ماكرون ياۋروپانى تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

ماكرون ياۋروپانى تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

 ماكرون ياۋروپانى تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

 يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى2023-يىلى 9-ئاپرېل

خىتايدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان ئېممانۇئەل ماكرون پارىژغا قايتىش سەپىرىدە ئامېرىكىنىڭ «سىياسەت»(POLITICO) ژۇرنىلى ۋە فىرانسىيەنىڭ بىرقانچە ئاخبارات قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپانى ئامېرىكىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قالماسلىققا شۇنداقلا تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىققا چاقىرغان.

ماكرون مۇخبىرلارغا مۇنداق دەيدۇ: « يىغىنچاقلىغاندا، ياۋروپا ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى، ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بىر كرىزىسقا ئارىلىشىپ قېلىشى. ئەگەر شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ئۆزىمىزنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى مۇستەقىللىق قۇرۇلۇشىغا ئۆزىمىز توسقۇنلۇق قىلغان بولىمىز…بىز تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا قىزىقامدۇق؟ -ياق. ئەمما ئەڭ چاتاق يېرى شۇكى، بىز بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىمىز»

 خەۋەر قىلىنىشىچە، ماكرون گۇاڭجۇدىن ئايرىلىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى تەيۋەن بوغۇزىدا زور كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پارتلاتقۇچ: ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار ئالىي مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتتى، ئىچكى جاسۇسلار ئامېرىكىغا ئېغىر زىيان سالماقتا

دۈ ئاپرېل 10 , 2023
پارتلاتقۇچ: ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار ئالىي مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتتى، ئىچكى جاسۇسلار ئامېرىكىغا ئېغىر زىيان سالماقتا

You May Like