فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرسۇلا خانىم ئاپرېلنىڭ بېشىدا بىرلىكتە خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 24-مارت

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىريۇسسېلدىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،  24-مارت فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئەل ماكرون بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنى» غا قاتناشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «مەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندېر لەين (Ursula von der Leyen) خانىمغا مەن بىلەن بىرگە خىتاينى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى بەردىم، مەقسىتىمىز بېيجىڭغا بىرلىككە كەلگەن ياۋروپانىڭ ئورتاق ئاۋازىنى يەتكۈزۈش…»

ماكرون يەنە مۇنداق دېگەن: « بىز خىتاينىڭ بىز بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، ھەر تەرەپ توقۇنۇشنى توختىتىپ بالدۇرراق سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز…»

ياۋروپا ئىتتىپاقى باش باياناتچىسى ئېرىك مامەر (Eric Mamer) ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ماكرون بىلەن بىللە خىتايغا زىيارەت قىلىش پىلانىنى دەلىللىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىرىدىن بىرى –كارىزنى ۋەيران قىلىش قەدىمىنى باشلىدى

جۈ مارت 24 , 2023
ئاتام سورىسا، ئانام سورىسا كارىزدا دەڭلەر. قولى ئىشتا، كۆزى ياشتا يۈرۈيدۇ دەڭلەر. تۇرپان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى

You May Like