مالايسىيا : ماھاتىر خىتاينىڭ جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بەلگىلىشىنى تەلەپ قىلدى

فىلىپپىندا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىۋاتقان مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەت 3- ئاينىڭ 7- كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشلىرىغا قارىتا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ئىگىلىك ھوقۇقى»نىڭ دائىرىسىنى بەلگىلىشى كېرەك، شۇ ئارقىلىق باشقا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بۇ بايلىقلىرى مول بولغان بۇ دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىشى كېرەك.

تەييارلىغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-03-07

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

فىلىپپىندا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىۋاتقان مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەت 3- ئاينىڭ 7- كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشلىرىغا قارىتا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ئىگىلىك ھوقۇقى»نىڭ دائىرىسىنى بەلگىلىشى كېرەك، شۇ ئارقىلىق باشقا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ  بۇ بايلىقلىرى مول بولغان بۇ دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىشى كېرەك.

ماھاتىر پەيشەنبە كۈنى مانىلادىكى يەرلىك خەۋەر قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارىتىدە بۇ بېسىق دېڭىز يولىدا دېڭىزدا قاتناش ئەركىنلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئەگەر چەكلىمە بولمىسا « خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپى بىزگە كۆپ تەسىرى كۆرسىتەلمەيدۇ» دېدى.

خىتاي ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بىر غېرىچمۇ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، بۇ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئۆزلرىگە ئاتا بوۋىلىرىدىن قالغان تەۋەررۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپلىرى

مالايسىيا، فىلىپپىن، تايلاند، برۇنېي ۋە تەيۋەن قاتارلىقلار جەنۇبى خىتاي دېڭىزىنىڭ بەزى قىسىمىغا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ، بىراق خىتاي بۇ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.

كۆپ يىللاردىن بېرى، خىتاي ئىزچىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جەنۇبى خىتاي دېڭىزىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى « ھەرىكەت قائىدىسى» تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، ئىزچىل جىددىي ھالدا خادا تاشلارنى تولدۇرۇپ ئارال ياساۋاتىدۇ، ھەمدە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشنى ۋە ياساشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە: ئەلجەزىرە، ئامېرىكا ئاۋازى

https://www.aljazeera.com/news/2019/03/malaysia-mahathir-asks-china-define-claim-south-china-sea-190307082421266.html

https://www.voachinese.com/a/MAHATHIR-SAYS-SOUTH-CHINA-SEA-MUST-BE-OPEN-TO-NAVIGATION-20190307/4817072.html

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا پنسلۋانىيە شتاتى مۇسۇلمانلىرىغا ئۇيغۇر مەسلىسى تونۇشتۇرۇلدى.

جۈ مارت 8 , 2019
ۋاشنگىىتون شەھىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان بۇگۇنكى مەسللەر ھەققىدە تەپسلى چۇشەنچە بەردى.

You May Like