ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 21- ئۆكتەبىر
تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر قاراخانلې
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق – تۈرۈم، مۇزقايماق سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زەنجىرسىمان شىركەت «مادو» خىتايغا سالغان مەبلىغىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مادو ئەنقەرە چۇكۇرئامبار تارمىقىدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى بىكار قىلغان. پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى بولغان دوكتور ئەركىن ئەمەت سەربەستىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «مادونىڭ خوجايىنى مەھمەت كامبۇر دۇبەيدىن تېلېفون قىلىپ: <بىزنىڭ تارمىقىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمىسۇن> دەپتۇ» دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2022 – يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچىدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك » ماۋزۇلۇق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى بۈگۈن (20 – ئۆكتەبىر) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىننىڭ مادو ئەنقەرە چۇكۇرئامبار تارمىقىدا ئېچىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، مادو مەسئۇللىرىنىڭ تۈنۈگۈن چۈشتە پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ پائالىيەتنى مادو دا ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى مۇئاۋىن رەئىسى دوچەنت دوكتور ئەركىن ئەمەت سەربەستى مۇخبىرىغا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
« خەۋەر تېپىشىمىزچە، مادونىڭ خوجايىنى مەھمەت كامبۇر دۇبەيدىن تېلېفون قىلىپ: »» بىزنىڭ تارمىقىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلمىسۇن، بىزنىڭ جۇڭگودىكى تىجارىتىمىز زىيانغا ئۇچرايدۇ، مادو سىياسەتكە ۋاسىتە بولۇپ قالمىسۇن» » دەپتۇ. ھالبۇكى، مادونىڭ چۇكۇرئامبار شۆبىسىنىڭ 2-قەۋىتىدە، نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار خۇددى بىزگە ئوخشاش ئالدىن زاكاز قىلىش ۋە پۇل تۆلەش ئارقىلىق بۇ خىل زىياپەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.
ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ياكى ھەر خىل ئاممىۋى ئورگانلاردا ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاممىغا ئاشكارىلايدىغان پائالىيەتلىرىمىز خىتاي دىپلوماتلىرى تەرىپىدىن دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى باھانە قىلىپ توسۇپ قېلىناتتى. ئەمدى بولسا بىز خىتاينىڭ سودا ۋە پۇل – مۇئامىلە كۈچىدىن پايدىلىنىپ خۇسۇسىي ئىگىلىكنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز».
ئەركىن ئەمەت ئەپەندىم، 2017-يىلدىن باشلاپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىقتۇر».
مەنبە:
https://serbestiyet.com/haberler/mado-subesindeki-uygur-toplantisini-iptal-etti-cindeki-yatirimlarimiz-zarar-gorur-72931/