەن…
مەن مەھكۇملۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى ئورماندا چىڭ تۇرىمەن.
تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە يەتكەندە،
مەن يەنە مۇشۇ يەردە قالىمەن.
2015-يىل12-ئىيۇن ئۈرۈمچى
مۇھەممەتجان جۈمە ئەپەندىنىڭ فەيسبۇكىدىن ئېلىندى.