فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروڭ زور كۆلەمدىكى سودا ئۆمىكىنى يېتەكلەپ خىتايغا قاراپ ئۇچتى

فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروڭ زور كۆلەمدىكى سودا ئۆمىكىنى يېتەكلەپ خىتايغا قاراپ ئۇچتى

 فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروڭ زور كۆلەمدىكى سودا ئۆمىكىنى يېتەكلەپ خىتايغا قاراپ ئۇچتى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 4-ئاپرېل

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروڭ 4-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى زور كۆلەمدىكى فىرانسىيە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يېتەكلەپ بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە ماكروڭنىڭ بېيجىڭ سەپىرى باشلىنىشتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى خىتاب قىلىپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم ماكروڭنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن بۇرۇن ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما پرېزىدېنت بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمىغان. دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ھەقتە فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « مەن پرېزىدېنت كاتىپىنىڭ بىر پارچە ئېلخېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، خەتتە مېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقى ئۈچۈن قىلغان قارشىلىق كۆرىشىمنى مەدھىيەلەپتۇ، ئەمما پرېزىدېنتنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك كۆرۈشۈش ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولمىغانلىقىنى دەپتۇ. مېنىڭ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدىغىنى، چەتئەلدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ماڭا كۆپلەپ تېلېفونلارنى قىلىپ: «قانداق بولدى؟ ھەممە ئىش بۇرۇنقىدەك داۋاملىشامدۇ؟ ئەجەبا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك ھالغا قايتىپ كېلەمدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملاشقىلى 6 يىلدىن ئاشتى، بۈگۈنمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. فىرانسىيە پارلامېنتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما پرېزىدېنتىمىز يەنىلا ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە خىتاي سەپىرى بىلەن ئالدىراش. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سەپەر سېتكىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش يوق. فىرانسىيەنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلىرى فىرانسىيەنىڭ ئىنسانىيلىقنى دۇنياغا نامايان قىلغان بولسا، فىرانسىيە پرېزىدېنتى بۇنى يوقىتىۋاتىدۇ. ماكروڭ ماڭا خۇددى : «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتامدۇ؟ ئۇنداق بولسا نېمە بولۇپتۇ؟» دەۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.

دىلنۇر رەيھان خانىم ئۆزىنىڭ فەيسبۇك بېتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئىممانۈئەل ماكغوڭ بۇ ئاخشام خىتايغا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتكە ماڭىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەن بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، «دۇنيا» گېزىتىدە، پىرىزدىنتىمىزنىڭ مەن بىلەن فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر لاگېر شاھىدىنى قوبۇل قىلىشىنى ۋە سىياسى-ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقىنى قۇربان قىلىۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىپ، ماقالە ئېلان قىلغان ئىدىم.

ئۈلۈشكۈن ئاخشام ھەم بۇ ماقالە بىلەن ئىنستاگىرامدا كامپانىيە ئېلىپ بېرىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، 6000 دىن كۆپرەك ئادەم قاتنىشىپ، مىڭغا يېقىن ئادەم پىرىزدىنىت ئىسمىنى تاگ قىلغان ئىدى. ئاخشام شۇڭا پىرىزدىنىت كابىنىتىنىڭ باشلىقى ماڭا ئېلخەت يېزىپ، گەرچە بىزنىڭ كۈرەشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى چۈشەنسىمۇ، ئەمما پىرىزدىنىت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ زىچلىقى تۈپەيلى، بىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن، مەن، ئەگەر مەسىلە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش بولسا، پىرىزدىنىت قايتىپ كەلگەندە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ساقلايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ نيۇ-يوركتا تۇنجى قېتىم جىنايەتچى سۈپىتىدە سوتقا چىقتى، ئىچكى بۆلۈنۈش يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا

چا ئاپرېل 5 , 2023
ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ نيۇ-يوركتا تۇنجى قېتىم جىنايەتچى سۈپىتىدە سوتقا چىقتى، ئىچكى بۆلۈنۈش يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا

You May Like